intzar يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 01:14 AM
سىز ئوقۇغانمۇ ؟ ئوقۇغان بولسىڭىز نەدە نىمە ئىش قىلسىز ...
ھە مەن ئىچكىردىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە ئىقتىساد پەنلىرى بويچە باكلاۋۇرلۇق ئوقىغان ،داۋاملىق ئوقىۋاتىمەن . ئاللاھ نىسىپ قىلسا چەتكىمۇ چىقىمەن ، تىمىدا بەك كۈچەپ دىيىلگەن پۇلنىڭ گىپىگە كەلسەك باكلاۋۇرلۇق ئوقۇۋاتقان چېغىمدىلا بىر ئايدا قىلىدىغان كىرىمىم بۇ تىمىنى يازغان مۇئەللىمنىڭ بىر ئايلىق مۇئاشىدىن كام ئەمەس ، تىمىدىكى يۈز كوي ھەتتا بەزىدە بىر كۈنلۈك ئىش ھەقىقىم كىرىمىمنىڭ تۆت بەشتىن بىرىگە ئارانتوغرا كىلەتتى، يەنە سورايدىغان سوئالىڭىز بارمۇ ؟ (پوچىلىقتەك بولۇپ قالمىسۇن ، بۇ توردىشىمىز بەك كوچىلاپ سوراپ كىتىپتىكەن شۇڭا دەپ سالدىم)
بەك جىق سوئال سوراپ كىتىپسىز ، مەنمۇ سوراپ باقاي :
سىز بىزنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ،ئوقۇش ئەھۋالىنى قانچىلىك ئەھۋالدا ئوقىۋاتقىنىنى بىلەمسىز
؟ بىلمىسىڭىز مەن دەپ بىرەي ، تولۇقلىما ئىمتىھان ، 重修(بۇنى ئۇيغۇرچى نىم دەيدۇ بىلمىدىم تارىخىمدا بۇنداق ئىمتىھان بىرىپ باقمىغاندىكىن ) مۇشۇ ئىمتىھانلار ئۈچ ۋاق تاماق ئورنىدا بولۇپ كىتىۋاتقانلا قانچىلىك بىلەمسىز ؟ خەن باللىرى ئاسپىرانىت ماگىستىرىللقا تەييارلىق قىلسا بىزنىڭ تولۇق كۇرۇس ۋە مەخسۇس كۇرۇستىكى باللار مالىمنى تىللاپ ئولتۇرۇپ ئاۋۇ تولۇقلىما ، چوڭشىيۇ دىگەن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىدىغانلا قانچىلىك بىلەمسىز ؟
مەن مىللەت سۆيىمە دەپ شۇئار تولايدىغانلارنى ياقتۇرمايمە ، ئەمسە سىزچە مۇنۇ بۇكاۋچىلارنى جان بېقىش ، بەخىتلىك تۇرمۇش ئۈچۈن دەرس تاشلاپ ئويۇن ئويناپ ، پارتىغا شالىسىنى ئېقىتىپ قىشتا سوغۇقتىن ، يازدا ئىسسىقتىن ۋايساپ ئۇخلاپ جان باقتىلىق قىلىپ ئۈچ تۆت يىلنى ئۆتكۈزۈپ ئاتالمىش داشۆ پۈتتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ دەيدىكەنمىزدە ، خاپا بولماڭ بۇنى بىلمەي قاپتىمەن ، مەن تېخى ھەقىقى ئەمەلىي ئىقتىدار يىتىلدۈرۈش ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خەق خىزمەت بەرمىسە ئەركەكتەك تۇرۇپ ، 'خەق ئالدىدا سارغايماي ، ئۆزىمۇ نەچچە ئادەمنى ئىشلەتكۈدەك قابىلىيەت يىتىلدۈرۈش مۇھىممىكى دەپتىمە ، سىزنىڭ بۇ جان بېقىش پەلسەپىڭىزدىن تولىمۇ كىچىكىپ خەۋەر تاپقىنىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن .تىما ئىگىسىگە دەيدىغىنىم قابىلىيتىڭىز بارمۇ ؟ مەن تولۇق كۇرۇستۇم ، مەخسۇس كۇرۇسچىلار بىلەن ئوخشاش كۈنگە قېلىپ ماڭا ئۇۋال بولدى دىسىڭىز ئەمسە ئاۋۇ مەخسۇس كۇرۇسچىلارنىڭ مۇئاشىنى نەچچە قاتلىغۇدەك ئىش قىلىپ پۇل تېپىڭ ، ياق مەندە مۇشۇ خۇدايىم بەرگەن مۇقىم خىزمەتتىن باشقا ئىشنى قىلغۇدەك ئىقتىدار يوقتى دىسىڭىز ئەمسە شۈكۈر قىلىپ شۇ خىزمىتىڭىزنى ياخشى قىلىڭ ، سىزگە كام بوپ قالغىنىنى نىيتىڭىزنى دۇرۇس پاك تۇتسىڭىز ئاللاھ ھەسسىلەپ بىرىدۇ ، نىمە قىلالىسىڭىز شۇنى ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرشىڭ .
قارىغاندا باشقا مىللەتلەردىن ئارزراق قاقشاپ ئۆزىمىزنىڭ بىلىنى تۇتۇپ باقساق بولىدىغان ئوخشايدۇ .
يەنە سىزگە شۇ دىمەكچىمەنكى : ئاللاھ ياراتقان ئەركەكلەر ئۆزىگە جان بېقىشنى ئەمەس ، ئەركەكتەك ياشاشنى نىشان قىلىشى كىرەك ، جان بېقىش بىلەن ياشاش ئاسمان زىمىن پەرىقلىنىدۇ ، كالا -قويلار جان بېقىدۇ ھەم شۇنى نىشان قىلىدۇ ، ئادەم ، ئىنسان ياشايدۇ ھەم شۇنى نىشان قىلىدۇ ،ئەمدى بۇ گىپىمگە ئادەم ، ئىنسان دەپ چوڭ گەپ قىلماڭ دىسىڭىز ئاچچىقتا كومپىيوتىرنى سىز تۇرغان تەرەپكە چۆرۈپ سالماي ، ئادەم بولغاندىكىن ئادەملىك ، ئىنسانلىقنىڭ گىپى بولۇپ قالدىكەن .
بۇ ئىنكاسىمغ مىغىزلىق ، جىڭغا توختايدىغان پىكرىڭىز بولمىسا ئىنكاس قايتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . رامىزاندا ئارتۇق كاپىلداپ يەنە دىگەننى يەنە دىيىش ئادەمنى بەك مالال قىلىۋىتىدىكەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 52arslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-3 03:28 PM