مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

خۇسرەۋ پەرۋىز ۋە شېرىن داستانى(‹‹شاھنامە››11-بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 08:09:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-ئەي ئۇلۇغ شاھىم،كاسىدىكى كۆرگەننى بەد مىجەز قىلىدىغان ناجىنىس قان.دېمەك ئۇ –ئاغۇ!
شاھ ۋەزىرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى ۋە بۇيرىدى:
-كاسىنى تېزدىن پاكلاڭلار!
ئالتۇن كاسە سۇ ۋە تۇپراق بىلەن پاكىز يۇيۇلۇپ  قاندىن تازىلاندى.ئاندىن پاكىزلەنگەن ئۇ كاسىگە قىرمىز شارابى قۇيۇلدى.شاراپ ئۈستىگە يەنە مۈشك-مۇئەتتەرمۇ سېپىلدى.شۇندىلا ئۇ قاچا قۇياشتەك جىلۋىگەر ھالەتكە كەلدى.شاھ ۋەزىردىن سورىدى:
-بۇ جام ئۆزگەردىمۇ، ئەسلى ھالىتىدە قالدىمۇ؟!
جاۋاپ قىلىندى:
-ئۇلۇغ شاھىم مەڭگۈ ياشىغاي،دۇنياغا دائىملىق تىنچلىقنى ئورناتقاي.سىلى چەكسىز قۇدرەت ئېگىسى.پەرمانلىرى بىلەن دوزاقنىمۇ بېھىشكە ئايلاندۇرالايلا.دېمەكچىمىزكى،يامانلىقتىن قول ئۈزۈپ ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلغايلا!
شاھ جاۋاپ بېرىپ دېدى:
-دېمەكچى بولغىنىڭلارنى چۈشەندىم.سىلەر بۇ دەم شېرىننى خۇددى قان قۇيۇلغان قاچىدەك دەپ پەرەز قىلدىڭلار.لېكىن كېيىنكى بىشارەتنىمۇ چۈشىنىڭلار.پەرمانىم ۋە رايىم بىلەن ئۇ قان تولغان قاچا قولۇمدا بۇيى ۋە رەڭگى كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك مەيگۈنگە ئايلاندى.مەيدىن ئاۋۋال شېرىن بەتتام،ھارام نەرسە چاغلانغان  بولسا، ئۇلۇغلارنى كۆرگەندىن كېيىن ھۆرمەت ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىپ شېرىن نېمەتكە ئايلاندى.
شاھنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ھەممە ئۇنى ماختاپ چەكسىز ئاپىرىن ئېيتىشتى.
-ئەي، دانا شەھرىيار،پۈتكۈل زېمىن تاجۇ-تەختلىرىدىن ياشنىسۇن.ھەمىشە ئەلگە ياخشىلىق قىلىلا.سىلى كىمنى يۆلىسىلە خۇدامۇ شۇ كىشىنى يۆلەيدۇ.ئۆزلىرى بىزنىڭ شاھىمىز شۇنداقلا مەردانە سەرۋەرىمىز.دېمەككى، سىلى تەڭرىنىڭ زېمىندىكى سايىسى.   
شۇنداق قىلىپ شاھ خۇسرەۋ ئەدلى-ئادالەت بىلەن گۈللىنىپ بارار ئېدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 02:47:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھنىڭ ئاي سۈپەت نىگاھى قۇياش سۈپەت بولدى.ئۇنىڭغا قەيسەر قىزى شېرىن ھەمىشە دىلدار ئېدى.ئۇ ھامان ھەرەمنىڭ سەردارى بولۇپ ھەرەمدىكى ئىشلارنى باشقۇراتتى.شاھ خۇسرەۋنىڭ يەنە بىر خانىشىنىڭ ئىسمى مەريەم بولۇپ شاھ ئۇنىڭغىمۇ قەۋەتلا ئامراق ئېدى.ئۇ ئالتۇن ھەرەمنىڭ باش سەردارى ئېدى.شۇڭا شېرىن مەريەمدىن كۈنچىلىك تارتىپ دەرد ئىچىدە پۇچۇلىناتتى.رەشىك ئوتى باغرىنى كۆيدۈرۈپ چېھرىمۇ سولماقتا ئېدى.ئۇ بۇ دەرتلەرگە چىداپ بولالمىدى.ئاقىۋەت مەريەمگە ئوغۇ ئىچۈرۈپ ئۇنىڭ گۈزەل ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تېنىنى قاراڭغۇ زۇلمەت ماكانى بولغان  گۆرگە يوللىدى.ئۇ شۇنچىلىك پەسكەش ئىشنى قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئىس-بۇسىنى چىقارماي مەخپى قىلغان بولغاچقا، بۇ ئىشتىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوق ئېدى.ھەممە مەريەمنى ‹‹ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن›› دەپ تونۇيتتى.بۇ سىرنى شېرىن  پەقەت بىر ئۆزىلا دىلىدا تۇتۇپ تۇرغان ئېدى.
