MiRul يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 10:56 AM
سىز يەنە بىرقېتىم ئوقۇپ بېقىڭ بەلكىم مەن دېگەن تۇيغۇ ...
سۇ بويىدا رومانىدىكى كىشىلەر بىلەن ئويغانغان زىمىن رومانىدىكى كىشىلەر پەرقلىنىدۇ. ماكان ۋە زىمىن، قاتناشقۇچىلار، قارشى تۇرۇش ئوبىكتى، مەقسىتى پەرقلىنىدۇ. خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ۋاقتىدا مۇھىتىلار جەمەتى، ئۈچ ۋىلايەت مەزگىلىدە مۇسابايلار جەمەتى كۆپ كۈچ چىقاردى. تورلاردا سۇ بويىدىكىلەر بىلەن ھاجى ئاكاملارنى سېلىشتۇرۇپ ماقالە يېزىلغان. سىز شۇ ماقالىنى كۆرۈۋاپسىز. مەھمۇت مۇھىتى ۋە مەخسۇت مۇھىتى ئاكا- ئۇكىلار كۈچىنىڭ بېرىچە تىرىشقان. ھاجى ئاكىمىزمۇ كۆپ تىرىشقان. مەھمۇت مۇھىتىمۇ ئامالنىڭ يوقىدىن چەتكە چىقىپ كەتتى. ئېغىزىدا شەھەر ئالىدىغان، ئاق يەردە تۈگمەن تالىشىدىغان پوچىلار ھەر نىمىنى دەۋېرىدۇ.
شۇ 108پالۋان ئۆلۈپ كەتكەنگە ئوخشاش مۇشۇ قېتىملىق شېڭسىسەي بىلەن بولغان جەڭدە نۇرغۇنلىغان شىرمەت ئوغلانلىرىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئويغانغان زىمىن رومانىدا شۇنداق بايانلار بار. بەش ئاتارنىڭ ئوقدەك، قىزىل گۈلنىڭ توقىدەك يىگىتلەر دەيدىغان. ئۇرۇش بولغان ئىكەن ئادەم ئۆلىدىغان ئىش ھامان بولىدۇ. ئۇنى دېسىڭىز ئويغانغان زىمىن رومانىدا يەنە شۇنداق بايانلار بار. بىر يەردە ھاجى ئاكاملار ھۇجۇمغا ئۇچىرايدۇ. ھاجى ئاكامغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن خوتەن پىدائىيلىرى پىيادە بولغانلىقىدىن چېكىنىشكە ئۈلگۈرەلمەي شېھىت بولىدۇ. شۇ چاغدا قانچە يىگىتنىڭ جەسىتى كېپەنسىز قالغان بولغىيتى؟ قانچىسىنىڭ كۆزىنى، يۈرەكلىرىنى قاغا چوقىغان بولغىيتى؟ 80 قويغا بىرتالدىن مىلتىق تېگىشكەننى دۇنيا تارىخى كىتاپلىرىدىن كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ 80 مىڭ قويغا 1000 تال مىلتىق.
ھېلىمۇ شۇلار چاپانلىرىنىڭ ئۇزۇن پەشلىرىنى سۆرەپ يۈرۈپ بىر ئىشلارنى قىلىپ بىزنى سۆزلىگۈدەك دەسمىيگە ئىگە قىلىپ قويۇپتۇ. بولمىسا سىز بىلەن مەن نىمىنى سۆزلىشەتتۇق؟؟؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-26 11:13 AM