مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: uyghuray~25

خوتەن قاشتېشىنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى رولى(تەسىرى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95973
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2013-7-16
ئاخىرقى: 2013-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 12:17:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە  يۇرتىمىز  مەدەنلەرگە   باي بولغان   مۇققەددەس   يۇرۇتتۇر   !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!     

ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم  ! قىرىنداشلار ھىيىت  -  ئايىمىڭلارغا  مۇبارەك بولسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96291
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2013-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 01:03:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەن قاشتېشى شۇنداق شىپالىق بولغان يەردە خوتەن قاشتېشى چىقىدىغان قاراقاش دەرياسىنىڭ سۈيى ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە شىپاھلىق دورىمۇ نېمە ھە
  قاشتىشى قارىقاش دەرياسىغا قارىغاندا يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن كۆپرەك چىقىدۇ، ساپلىق دەرىجىسىمۇ يۇقىرى ، شۇنداق ھازىر يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ سۇيىمۇ يۈرە مىڭە قان تومۇر كىسەللىكلىرى، بۆرەكتىكى تاشنى چۇشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى شىپالىق رولى ئىسپاتلىنىشقا باشلىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94193
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2001
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2013-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 02:33:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاشتىشىنىڭ مۇنداق پايدىلىق تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن ، بىلۋالدىم رەخمەت سىزگە

ئى ئاللا ،دۇشمىنىمنىڭ قەسلىرىدىن ئادەملەرنىڭ پەسلىرىدىن يىراق قىلغايسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 82
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 02:49:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمەيدىغان گەپتىن بىرنى دېۋىتىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82322
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1278
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 03:00:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھىيىمىزدىمۇ قاشتېشى كۆپ چېقىدۇ ،ئومۇمىي جەھەتتىن خوتەن قاشتېشىغا تەۋە.مېنىڭ باش سۈرىتىمدىكىسىمۇ دەل خوتەن قاشتېشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5943
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 04:07:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاشتېشى دىگەن بىر تاش خالاس ...  مەن خەنزۇ يولداشلارنىڭ تارىخ تەتقىق قىلىدىغان لىرىدىن مۇنداق ئاڭلىغان :  قاشتېشى پەقەت باشقا تاشلارغا قارىغاندا سۈزۈكرەك ،چىرايلىقراق ،يۇمشاقراق تاش خالاس ، لىكىن بۇ جوڭگو دىگەن دۆلەتتە كام بولسا بولمايدىغان ، بارلىق قارا پۇللارنى يۇيىدىغان مۇھىم نەرسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ،ئەلمىساقتىن ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىپ كەلگەن، بىرخىيانەتچى بىرنەچچە تاشنى يوقۇرى باھادا ياكى نورمال باھادا ئېلىپ ، بارلىق خىيانەت قىلغان پۇللىرىنى تاشچىلىق قىلىپ پايدا ئالغان دەپلا تۈگۈتىدىكەن .....  مەنچە شىپالىق رولى بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بولمىسا كېرەك ، ئۈلۈمدىن ساقلاپ قالىدىغان شىپالىق رول دە ...
مۇشۇ سودىنى قىلىشنى زادى توغرىمۇ خاتامۇ ،بىزنىڭ ئىسلام قائىدىلىرىگە توغرا كىلەمدۇ كەلمەمدۇ توغرۇلۇق چۈشەنچەم يوق ....بىلىدىغانلار بولسا دەپ بەرسە .....