مەريەمنىڭ ۋاپاتىغا ساق بىر يىل بولغاندا شېرىن ئالتۇن ھەرەمگە داخىل بولۇپ مەريەمنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئۇ كۈندىشى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ ئارزۇ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ لېكىن كۆڭلى يەنىلا تىنچىمىدى.
شاھ خۇسرەۋنىڭ مەريەمدىن بولغان بىر ئوغلى بار بولۇپ ئۇنىڭ ئىسمى شىروي ئېدى.ئۇ ئەمدىلا  ئون ئالتە ياشقا كىرگەن بولسىمۇ لېكىن بەئەينى ئوتتۇز ياشلىق قىران يىگىتلەردەك بوي-بەست ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولغان ئېدى.شاھ ئوغلىنىڭ بۇنداق قەددى-قامىتىگە ئېتىبار بېرىپ ئۇنى ھەربى ئىلىم بويىچە راۋۇرۇس تەربىيەلىمەك بولۇپ مۇناسىپ  ئۇستا چاقىرتتى.بۇ ئۇستاز باشقا بىرسى ئەمەس شاھنىڭ ۋەزىرى ئېدى.ۋەزىر شاھنىڭ ئەمرىنى دىلىدىن ئۇلۇغ بىلىپ كېچەيۇ-كۈندۈز شاھزادىنى تەربىيەلەش ئىشى بىلەن مەشغۇل بولدى.كۈچ ۋە ئەقلىنى ئايىمىدى.
لېكىن شاھزادە ئانچە ئىخلاسمەن ئۆگەنگۈچى ئەمەس ئېدى.تولاراق چاغلاردا ئۆگىنىش ۋە مەشىقنىڭ ئورنىغا ئويۇن-تاماششا  بىلەن مەشغۇل بولۇۋالاتتى. كۈنلەردىن بىر كۈن ۋەزىر ئادىتى بويىچە شاھزادىنىڭ قەسىرىگە كېلىپ ئۆزى تەربىيەلەۋاتقان بۇ قۇتلۇق كىشىدە غەيرى بىر ئەھۋالنى كۆردى.شېرۇينىڭ يېنىدا بىر دەپتەر تۇراتتى.ئۇنىڭغا ‹‹كەلىلە ۋە دېمىنە››نىڭ شەرھى يېزىلغان ئېدى.لېكىن ئۇ باتۇر يىگىت دەپتەرگە قارىماستىن ئويۇن بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئېدى.ئۇ ئوڭ قولىغا بۇقا مۈڭگۈزىنى، سول قولىغا كېسىپ قۇرۇتۇلغان بىر بۆرە  پۇتىنى ئېلىۋالغان بولۇپ ھەدەپ ئۇ ئىككىسىنى بىر-بىرى بىلەن سوقۇشتۇرۇپ ئويناۋاتاتتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 03:26:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەزىر ئۇنىڭ بۇ پايدىسىز ئويۇنى ۋە پەس قىلمىشىنى كۆرۈپ غەمكىن بولدى.پال ئېچىۋىدى، بۆرە پەنجىسى بىلەن قوتاز مۈڭگۈزى شۇملۇقتىن بىشارەت بېرىپ چىقتى.شۇنىڭ بىلەن ۋەزىر:‹‹بۇ بەدبەخت ئاقىۋەت قانداق قارا كۈنلەرگە قالار؟!››دەپ غەم يەپ ئالەمنىڭ بۇ تەتۈر سەۋداسىدىن راسا ئۆكسىدى.شۇ سائەتتە باشقا ۋەزىرلەرنىڭ قېشىغا كىرىپ:‹‹مەن تەربىيەلەۋاتقان بۇ ئۇلۇغ زات ئۆگىنىشنى ئۇنتۇپ ئويۇن بىلەن بەنتدۇر››،-دېدى.كېيىن شاھ خۇسرەۋنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭغا  شاھزادىسىنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى.پەرزەنتىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ شاھنىڭمۇ چېھرى سارغايدى.ۋۇجۇدى غەزەپتىن لەرزىگە كەلدى.ئۇ مۇنەججىمنىڭ ئوغلى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى ھەر بىر ئەسلىگىنىدە ئەلەمدىن يۈرەك باغرى ئۆرتۈنۈپ قان بولاتتى.ئۇ پەلەكتىن قايتا-قايتا ئىلتىجا قىلاتتى:
-ئەي ھىيلىگەر پەلەك،ماڭا تېزرەك توغرا يول كۆرسەت. قانداق قىلسام ئوغلۇم باتۇر،دانا ئادەم بولۇپ يېتىلىپ، ئىشلىرىمغا ۋارىس بولالىغۇدەك سالاھىيەتكە ئىگە بولالايدۇ؟!
