ئاللا خالسا بۇ رامزانى ئاللاھدە ئەھۋال بولۇپ قامسلا تۇتۇم ....رامزاندا مەن غۇلجا ئىچىگە مەلۇم بىر ئىش بىلەن كىرىدىم ..شۇ جەرياندا ئىككى كۈن ياتاقتا ياتتىم ..ئادەتتە ياخشراق ياتاقتا ياتتىمەن دىسڭىز كۈنلكى 100كوي ..ئادەتتكدەكتە ياتساقمۇ كۈنلكى 50كوي بۇلىدۇ ..بىراق مەن بىر ئائلدە ئېچلغان ياتاقىنى تېپۋالدىم دىسە
بۇ ياتاق 20كويكەن .شۇنداق پاكىز ..يەنە كېلىپ ياتاقتا ياتقانلار رۇزا تۇتالماي قىلشتىن ،ئىپتا قىلالماي قىشتىن ئەنسرىمسىمۇ بولدىكەن .بۇ ياتاق ئىگسى ياتاقتا يېتىپ روزا تۇتىمەن دىگەنلەرگە ھەقسىز زۇللۇق ھەم ئىپتارلىق تامقىنى ئېيتىپ بېردىكەن ..تېخى ھەقسىز شۇنداق مول ..مۇنداقچە ئېيتقاندا ئالغان ياتاق ھەققىنى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگلا خەجلۋتىدىكەن ...مۇئاملسىمۇ شۇنداق ياخشى ...مانا بۇنداق ئېسل ئادەملىرىمىز بار جۇمۇ ..ئەلۋەتتە شۇ رۇزا تۇتقانلارنىڭ ساۋابى بۇ كىشلەرگە بۇلىدۇ ..بۇلار كۈندە ئۇن ئۇنبەش ئادەمىنى ئىپتارغا چاغىرىغان ،ھەم زۇلۇق بەرگەن بولىدۇ -دە ..ئايالى ئەتگەن تۇرۇپ زۇللۇق ئېيتدىكەن ..بۇنڭغا شۇنداق ھەيران قالدىم ھەم سۈيۈنۈپ كەتتىم .ئادەتتە بەزى ئائلەر بۇنداق ئىش قىلش ئەمەس ،ئۆزى ئېيتىپ ئۆزىنڭ رۇزسىنمۇ تۈزۈك تۇتالمايدۇ ..شۇ ئايالىمۇ روزىكەن ..شۇنداق بىر كۈن مېڭىپ يۈردىكەن رۇزچلقتا ..ئاللاھ بەرگەن چىدامچانلقىكەن دەپ قالدىم .بولمسا مەنمۇ تۇتۋاتىمەن رۇزىنى بەزى كۈنلىرى پەقەتلا ئىش قىلالماي قالىمەن . ئىشقلىپ سىرتتىن بىرەر ئىش ئۈچۈن كەلگەنلەرگە ياخشى قۇنالغۇكەن .