شاھتۇر بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 09:34:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82322
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1278
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 09:49:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چەرچەننىڭ    قاشتېشى   قېزىش  تارىخى  7000 يىلدىن   ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4000 يىللار ئىلگىرى  چەرچەندە  قېزىلغان  قاشتېشى ئاللىقاچان  ئوتتۇرا  تۈزلەڭلىككە  ۋە  شەرىقى  جەنۇبىي دېڭىز بويلىرىغا توشۇلغان ھەمدە ئالاھىدە شۆھرەت قازىنىپ« شەرقنىڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرى» گە ئايلانغان. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى يادىكارلىقلىرىدا غەربىي خان ئانا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى پادىشاھلارغا قاشتېشىدىن ئىشلەنگەن بويۇملارنى ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدە رىۋايەتلەر بار. ئېلىمىزنىڭ يېغىلىق  دەۋرلىرىدە  يېزىلغان «گۈەنزى» ناملىق كىتابىنىڭ بەزى بابلىرىدا قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ« ياۋچى قاشتېشى» ۋە قۇرۇم تاغلىرىدىن چىقىدىغان «كۆركەم قاشتېشى» نى قەدىرلەپ ئىشلىتىدىغانلىقى ئۈستىدە توختۇلۇپ، مۇنداق تاشلارنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكى، يوللارنىڭ تولىمۇ يىراق بولۇش بىلەنلا قالماي، بەلكى يەنە خەتەرلىك ئىكەنلىكى بايان  قىلىنغان. بۇ   يەردە ئېيتىلغان ياۋچىلار ئۇ چاغلاردا  دۇنخۇاڭ ئەتراپلىرىدا ياشىغان. بۇ  جايلار ئوتتۇرا جۇڭگو تۈزلەڭلىكتىكى خەلقلەر دىيارىمىزنىڭ  قاشتېشىنى« ياۋچى  قاشتېشى» دېيىشكەن.
ئۇ چاغلاردا يەنە «قارا قۇرۇم قاشتېشى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قاشتېشىمۇ بولغان. بۇ ئۇنىڭ قاراقۇرۇم  تاغلىرىدىن چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. « شەرقنىڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرى»- قاشتېشى ئاساسەن چەرچەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئالتۇنباغ تىزمىلىرى ھەم قارا قۇرۇم تاغ  تىزمىلىرىغا، يەنى شەرقتە چەرچەن ناھىيەسىدىن  باشلىنىپ، غەرپتە تاشقۇرغان ناھىيىسىگىچە بولغان ئارىلىققا تارقالغان. شەرقتىن غەرپكىچە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1500 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان  تاغ   تىزمىلىرىغا  سوزۇلغان.
چەرچەن ناھىيەسى  ئالتۇنتاغ  ھەم  قاراقۇرۇم  تاغلىرى  ئۆزئارا تۇتىشىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايدا ئالتۇنتاغ ھەم قاراقۇرۇم تاغلىرى ئۆزئارا تۇتىشىدۇ. جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ئالغاندا خوتەن بىلەن قاراقۇرۇم  تاغلىرى ئارقىلىق تۇتىشىدىغانلىقى، چەرچەندىن چىقىدىغان يۇمشاق قاشتېشى بىلەن سۈپەت جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ،  ئۆزئارا پەرقلەنمەسلىكى، چەرچەننىڭ جايلىشىشى، يەر ناملىرى ۋە تارىخنامىلەردە چەرچەن نامىنىڭ ئاز كۆرۈلگەنلىكى، تارىختا چەرچەندىن چىقىدىغان قاشتېشىنىڭ خوتەن، كېرىيە، يەكەن قاتارلىق جايلاردىكى قاشتېشى ئويمىچىلىق زاۋۇتلىرىغا يۆتكىلىپ خوتەن قاشتېشى بىلەن بىرلىكتە باشقا جايلارغا توشۇلغانلىقى، چەرچەننىڭ تارىختا خېلى بىر مەزگىل جۇغراپىيىۋى تەۋەلىك جەھەتتە خوتەنگە تەۋە بولغانلىق سەۋەبلىك، چەرچەن قاشتېشى ئومۇمەن« خوتەن قاشتېشى» نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن ۋە شۇنداق ئاتاش ئادەتكە ئايلانغان. شۇڭا چەرچەن قاشتېشىنىڭ مۇستەقىل نامى چىقمىغان.