خۇسرەۋ ئىرانغا شاھ بولۇپ ئارىدىن يىگىرمە ئۈچ يىل ۋاقىت ئۆتكەن چاغدا شىرۇي كامال تېپىپ بەئەينى بىر پىلدەك باتۇر ئەزىمەت بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.شاھ بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ خاتىرجەملىككە ئېرىشىش ئورنىغا ئەكسىچە، شىرۇينى ئۆزىنىڭ خەتەرلىك دۈشمىنى دەپ بىلدى.بۇ دۈشمەنلىكمۇ ئەلۋەتتە شېرىن تەرەپتىن كەلگەن ئېدى.ئۇ ھەدەپ شىرۇينى يامان كۆرسۈتۈپ:
-ئۇ بۇرۇن ياش ئېدى،گۆدەك ئېدى.ھېچنىمىنى بىلمەيتتى.سىلىگە سۆزسىز  ئىتائەت قىلاتتى.مانا ئەمدى،چوڭ بولدى،پىلدەك كۈچ قۇدرەتكە تولدى.تېزرەك كۆزلىرىدىن يىراق قىلمىسىلا سىلىگە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ.قارىسام ئۇنىڭ پەيلى يامان تۇرىدۇ.بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى سىلىنى ئۆلتۈرۈپ شاھلىق تەختنى تارتىۋالمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ!...
شاھ ۋەزىرلىرىنى يىغىپ كېڭەش قىلدى.بۇ كەمدە ئۇلارمۇ شېرىن تەرەپدارى بولۇپ كېتىپ ھەققانىيەت تۇيغۇسىنى يوقاتقان ئېدى.شۇڭا ئۇلارمۇ تەتۈر ئەقىل كۆرسەتتى.كېڭەشتىكىلەرنىڭ قارارى شۇ بولدىكى:
-‹‹سۇ كەلگۈچە توغان سال›› سېگەندەك قەبىھ دۈشمەنگە ئالدىن قول سالىدىغان پۇرسەت بەرمەي ئۇنى باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇجۇقتۇرماق كېرەك.سۆز چۆچەككە قالماسلىق ئۈچۈن ئۆلتۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ.سىڭلىسى بىلەن قوشۇپ زىندانغا بەند قىلايلى.ئاندىن قىلغان سۈيىقەستلىك ئىشلىرىنى تەپتىش قىلايلى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 03:44:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىندى.شىرۇي بىلەن سىڭلىسى زىندانغا بەند قىلىنىپلا قالماي بۇرۇن كىم ئۆزىنى ئۇنىڭغا يېقىن تۇتقان،دوست بولغان،مەسلىھەت چېغى كېڭەشلىرىگە قاتناشقان بولسا يۇرت خانى شۇلارنىمۇ قوشۇپ زىندانغا تاشلىدى.شۇ قەدەر باغرى قاتتىقلىق قىلدىكى، بۇ سەۋەپ بىلەن زىندانغا تاشلانغان مەھبۇسلار سانى ئۈچ مىڭدىن ئاشتى.شاھ ئۇلارنىڭ زىنداندا پىكىر بىرلىكى قىلىۋېلىپ توپىلاڭ كۆتۈرىشىدىن ئەنسىرەپ ،ئۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ ھەر بىرىنى بىردىن مەخسۇس خانىغا قامىدى.ئۇلارنى كىيىم- كېچەكتىن، نازۇ-نېمەتتىن،زىبۇ-زىننەتتتىن،سوۋغاتلاردىن ئايرىپ ئېغىر كۈلپەتكە مۇپتىلا قىلدى.يەنىلا خاتىرجەم بولالماي ئارىغا ئادەم قويدى.
