توقماق يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 03:07 PM
قاياققا بۇرالغاندا،سولغىمۇ؟.
توقماق ئەپەندى بۇ مەسىلىگە ئېنىقلا بىر جاۋاب بىرىشىڭىز كېرەكتى. يەنە سوئالغا سوئال قويۇپ ئولتۇرۇپسىز...
يوقارقى تورداش موتوسېكلىت بۇرالغاندا دىگەن گەپكە سىز «ئوڭغىمۇ سولغىمۇ؟» دەپ سوئال قويۇپسىز...
موتوۋېكلىت 2 چاقلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى بولۇپ، ئالدى چاق بىلەن كەينى چاقنىڭ تېزلىكى ئوخشاش بولىدۇ. مەيلى ئوڭغا بۇرالسۇن ياكى سولغا بۇرالسۇن، تېنچ مۇھىتتا ئۇچىرايدىغان قارشىلىق، مەركەزدىن قاچما كۈچ ئوڭ سولغا بۇرالغاندا ئوخشاش بولىدۇ.
مەن ئەمدى باش تېمىغا جاۋاپ بېرەي:
باش تېما ئېگىسى دەۋاتقان مەسىلە ھەقىقەتەن مەۋجۈت بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئادەمدىكى بىر خىل خاتا تۇيغۇ. نېمە ئۈچۈن خاتا تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ؟ سەۋەپ: بىز موتوسېكلېتنى ھەيدەپ تۈز سىزىق بويىچە ( مەيلى ئالدى ياكى ئارقا ۋەياكى باشقا تەرەپتىن شامال يوق مۇھىتتا) يول يۈرۈۋاتقاندا بىز ئۇچىرايدىغان ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى پەقەت ئالدىمىزدىن كېىلىدىغان قارشىلىق بىرلا، بۇنداق ۋاقىتتا بىز يانغا (سول ياكى ئوڭغا) بۇرالغاندا بىز ئۇرىرايدىغان ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى ئىككى كۈچكە ئۆزگۈرىدۇ. بىرى ئالدى يەنە بىرى ياندىن بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىز ئۆز بەدىنىمىزنىڭ ئۇچىرىغان قارشىلىق كۈچى، ئەسلىدىكى كۈچتىن چوڭايغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالغاچقا، سۈرئەت تېزلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىمىز.
تېخىمۇ ئىنچىكە تەھلىل قىلساق، بىز يول يۈرگەندە، ئەگەر تېز ماڭساق ئاسان يىقىلىپ چۈشىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. بۇ ئەسلىدىكى شەرتلىك رېفلىكىستىن شەرتسىز رېفلىكىسقا ئايلىنىپ كەتكەن تۇيغۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا بىز بۇرالغاندا ئەمىلىيەتتە سۈرئەتنى ئاستىلىتىمىز. لېكىن باش تېما ئاپتۇرى بۇ يەردە سۈرئەت ئۆزگەرمىگەن دىگەچكە، بىز ئەسلىدىكى سۈرئەتنى ئاساس قىلىپ يۈرۈۋاتقاندا، بىراقلا بۇرالساق ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى بۇرالغان تەرپكە مەلۇم دەرىجىدە قىيسىيىدۇ، ھەم يۈزىمىزگە ئۇرۇلىدىغان ھاۋانىڭ قارشىلىق تەسىرىمۇ چوڭىيىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئادەم مەركىزى نېرۋىسىدا يىقىلىش تۇيغۇسى پەيدا بولغاچقا تەبىي ھالدا شۈرئەت تېزلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىمىز.
باش تېما ئاپتۇرىغا:
سىز ئىشلىتىۋاتقان توكسېكلېت ياكى موتۇسېكلىتنىڭ سۈرئەت كۆرسەتكۈچى سائىتى نورمال بولسا سائەتلىك سۈرئەتنى 30 كلو متېر سائەت قىلىپ سىناپ بېقىڭ، سىزدە يەنىلا ئوخشاش ئەسلىدىكى سۈرئەتتىن خېلىلا تېزلىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇ پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. (لېكىن ئەمىليەتتە ئەسلدىى سۈرئەتنى ساقالاپ قىلىپ سىناق قىلىڭ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-25 03:45 PM