13 - ئەسىرنىڭ   70- يىللىرى ئىتالىيەلىك مەشھۇر سەيياھ ماركوپولۇنىڭ « ساياھەت خاتىرىلىرى» دە«    چەرچەن ناھىيەسى  ......دائىرىسىدە بىر نەچچە دەريا بار بولۇپ، بۇلاردىن قاشتېشى ۋە  ياشما چىقىدۇ. بۇ  مەزكۇر ئۆلكىنىڭ كۆپلەپ  ئېكىسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىدىندۇر» دېيىلگەن.
تارىختىكى « يىپەك  يولى»دىن  ئىلگىرىكى « قاشتېشى يولى» جەنۇبىي يول ھەم شىمالىي يول دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. جەنۇبىي يول خوتەن، چەرچەن، چاقىلىق،  كىرورەن   ئارقىلىق   يۈمېنگۈەندىن  ئۆتۈپ، دۇنخۇاڭ ئارقىلىق  ئىچكىرى  ئۆلكىلەرگە تۇتاشقان. شىمالىي يول خوتەن، يەكەن، قەشقەر، كۇچا، تۇرپان، قۇمۇل ئارقىلىق يۈمېنگۈەندىن ئۆتۈپ، ئاندىن دۇنخۇاڭغا، كېيىن ئىچكىرىگە تاتاشقان. چەرچەن قەدىمكى« قاشتېشى  يولى»نىڭ  جەنۇبىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇشتەك ئورنى بىلەن خوتەن قاشتېشىنى ئىچكىرى جوڭگوغا يۆتكەشتە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرغان ھەمدە ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىارغان قاشتېشىنى خوتەن قاشتېشى نامى بىلەن ئىچكىرىگە ئاپارغان .
چەرچەن  قاشتېشى  قەدىمدىن  تارتىپ تاغدىن كەلكۈن ئېقىتىپ كەلگەن قاشتېشىنى ئېقىندىن كولاش  ئاساسىدا قېزىپ كېلىنگەن. بۇ خىل قاشتېشىنى چەرچەنلىكلەر« سۇ  تېشى» دەپ  ئاتىغان. كېيىنكى  ۋاقىتلاردا كاندىن ئېلىنغان تاش«  تاغدىن ئالغان تاش»   دەپمۇ   ئاتىلىدۇ. چەرچەن قاشتېشىنىڭ سۈپىتى ۋە  مىقتارى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ،« خوتەننىڭ  گۈزەل قاشتېشى ئىچىدە چەرچەننىڭ ئەڭ ئېسىل» دەپ تەرىپلىنىدۇ. چەرچەننىڭ قاشتېشى ئاق قاشتېشى، كۆكقاقتېشى، كۆك سۈزۈك قاشتېشى، ناۋات  رەڭ قاشتېشىدىن ئىبارەت  4 تۈرگە بۆلىنىدۇ. كۆك سۈزۈك  قاشتېشى ھەممىدىن داڭلىق. تارىختا بۇ خىل قاشتېشى  كېرىيە، خوتەنلەرگە ئۈزۈلمەي توشۇلۇپ، خوتەن، كېرىيەدىكى ئويمىچىلىق زاۋۇتلىرىدا نەپىس سەنئەت بويۇملار  ئويۇلۇپ،« خوتەن قاشتېشى» نامى بىلەن باشقا جايلارغا  ئاپىرىپ سېتىلغان. تارىخىي  مەلۇماتلارغا  قارىغاندا، چەرچەندىن يۆتكەلگەن قاشتېشى مەھسۇلاتلىرى يۈمىنگۈەندىن ئۆتۈپ، دۇنخۇاڭغا ئېلىپ بېرىلغان قاشتاشلار  ئىچىدە خېلىلا  زور مىقتاردا بولۇپ، سۈپەت جەھەتتىن  ئىچكىرى  ئۆلكىلەردىكى قاشتېشى سودىگەرلىرىنىڭ  ئاللدىن تاللاپ سېتىۋالىدىغان داڭلىق  مەھسۇلاتلىرىغا ئايلانغان.
مىنگو يىللىرىدىن كېيىن تۈرلۈك تارىخىي سەۋەبلەر بىلەن چەرچەندە قاشتېشى قېزىش ئىشلىرى توختاپ قالغان. پەقەت 1919- يىللىرى ئەتراپىدا سالا مىللىتىىن بولغان يۇنۇس  ۋە  رىجاپ ئىسىملىك ئىككى كىشى گەنسۇ ئۆلكىسدىن چەرچەنگە كېلىپ، 40- 50  ئىشچىنى ياللاپ تاشساي ئەتراپىدا قاشتېشى كولىغان. شۇنىڭ  بىلەن بىر مەزگىل توختاپ قالغان قاشتېشى كولاش ئىشلىرى ئەسلىگە كېلىپ جانلانغان. ئۇلار كولىغان قاشتاشلىرىنى تۆگە، قېچىر، ئات قاتارلىقلارغا ئارتىپ، دۇنخۇاڭ  ئەتراپلىرىغا ئاپىرىپ ئۇ يەردىن ئىچىكىرىگە يۆتكەپ ساتقان ھەمدە ئىچكىرىنىڭ  چاي، رەخت قاتارلىق ماللىرى بىلەن ئالماشتۇرغان. ئازادلىقتىن كېيىن  چەرچەننىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى نۇقۇل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلىرىغا يۈزلەندۈرگەچكە چەرچەننىڭ قاشتېشى قېزىش ئىشلىرى ئاساسەن توختاپ قالغان. 