شۇنداق بىر قاتار ئىشلاردىن كېيىن شاھ غەمدىن خالاس بولۇپ بۇرۇنقىدەك ئەيش-ئىشرەت بىلەن مەشغۇل بولدى.غۇلاملار ئۇنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ھەر ئىشتا تەييار تۇرۇشتى.شاھنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن مەي بىلەن مۇغەننىلەرنى بىسيار كۆپ يوللۇشۇپلا قالماي خىراجەت ئۈچۈن شاھ قەسرىنى دىنارلار بىلەن تولدۇردى.شاھنىڭ مەئىشىتى ئۈچۈن ساز بىلەن مەي-تائام پاراۋان ئېدى.قىرىق باتۇر مەرد قورغانغا پاسىبان بولۇپ شاھنىڭ ئامانلىقىنى كېچە-كۈندۈز قوغدايتتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 04:42:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇسرەۋنىڭ ۋىس قەسرىنى قۇرغانلىقى
بۇ داستان دىلى بىر،تىلى بىر ئول ئەھلى راستانلارنىڭ نەقلىدىن ھىكايەت قىلىدۇ.بۇ داستاندا ئىسمى‹‹قەسرى ۋىس›› دەپ ئاتىلىدىغان تەخت ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمەن.ئۇنى خۇسرەۋ پەرۋىز بىنا قىلغاندۇر.لېكىن ئۇنىڭ سەرمايىسى زەھھاكتىن-ئەشۇ نائىنساپ،ناپاكتىن ئېدى.باتۇر پەرىدۇن دەۋران سۈرگەن چاغلاردا ئۇنىڭ مەردلىك نامى تىللاردا داستان بولغان ئېدى.دەماۋەند تېغىدا جەھن ئىسىملىك بىر زات ياشايتتى. شاھ ئۇنى ئەلدە ئېھتىيات بىلەن ساقلايتتى.ئۇ مەردنىڭ نامى پۈتكۈل جاھانغا پۇر كەتكەن بولۇپ بارلىق ھۈنەرۋەنلەرنىڭ پىر ئۇستازى ھېساپلىناتتى. كارامەت ھۈنىرىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەر بىر يۇرتقا يېتەتتى.ئۇنىڭ قولىدا ھەشەمەتلىك بىر تەخت پۈتكەن چېغىدا شاھ پەرىدۇن بۇ خۇش خەۋەردىن دەرھال خەۋەر تاپتى.شاھ ئۇنى ئىلكىگە ئېلىۋالماق بولۇپ تەختنىڭ ھەققى ئۈچۈن جەھنگە ئوتتۇزمىڭ دىرھەم،ئىككى سىرغا،ھەم بىر ئالتۇن كۇلاھ بەردى.سارىۋ ۋە ئامۇللارنىڭ سۆزىنى بەجا كەلتۈرۈپ بۇ تەختنىڭ يۈزىنى جەننەتتەك ماكانغا ئايلاندۇردى.ئىراننى ئىراجغا تاپشۇرغان چاغدا بۇ قەسىرنىڭ نامى تېخى ئۇنداق زور ئەمەس ئېدى.شاھ پەرىدۇن ئۇنىڭ سەلتەنەت شانىنى پۇزۇن قىلماق ئۈچۈن ئۆزىدىن ئۈچ نەرسە قوشتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-7 08:00 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 07:59:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنىڭ بىرى تەخت،بىرى شىر باشلىق چوقماق،يەنە بىرى يەتتە كۆزلۈك گۆھەر ئېدى.بۇ ئالەم ئىچىدە ئۇ ھەرچاغ يادىكار بولۇپ تۇراتتى.چۈنكى ئۇ ئادالەتنىڭ بەلگىسى بولۇپلا قالماي يەنە تەڭسىز ۋە چىرايلىق ئېدى.
ئېراجدىنمۇ مۇشۇ ئۈچ نەرسە قالدى.مەنۇچېھىر ئۇنىڭدىن كۆپ خۇرسەند بولدى.شۇندىن كېيىنكى دەۋرلەردە كىمىكى تەلىيى كېلىپ شاھلىق تاجىنى بېشىغا تاقىسا، ئۇنىڭغا بىردىن يېڭىلىقنى قوشۇپلا كەلدى.نۆۋەت نېكبەخت كەيخۇسرەۋگە كەلگەندە بۇ تەختنىڭ سەلتەنىتى كۆپ ئاۋات بولدى.شۇ يوسۇن لۇخرەسىپكە يەتتى.ئۇندىن شۇنداق ئۆتۈپ گۇشەسپكىمۇ كەلدى.گۇشەسپ تەختنىڭ رەۋىشىنى كۆرگەچ مۇنداق دېدى:
-ئۇلۇغلار ئىشىنى داۋام قىلدۇرماق كېرەك،-ئاندىن ئۇ ھۆكۈماسى جامەسىپكە بۇيرىدى:
-ئەي ئىسىلزادە ھۆكۈما،بۇرۇن ئۆتكەن شاھلار بۇ قەسىرگە بىردىن يېڭىلىق قوشۇپ ئۆزىنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ شانلىق ئىزلىرىنى بۇنىڭغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. ئەمدى شاھلىق نۆۋىتى ماڭا كەلگەندە مەن ئۇنىڭغا زادى نېمە قوشۇشۇم كېرەك؟ بۇنى بىلەلمىدىم.سەن بىرمۇ بىر كۆرۈپ باققىن.بىز قوشقان نەرسە ئۇنىڭ داڭقىنى ۋە سەلتەنەت كۆركىنى چىقارسۇن.
