0997tumuqi يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 07:18 PM
مەكىت قەدىمى دولان يۇرتى تۇرۇپ نىمىشقا دولان راۋابى ب ...
چالغۇ ئەسۋاپلار تارتىلغان سۈرەتتىكى دولان راۋىپى بىلەن قالۇندىن باشقىسى دىيارىمىزنىڭ ھەرقانداق جايدىن تېپىلىدۇ.
=============================================
گېپىمنى خاتا چۈشۈنىۋاپسىز، بۇ ئىككى خىل چالغۇ ئەسۋاپ دولان يۇرتى مەكىتتە تازا جىق، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، بېلىگىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە دولان مەدەنىيىتى تونۇشتۇرىۋاتقانلار مەكىت ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى ئەمەس، بەلكى يانتاق يېزىسىدىكى خەلق سازەندىلىرى. بۇ يەردىكى خەلق سازەندىلىرى دولان مۇقامىنى ئېيتىشتا ناھىيىلىك ئۆمەكنى بېسىپ چۈشەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇقام ئېيتىش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولغاچقا، چەتئەللىكلەر ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى ناھىيىلىك دولان سەنئەت ئۆمىكىنى ھەرگىز تەكلىپ قىلمايدۇ. مەن دەۋاتقان دىيارىمىز قەشقەر دىيارىنى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى كۆرسىتىدۇ، دولان راۋىپى بىلەن قالۇن پەقەت دولان دىيارىدىنلا تېپىلىدۇ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باشقا جايلىرىدىن بۇ ئىككى خىل سازنى تاپقىلى بولمايدۇ، بۇ ئىككى خىلدىن باشقا سازنى ھەرقانداق جايدىن تاپقىلى بولىدۇ، دولان راۋىپى بىلەن قالۇن دولان مەدەنىيىتىگە خاس دىمەكچى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-1 08:36 PM