نەسىھىتىممۇ ۋەسىيىتىممۇ بىلمىدىم
تەسەللى
قىزىم ، ئاتا- ئانا دۇنياغا مەڭگۈ تۇۋرۈك بولمايدۇ، لىكىن ئەجەل تىغى ماڭا بۇرۇنراق تىگىدىغان ئۇخشايدۇ، مەن بۇ شۇم خەۋەرنى ساڭا قايسى تەرىقىدە ئىيتىشنى بىلمىدىم، بۇ قۇرلارنى يازغۇچە يۈرىگىمنىڭ قانچىلىك لەختە بولىۋاتقىنىنى بىر ئاللاھ بىرگە مەن بىلىمەن، مىنىڭ سەندىن ئايرىڭغۇم يوق بىراق تارتقان دەردۇ -ئازاپلىرىم ھاياتىمنى كۇنسىرى قىسقارتىپ، مىنى رەھىمسىز ئەجەل چاڭگىلىغا سۆرەپ كەلمەكتە، سىنىڭ يۈرىگىڭنى ئىزىپ ئۆتمۇشلىرىمنى تىلغا ئالمايمەن، مىنىڭ سەۋەبىمدىن يۈرىگىڭدە ئەتراپىڭدىكى كىشىلەرگە ئۆچمەنلىك قالمىسۇن، قەلبىڭ باھار ئاپتىۋىدەك بولسۇن، ئۆزۈڭگە تەسەللى تاپالمىساڭ " ئاپام ياخشى ئۆلۈپ كىتىپتىكەن، بۇ ئازاپلىنى كۆرمىدى"؛ "ئاپام ئەجەپ ئۆلۈپ كىتىپتىكەن كىسىلىنى دەپ مىنى ئاۋارە قىلمىدى"؛ "ئاپام ئەجەپ ئۆلۈپ كىتىپتىكەن، ئۆز-ئۆزەمگە مۇستەقىل خوجا بولۇپ ياشاشنى ئۈگىنىدىغان بولدۇم " دەپ ئۆزەڭنى ئالداشنى ئۈگەنگەنگىن. ھايات ۋە تەقدىر -ئىرادە توغرىلىق ساڭا ھاياتنىڭ نۇرغۇن سىرلىرىنى ئۈگەتمەكچى ئىدىم بىراق ئەپسۇس...............ئەڭ ياخشىسى ئۆزەڭ مەزمۇت ياشاپ، ھەممىگە مەردانە يۈزلەنگىن، ساڭا پەقەت نەسىھەت ۋە ۋەسىيەت ئورنىدا بۇ بىر پارچە شىئېرنىلا قالدۇردۇم ، ھايات يولۇڭدا مەشئەل قىلۇرسەن.
ئەمدى يوق كۆيۈمچان مىھرىبان ئاپاڭ،
سەن يىتىم ئازاپقا چىدىغىن بالام.
مەن بىلەن ئۆلگەندۇر ۋاپادار داداڭ،
ئالايماي ئۆگەيگە بىقىنغىن بالام.
داداڭغا بولمىسا بولمايدۇ خوتۇن،
يوق ئامال ئۆگەيگە يىلىنغىن بالام.
قىل خىزمەت ئاپا دەپ ئۆەەي ئانىغا،
قوغلىسا بۇ ئۆيدىن چىقمىغىن بالام.
تولغاندۇر بۇ دۇنيا قايغۇ ئازاپقا،
ئاھ ئازار يىسەڭمۇ چىدىغىن بالام.
پىشىغا ئىسىلغىن لىكىن ئاغرىنما،
ئايرىلما داداڭنىڭ مىھرىدىن بالام.
تايانغىن ئۆزەڭگە ھايات يولىدا،
ياشىغىن غەيرەتلىك قايغۇرما بالام.
خوتۇننى دىمىسە يوق ئامال ئاڭا،
داداڭدىن بىھودە ئاغرىنما بالام.
تەر بىلەن ھالال يە ئۆگەي نىنىنى،
ئاچ قالساڭ چىدىغىن ئۆلمەيسەن بالام.
دۇنيانىڭ سىرىنى يىشەلەمتىڭ ياق،
سەن نادان ھاياتنى بىلمەيسەن بالام.
ئورنۇمدا ئۆگەينى ئانا دەپلا بىل،
سەن مىنى ئۇنۇتقىن ئەسلىمە بالام.
قەلبىمدە دەرت -ئەلەم ئاز ئەمەس مىنىڭ،
سەن يىغلاپ كەلمىگىن قەۋرەمگە بالام.
ئەتراپىڭ قاراڭغۇ ياۋا چاتقاللىق،
ئۇندا بار چىل بۆرە يولۋاسلار بالام.
بول پەخەس ھەر دائىم قوغدا ئۆزەڭنى،
بىخۇتنى يەيدىكەن يولۋاسلار بالام.
سەن تۇزۇپ ھاياتقا ياخشى بىر پىلان،
مەنىلىك ھاياتنى باشلىغىن بالام.
ئۈمۈدۈم قار- جۇتتا بولغىنكى قارغاي،
يىغلىماي قەدرىڭنى رۇسلىغىن بالام.