جامەسىپ پەرمانغا بىنائەن ئۇ تەختنى تاماششە قىلدى.كېيىن ئىلىم-ھىكمەت بىلەن بىر خەزىنە بىنا قىلدى.ئۇنىڭدا ئەرشىئەلانىڭ تىمسالىنى كۆردى.نىمىنى قوشۇش كېرەكلىكىنى ھېساپلاپ كۆرۈپ زىمىندىن تارتىپ تاكى ئايغىچە بولغان بارلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ مودىلىنى لاھىيەلەپ ياساپ ئۇ تەختكە بەخش قىلدى.كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ كىم تەختكە چىقسا ئۇنىڭغا داۋاملىق بىر يېڭىلىق قوشتى.ئەقەللىسى پىل سۆڭەك،ئالتۇن،كۈمۈش سىم دېگەندەك ماتېرياللارنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
ئەپسۇسكى بۇ ئادەت ئىسكەندەر دەۋرىگە يەتكەندە ئىسكەندەر جاھىللىق قىلىپ بۇ تەختنى چاناپ تاشلىدى ۋە ئەلدىن پىنھان قىلدى.كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ نى نى پادىشاھلار ئۇنى داۋاملىق پىنھان ساقلىدى. تاكى ئەردەشىر دەۋرىگە كەلگىچە ئۇنىڭ تۈپەيلى پادىشاھلارنىڭ غېمى ئارتقان ئېدى.تەخت ئەھلى نىمىنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ دىلى پەقەت ئارمان بىلەنلا قېلىپ قالدى.دېمەك شاھ بولغۇچى ئەلەمدە ئۆتتى.تەخت ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرگە قېلىپ قالدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 08:33:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەۋراننى ئۇنىڭدىن باشقا بىر شاھ ئالدى.شۇ يوسۇن پەرۋىزگە يەتتى.تەختمۇ ئىلگىركىلەردىن ئۇنىڭغا قالدى.ئۇ تەختتە مۆتىۋەر ئۇنۋان كەسىپ ئەتمىش ئېدى.پەرۋىز ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكنى نىيەت قىلىپ ھەرقايسى يۇرتلاردىن قانچىلىغان  ماھىر ئاقساقاللارنى تەكلىپ قىلىپ كەلتۈردى.ئۇلار توپلىنىپ شۇ تەخت ھەققىدە سۆزلەشتى.يۇرت –يۇرتلاردىن ئۇ تەختنىڭ قالدۇق  پارچىلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ توپلاشتى.ئاندىن بۇ تەختنى تىكلەشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشتى.ئىرانلىق كۆپ زېرەك بىر ۋەلى ئادەم بار ئېدى.ئۇ ئادەم ئەقىل- پەم ئىشلىتىپ ئەردەشىر تەختىنى قايتا قۇراشتۇرۇپ پۈتتۈردى.ئاندىن ئۇ تەختكە شاھ تەختىنى پەيۋەندە قىلدى.رۇم بىلەن چىندىن،مۇكراندىن،باغداتتىن ۋە يەنە ئىراندىن زەرگەرلەر كەلدى.بىرمىڭ بىر يۈز يىگىرمە زەرگەر ئۇستا جەم بولدى.ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بۇ تەختنى ياد بىلەر ئېدى.ئۇلاردىن باشقا رۇم،باغدات ۋە پارستىن ماھىر ئۇستىلار كەلدى،ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ يەنە ئوتتۇزدىن شاگىرتى بار ئېدى.شاھ ئۇلارغا شاھانە سۆزلەر بىلەن ئىلھام بېرىپ قەسىرنى قايتا ياساپ چىقىشقا بۇيرىدى.ئۇلار كېچە-كۈندۈز ھاردىم-تالدىم دېمەي ئىشلەپ ئىشنى ئىككى يىلدا تامام قىلدى.