1972- يىللىرى چەرچەن ناھىيەسى چوڭكۆل، يېڭىئۆستەڭ، توغراقلىق يېزىلىرىدىن ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، كان قېزىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. قارائاتى، تاتلىقسۇ، خادىلىق، چىتەي، تاشساي، ئارقا جاڭگالساي قاتارلىق جايلاردىى قاشتېشى قېزىلغان. 1974- يىلى 4- ئايدا چەرچەندە قاشتېشى كېنى قۇرۇلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ چەرچەننىڭ قاشتېشى قېزىش ئىشلىرىىنى ھۆكۈمەت باشقۇرغان. كان نۇقتىلىرى ئاساسەن تاتلىقسۇ، خادىلىق، چېتەي كان، تاشساي بولۇپ،  چىقىۋاتقان مەھسۇلاتلار ئاق ھەم  كۆك رەڭلىك قاشتېشىدىن  ئىبارەت. 1980-يىللارغا كەلگەندە ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، چەرچەننىڭ قاشتېشى  قېزىش  ئىشلىرى  ناھىيە  ئىقتىسادىنىڭ  چوڭ  تۈۋرۈك  كەسپىگە  ئايلاندى.
1989 -يىلى ناھىيەلىك قاشتېشى كېنى بىلەن شاڭخەي قاشتېشى ئويمىچىلىق زاۋۇتى بىرلىكتە باشقۇرغان«  قاراقۇرۇم  قاشتېشى ئويمىچىلىق زاۋۇتى» قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، چەرچەن قاشتېشىنىڭ ماتېرىيال ئورنىدا سىرتقا يۆتكەش تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، چەرچەننىڭ ئۆزىدىمۇ ھۈنەر-سەنئەتلىك ئويۇش يولغا قويۇلدى.
چەرچەن قاشتېشى قۇياشنىڭ ئولتىرا بىنەپشە نۇرىنى تارتىش  رولىغا  ئىگە. ئۇ بەدەننى ئۇۋۇلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.بولۇپمۇ95 19 - يىلى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىلىرىنىڭ تاتلىقسۇ كان نۇقتىسىدىن ئېغىرلىقى 1502 كىلوگىرام كېلىدىغان غايەت زور بىر پۈتۈن قاشتېشىنىڭ تېپىلىشى چەرچەن قاشتېشىنىڭ نامىنى چىقاردى.بۇ تاش1996-يىلى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ، يەرمەنكە ئەھلىنى ھەيران قالدۇردى. ئاخىرىدا مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشى بىلەن دۇنيا جېننىس رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلۈپ،دۇنياغا چەرچەن قاشتېشىنىڭ داڭقىنى نامايەن قىلدى.
مەنبە:http://uygur.chinabroadcast.cn/7466/2013/07/16/1349@468607.htm

ياخشىنىڭمۇ ياخش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25115
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9668
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1520 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 06:44:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ قاشتېشى ئېلانىمۇ؟

ياخشىنىڭمۇ ياخشىسى ياخشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87904
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 635
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 12:25:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ گېلى ئاغرىپ قالغان بىر دوستۇمنىڭ بوينىغا قاشتېشى ئېسىۋېلىپ ساقايغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن.

قەلبىمدە تەبەسسۇم،كۆزلىرىمدە ياش.
ئىسىمدىن چىقمىغاچ ئەشۇ بىر ئىسىم.
قانداقمۇ ئۆچۈرەي قەلبىم شامىنى ،
كەچۈرگىن ئەي مىنى بەڭباش ياشلىقىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش