كۆپ قىسىم شىنجاڭلىقلار بۆلۈنۈشنى خالىمايدۇ'
« يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى : لى بويا
بوزقىر تەرجىمىسى
ئامېرىكا خوپكىنىسكى ئۇنۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا- كاۋكاز تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى فېدرخ ستار ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئامېرىكىدىكى نامى مەشھۇر ئالىم . ئۇ 2007-يىلى نەشىر قىلدۇرغان « يېڭى يىپەك يولى» دېگەن كىتابى بىلەن ئامېرىكىنىڭ « بۈيۈك ئوتتۇرا ئاسىيا پىلانى»غا زور تەسىر كۆرسەتكەن . ئۇ باش بولغان « شىنجاڭ : جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا » ناملىق كىتابمۇ زور مۇنازىرە قوزغىغان. ئامېرىكا ئىلىم ساھەسىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان نەزىرى ۋە قارىشىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى يېقىندا ستارنى زىيارەت قىلدى . ئۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم ئۆزىنىڭ شىنجاڭ رايونىنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىغا بولغان قارىشىنى بايان قىلدى.
http://www.xahtur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=832