قەسىر پۈتكەندىن كېيىن ئۇستىلار  ھەشەمەت تەختىنى ئۇنىڭ ئايىقىغا قويدى.بۇ تەختتە پادىشاھنىڭ ھالاۋەت بەختىنى جۇلالىق قىلىپ قويۇشتى.بۇ تەختنىڭ قەددى نەچچە يۈز گەز كېلەتتى.پايەسىنى ئۆلچەشكە غۇلاچمۇ يەتمەيتتى.كەڭلىكى يۈز يىگىرمە گەز كېلەتتى.ئۇزۇنلىقى قەددىدىن سەل قىسقا ئېدى.ھەممە ئاينىڭ ئوتتۇز كۈنىدە تاڭ مەزگىلىدە ئۇنىڭ سېلىنغان گىلىمى بىر-بىرىگە ئوخشىماس ئېدى.بۇ تەختكە ئىشلىتىلگەن تىللا نەقىشلەرنىڭ سانى بىر يۈز قىرىق مىڭ ئېدى. ھەر بىرىگە گۆھەرلەردىن زىننەت بەخش قىلىنغان ئېدى.ھەممە مىخلىرى ساپ كۈمۈشتىن تەخ قىلىنغان بولۇپ ۋەزنى ئاتمىش مىسقالدىن جىق ئېدى.ھەر كۈن سەھەر قۇياش خانىسىدىن چىققاندا بۇ قەسىرنىڭ ئارقىسى دەشتكە، ئالدى گۈلزارلىق باغقا قارايتتى.چىڭقى چۈشتە قۇياش ئارسلانسىمان كۈچ ئالغاندا نۇرى تەخت ئۈستىگىلا چۈشەتتى.ئۇ مىۋىزار باغ تامان قاراپ باغدىكى گۈللەر ۋە مىۋىلەرنىڭ خۇش ھېدىنى شۈمۈرۈپ ئالاتتى.  

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 09:07:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىش چېغى سوغ جاندىن ئۆتكەن،شامال -بورانلار چىققان،يامغۇرلار ياغقان دەملەردە ھېچكىم بۇ تەختتە غەم-ئەلەم چەكمەس ئېدى.ئۇنىڭدا تارتىلغان قىممەت باھالىق دەرپەردىلەر بار بولۇپ كۈندۈزى سەۋسەردەك جىلۋە قىلار ئېدى.ئۇنىڭدا مىڭ دانە زەر ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان چەۋگەن توپ بار ئېدى.ئۇلار ئىللىق ئوت نۇرىدا خوپ جۇلالايتتى.ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى بىر يۈز بەش مىسقالدىن كېلەتتى.رەڭگى ئوت مىسالى جىلۋە قىلاتتى.ئۇلاردا ئاسماندىكى يۇلتۇزلار سانىقى،ئون،ئىككى،يەتتە بۇرجلار ئۆز ئىپادىسىنى تاپاتتى.بۇ بۇرجدا ھەتتا تولۇن ئايمۇ بار بولۇپ خىلۋەتتە كۆز قىسىپ نۇرلۇق جامالى بىلەن ئەتراپنى نۇرغا كۆمەتتى.توپلارنىڭ بىرلىرى ھەركەتتە بولسا، بىرلىرى جىم تۇراتتى.مۇنەججىم ئۇلارنى بىرمۇ بىر كۆزىتىپ قايسى يۇلتۇز ئۆتتى،قايسىسى تېخى ئۆتمىدى،قايسىسى مىررىخ،قايسىسى زۆھرە،يەر قانچە رەت ئايلاندى-ھەممىسىنى بىرمۇ بىر كۆزىتىپ بىلەلەيتتى.بۇ بۇرجلارنىڭ نەچچىسى تىللادىن ياسالغان ئېدى.ئۇلارنى نەققاشلار شۇنداق ئورناتقان بولۇپ ھېچكىممۇ سانىغا يېتەلمەس ئېدى.دانالارمۇ بۇ سىرنى ھەل ئېتەلمەيتتى.ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ بايلىق ئىشلىتىلگەن ئېدىكى،ئۇنىڭدىكى ئەڭ ئاددي بىر پارچە گۆھەرنىڭ باھاسىمۇ نەق يەتمىش دىنارغا توختايتتى.ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قىزىل گۆھەرلەر بولۇپ جاھان بازارىدا تەنھا،بىباھا ھېساپلىنار ئېدى.بەئەينى سانسىز زۆھرە يۇلتۇزى نۇر چاچقان كەبى ئۇنىڭدىن تۈن قوينى-ئاسمان يۈزى يورۇق ئالاتتى.ئۇ زور تەختنىڭ يېنىدا ئۈچ تەخت تۇراتتى.ئۇلار باشتىن ئاياغ گۆھەر كانى ھېساپلىناتتى.ھەر تەختتە سەرخىل تۆت پايە بولۇپ، ھەممىسى زەر ۋە گۆھەرلەر بىلەن ئىسىل نەقىشلەنگەن ئېدى.كىچىك تەختنىڭ نامى ‹‹مېشسار›› ئېدى.ئۇنىڭغا بىر قوينىڭ بېشى ئويۇلغان ئېدى.چوڭ تەختنىڭ نامى‹‹لاجۇۋەرد››ئېدى.بۇ تەختتە نۇر تەنتەنە قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ كىر تەگمەس ئېدى.ئۈچىنچىسى فېرۇزە تەخت بولۇپ كۆرگەن كىشىنى ئۆزىگە رام قىلاتتى.قوبۇلغا كەلگەن دېھقان ياكى خىزمەتكار مېشسار تەختتىن جاي ئالاتتى.كىمىكى جەڭلەردە قەھرىمانلىق كۆرسۈتۈپ مەردۇ- پالۋان ئاتالسا لاجۇۋەرد گۈمبىزىنى ماكان قىلاتتى.فېرۇزە تەخت بولسا باش ۋەزىرنىڭ جايى ئېدى.ئۇ شۇ تەختتە ئولتۇرۇپ شاھتىن قانداقلىكى پەرمان بولسا ئۇزاقمايلا بېجىرەتتى.فېرۇزە تەختىدە تۇرغان بۇ ئادەم ھەم دانا- ئەقىللىق،ھەم باتۇر-پەھلىۋان بولۇشى كېرەك ئېدى.


