سەھەر تۇرۇپ باشلار ئىشىنى،
قىلغان ئىشنىڭ يوقتۇر مىننىتى،
دېھقان قولى ئۇچۇق بەك سېخى.
بەك سۈيۈملۈك جاپاكەش دېھقان.
دەم ئېلىش ھەم بايراملىرى يوق،
قالسىمۇ گەر بەزى ئاچ ھەم توق.
تۇرمۇشىدىن زارلاش ئۇندا يوق.
قانائەتچان سۈيۈملۈك دېھقان.
بىر تال ئۇرۇق ئۈنۈپ چىققۇچە،
شۇ بىر ئۇرۇق ھۇسۇل بەرگۈچە.
جاپالارنى تارتار يەتكۈچە.
بەك سۈيۈملۈك جاپاكەش دېھقان.
شۇنچە جاپا چەكسىمۇ بىراق،
زارلاشلاردىن ئۇلار بەك يىراق.
ھۇسۇللارنى ئالسىچۇ جىقراق،
بەك جاپاكەش سۈيۈملۈك دېھقان.
-شاتيار-
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاتيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-27 07:53 PM