مەن يۇرتۇم سېرىقبۇيىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيىسى
سېرىقبۇيا بازىرى 1742 - يىلى يۇرت بۇلۇپ قۇرۇلغان. يەر مەيدانى 280 كۇۋادىرات كېلومېتىر.نۇپۇسى 50 مىڭدىن ئارتۇق.(شەھەر - بازار نوپۇسى 25 مىڭدىن ئارتۇق . بۇ نۇپۇس بازار ئىچىدىكى تەخمىنەن 6 كۇۋادىرات كېلومېتىر كېلىدىغان بازار ئىچىدىكى 4 ئاھاللىەر كومىتېتىنىڭ نوپۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار نوپۇسى %99.7 . (نۇپۇس زىچلىقى ھەر كۇۋادىرات كېلومېترغا 200 كىشى).سېرىقبۇيا بازىرىدا 19 مەمۇرىي كەنىت،ئىككى مەيدان،4 ئاھالە كومىتېت بار.
سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ بازار كۈنلىكى پەيشەنبە كۈنى بولۇپ،بۇكۈنى بۇلۇپمۇ كۈز پەسلىدە بۇ بازارغا سودا،ئېلىم - سېتىم قىلغىلى ئەتىراپتىكى يېزا بازار،قوشنا ناھىيە،تۈەن - مەيدان ۋە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم ۋىلايەت - ئوبلاستلىرىدىن بۇلۇپ 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كېلىدۇ.كۈندىلىكى سودا سوممىسى بەش مىليۇندىن ئاشىدۇ.
سېرىقبۇيا بازىرى ھەقىقەتەن بىر كۆرۈپ كىتىشكە ئەرزىيدۇ!