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 09:40:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەختكە بىر پارچە زەرباپ ماتا تاشلانغان ئېدى.ئۇزۇنلىقى ئەللىك غۇلاچچە كېلەتتى.ئۇل جامەنىڭ يىپى گۆھەردىن ئېدى.ئىشلىتىگەن ئالتۇن پۆپۈكلەرنىڭ تەرىپىنى قىلىشقا تىل ئاجىزلىق قىلاتتى.ئۇنىڭدا ئاسماننىڭ -ھۇرمۇزد،بەھرام،مېھىر،كەيۋانلارنىڭ سۈرىتى ھاسىل قىلىنغان ئېدى.ئۇنىڭدا يەنە كېچە بىلەن كۈندۈز،ئاي بىلەن يۇلتۇزمۇ نامايەن قىلىنغان ئېدى.ئۇ يەتتە ئىقلىم بىر يەرگە جەم قىلىنغان كاتتا بىر ئەسەر ئېدى.مەيلى دېھقان،مەيلى رۇملۇق قەيسەر،مەيلى قىرىق سەككىزمىڭ پادىشاھ بولسۇن ھەممىسىدىن ئۇندا نىشان بار ئېدى.تاجۇ-تەختتە سۈرەت جىلۋە قىلىپ تۇراتتى.ئۇندا شاھىنشاھلارنىڭ نامى زەر يىپ بىلەن تىكىلگەن، جاھاندا تەڭسىز نەقىش-نىگار ئېتىلگەن ئېدى.چىنلىق دانا ۋە ئاقىل بىر ھۈنەرۋەن بۇ جامە (‹‹جامە››نىڭ چاغاتاي تىلى لۇغىتىدىكى ئىزاھاتى تون،كىيىم،لىباس دېگەن مەنىدە كېلىدىكەن.ئۇنى مەزمۇن بىلەن بىرلەشتۈرگەندە ھېلىقى چوڭ ماتاغا زەر يىپ بىلەن تىكىلگەن كەشتە بولۇشى مۈمكىن) نى نەق يەتتە يىل تىككەن ئېدى.
يېڭى يىل بېشىدا ھۇرمۇزد فەرۋەدىن ئىران ئېلى تەختىگە يېقىن كەلدى.ئۇ شاھلىق لىباسىنى شاھقا ئېلىپ كەلدى.شاھ ئۇنى كىيگىنىدە بارچە ئەل ئۇ قىبلىگاھقا ئەگەشتى.نەۋرۇزدا روھىي-ھاۋانى شادلىققا تولدۇرۇپ مۇشۇ جامەنى يەرگە سېلىشتى.ئول جامە ئۈستىدە مەجلىس قۇرۇلدى.مېھمانلار ۋە ساھىپخان مەي ئىچىپ،كۈي ئاڭلاپ ئىشرەت پەيزىنى سۈردى.سەركەشلەرنىڭ سازلىرىغا ئاپىرىنلار ئوقۇلدى.سورۇننىڭ كەيپى شاھنىڭ ئەلپازىغا شادلىق ئېلىپ كەلدى.سەردارلار پادىشاھنىڭ شەۋكىتىنى قاتار كۈيلىشىپ ئەل-ئاۋامغا گۆھەر ۋە دىنارلارنى چاچقۇ قىلىپ چېچىشتى.
ئەمدى ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى ھاپىز باربەدنىڭ قىسسىسى

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 01:26:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاپىز باربەدنىڭ قىسسسى
   پەرۋىز يۇرت ئىشلىرىدىن ئاگاھلىق تۇتۇپ يىگىرمە سەككىز يىل پادىشاھلىق قىلدى.بۇ جەرياندا ھېچكىممۇ ئۇنىڭدىن كارى بەد(يامانلىق)كۆرمىدى. ئىران مەملىكىتىدە ناخشا-سازغا ھەممىدىن ماھىر باربەد ئىسىملىك بىر ئەلنەغمىچى بار ئېدى.ئۇ شاھ قەسرىدىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇراتتى.باشقىلار ئۇنىڭغا دېيىشتى:
-شاھى جاھان ناخشا-سازغا بەكمۇ ھېرىسمەن  ئىكەن.ماھىر سازەندىلەر،داڭلىق ناخشىچىلار ئۇنىڭ ئالدىغا بارسا تولىمۇ ئەتىۋارلىنىپ پاراغەتتە ياشايدىكەن.ئاڭلىساق شاھ ھازىر يىتۈك ھاپىزلاردىن ئىمتىھان ئېلىۋاتقانمىش.سىلى نىمىشقا بېرىپ تەلەيلىرىنى سىناپ باقمايلا! ئەگەر شاھ سارايدا سىلىنىڭ سازلىرىنى ئاڭلايدىغان بولسا، قەدىرلىرىنى قىلىپ بارلىق سازەندىلەرگە سەرۋەر قىلىپ تەيىنلىگەن بولار ئېدى.
باربەد يوقسۇل ئەمەس ئېدى.شاھ يېنىغا بارمىسىمۇ باياشاد ياشاپ كېتەلەيتتى.لېكىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ شاھ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسۈتىۋېلىش،بارلىق سازەندىلەرگە باش بولۇپ تېخىمۇ يۇقۇرى نام-شۆھرەتكە ئېرىشىش ھېرىسلىقى بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىپ ئوردىغا كەلدى. ‹‹ ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان›› دېگەن گەپبار.شاھ قەسرىدىكى سازەندىلەرنىڭ سەركىشى باربەدنىڭ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ غەمگە پېتىپ مۇسىبەت يەتكەن ئادەمدەك شۈكلەپ قالدى. چۈنكى ئۇ باربەدنىڭ نامىنى ئاڭلىغان ئېدى.ئۇنىڭ سارايغا قەدەم  قويغان ۋە شاھ بىلەن كۆرۈشكەن كۈنى ئۆزىنىڭ ئالتۇن تاۋىقىنىڭ چېقىلغان كۈنى بولۇپ قالاتتى.‹‹  ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھۇشيار بول›› دېگەن ماقالدا دېيىلگەندەك قىلىش ئۈچۈن ئۇ دەرھال قەسىر دەرۋازىسى ئالدىغا چىقتى.ئۇنىڭچە بولغاندا باربەدنى دەرۋازىدىن كىرگۈزمەي شاھ بىلەن كۆرۈشتۈرمىسىلا ھېچكىم ئۇنىڭ يەۋاتقان ئېشىنى تارتىۋالالمايتتى.سەركەش دەربان(ئىشىك باقار،دەرۋازىۋەن) بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا نۇرغۇن دىنارلارنى سوۋغا قىلدى ۋە دېدى:
-ئاڭلىسام بىر ھاپىز شاھ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كېلىۋاتقانمىش.بىلىشىمچە ئۇ سەنئەت بابىدا بارلىق سازچىلارنى بېسىپ چۈشكىدەك ماھىر سازەندە ئىمىش.سەندىن ئۆتۈنىدىغىنىم شۇكى ئۇنى خۇسرەۋ ھوزۇرىغا كىرگۈزمەستىن مۇشۇ يەردىنلا كەلگەن يېرىگە قوغلىۋەتكىن.بولمىسا مەندەك بىر نامدار دوستۇڭنىڭ بېشىغا غەم سېلىپ قويىسەن.
دەربان ماقۇل بولدى.ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ باربەد كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ شاھ بىلەن كۆرۈشتۈرمىدى.باربەد قانچە يېلىپ يالۋۇرسىمۇ قۇلاق سلمىدى.شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئۈمىد بىلەن كەلگەن باربەد ئۈمىدسزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالدى.ئۈمىدنى ئۈزۈپلا قايتىپ كېتەي دېسە يىراق يول بېسىپ كەلگەنلىكىنى،قۇرۇق قول قايتسا دست-دۈشمەنلىرىنىڭ مازاق قىلىدىغانلىقنى ئويلاپ قايتىپ كېتىش ئويىدىنمۇ ۋاز كەچتى.باشقىچە ئۇسۇل قوللىنىپ شاھ بىلەن كۆرۈشۈش نىيىتىگە كېلىپ خېلى ئويلاندى. كېيىن ناھايىتى ئەپچىل چارىدىن بىرنى تېپىپ شۇ ئۇسۇلنى قوللانماقچى بولدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-18 01:32 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش