مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: a.sayrami

بىزگە زادى قانداق « قىزغىنلىق»كېرەك؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2338
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 05:32:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
ئەڭ ياخشى كىشىلەر مېنىڭ دەۋرىمدە ياشىغان كىشىلەردۇر (ساھابىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، ئۇلاردىن قالسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋردە ياشىغان كشىلەردۇر (تابىئىنلار)، ئۇلاردىن قالسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋردە ياشىغان كىشىلەردۇر (تەبىئى تابىئىنلار)، ئىمران پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ دەۋرىدىن كېيىن ئىككى دەۋرنى تىلغا ئالدىمۇ ياكى ئۈچ دەۋرنىمۇ، بۇ يادىمدا يوق دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: سىلەردىن كېيىن شۇنداق بىر خەلق كېلىدۇكى، ئۇلار خىيانەتكار، ئىشەنچىسىىز، ئۆزلىرى گۇۋاھلىق بېرىدىغان ئەمما گۇۋاھلىققا تارتىلمايدىغان، ئاللاھقا قىلغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان ئادەملەردۇر. ئۇلار دۇنياغا بەكمۇ ھېرىس ۋە راھەتپەرەس كېلىدۇ، دىدى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 941
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2797
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 674 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 05:35:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazigul8 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-1 10:59 AM
بۇ قىزغىنلىقلارنى تىجارەتچىلەر كەلتۈرۈپ چىقارامدىغان ...

تۈركىيە مىنىستىرى ئەردۇغان باياناتنامىدە مەزكۇر فىلىم تۈركىيەگە ماس كەلمەيدۇ دەپ ئىيتقان،ئەلۋەتتە تۈركىيە ياۋرۇپاغا يىقىن بولغاچقا ئاخبارات ۋە باشقا ئىشلار نىسبەتەن ئەركىن،جۇڭگۇنىڭ ئاخبارات ياكى باشقا مەدىنىيەتلەرنى قامال قىلغۇدەك مادارى پەقەت دۆلەت ئىچىدە ،تۈركىيە بولسا چەكلەپ كىتەلمەيدۇ،لىكىن مەيدانىنى بىلدۈرۈپ قۇيىدۇ،تۈركىيەدە ئەركىن مۇھەببەتنى قوللايدىغان يەھۇدىي كىنو رىججىسۇرلىرى كىنونى تۈركىيەدە ئىشلەپ تارقىتالمىسا تور ياكى باشقا ۋاستىلەر بىلەن دۇنيانىڭ ھەممە يىرىگە تارقىتىۋىرىدۇ.بىزدەكلەر ئەردۇغاننىڭ ئاخباراتىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ پۇل ئۈچۈن تەرجىمە قىلىۋىرىمىز،بىر پىلاستىنكا ساتساق بىر كوي كىرىم ئەمەسمۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 22 ئەسلى مۇنداكەندە.رەھم.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 22   باھا خاتىرىسى

http://news.bilimkuqi.com/?p=419

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9169
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1650 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 01:00:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزچىل ئەپەندىمنىڭ پىكىر قاتناشتۇرغانلىقىغا كۆپ تەشەككۈر!
بۈگۈنكى دونيا شارائىتىدا كىنو تېلۋىزيە يالغۇر تاراتقۇ ۋاستىسى بۇلۇش بىلەنلا قالماي ئۇ يەنە مەدىنيەت تارقىتىش ۋاستىسى،ۋاستىلىك  سودا تەشۋىقات قورالى سۈپتىدە مونوپۇل شىركەتلەرنى ۋە ئۇلارنى پەردە ئارقىسىدا قوللاۋاتقان  سودا شىركەتلىرنى زور پايدىغا ئېرىشتۈرۋاتىدۇ. مىسالغا ۋوللىۋودنى ئالساقمۇ ئۇ ۋەكىللىك قىلۋاتقان ئاممىۋى تاراتقۇلار ئامېركىنى ۋەكىل قىلغان غەرىب مەدىنىيتىنى ،غەرىبنىڭ قىممەت قارىشىنى تارقىتىش بىلەن  ئۆزى غايەت زور پايدىغا ئېرشىپلا قالماي كشىلەرنىڭ ئامېرىكا تاۋارلىرى، ۋە كاپىتالىزىم جەننىتىگە بولغان قىزقىشىنى قوزغاپ قوش پايدىغا ئېرىشۋاتىدۇ. ۋوللىۋود قىزغىنلىقى، تۈركىيە ،كورىيە قىزغىنلىقىنى سېلىشتۇرغاندا تۈركىيە ھەر جەھەتتىن بىز دىنىي،ئېتنىك،ئۆرىپ ئادەت،جەھەتلەردە بىر قەدەر يېقىن تۇرىدۇ. مىنىڭچە گەپ بۇ يەردە قانداقتۇر باشقىلارنى قارغۇلارچە دوراش بولماي بەلكى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆزمىزنى يۈكسەلدۈردىغان قورالغا ئايلاندۇرۇپ ئۆزمىزگە خاس بىر يولنى تېپپىپ  چقىش كېرەك. شۇڭا بۇ جەھەتتە ھەر بىر ئۇيغۇر ئەتراپلىق ئويلىنشى،بەزىدە ئۆز مىللىي سانائىتى ئۈچۈن ئارزارق بەدەل تۆلىشى كېرەك. بۇ يەردە جوڭگولۇق بىلۇش سۈپتىمىز بىلەن مۇنداق بىر مىسالنى ئېيتىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلدۇ؛
شىنخەي ئىنقىلابىدىن كىيىن بارلىققا كەلگەن سۈن جوڭشەن رەھبەرلىكىدىكى مىللىي سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرش ،سودا-سانائەت ئارقىلىق دۆلەتنى قۇتۇلدۇرۇش چاقىرىق قىلنغان ۋاقىتىدا جوڭگولۇقلار ئامال بار ئۆز دۆلىتىدە  ئىشلەنگەن ماللارنى سېتۋېىلىش تەشەببۇسى  كەڭ قوللاشقا ئېرىشىپ نەتىنجىدە ھەممە ئادەم بەس-بەستە ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەنگەن تاۋارلارنى سېتۋالدىغان (گەرچە سۈپەت جەھەتتە ناچار، باھا جەھەتتە يۇقۇرى بولسىمۇ )مۇنداق بىر ھالەت بارلقققا كىلىپ ئاجىز مىللىي سانائەت تېز تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.  ھازىرقى بەزى ئەھۋاللارنى شۇ دەۋىرگە ئوخشىتىشقا بۇلىدۇ. مىللىي سانائىتمىز يېڭى ئۈنۈپ چىققان مايسىغا ئوخشاش  ھەربىرىمىزنىڭ ئاسىرشىغا ،قوللىشىغا بەكمۇ مۇھتاج.  مىللىي سانائەت ئۈچۈن ئازراق قۇربان بېرىشكە تامامەن ئەرزىيدۇ. ئەلۋەتتە مىللىي شىركەتلەرمۇ خەلىقنىڭ دېگەن يېرىدىن چمقىشى، خەلىقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، خەلىق ياقتۇردىغان ،بىزگە ماس كىلدىغان ،ھەم خەلىقئاراغا يۈزلىنەلەيدىغان تاۋارلارنى ئىشلەپچىقارغان شارائىتتا.ئەگەر ھەممىز چەتئەلنىڭكىنى، ئىچكىرنىڭكنى ياخشى،سۈپەتلىك دەپ قارغۇلارچە مودا قوغلاشساق باشقىلارنى باي قىلساق بىرسى ئۆزمىزنىڭ خاسلىقىنى ئاستا-ئاستا يۇقۇتىمىز.يەنە بىرسى مىللىي كارخانلىرىمىزنى ۋەيران قىلمىز.
شۇڭا مەن يۇقارقى تىمامدىكى مەسىللەرنى ئومۇمى ھادىسە دەپ قارمىساممۇ لىكىن كۈزەتكەن بەزى ئەھۋاللار ئادەمنى ھەقەتەن ئەنسىرتىدۇ.
تىمامدا ئۆزىمىزنىڭ قىزغىنلىقىنى نىمە دەپ ئېلىش مەسلىسىدە بەك ئويلاندىم. ھەققەتەن سىز دېگەندەك«ئۇيغۇر قىزغىنلىقى» سۆزنىڭ ۋەزىنى بەكمۇ چوڭ . يەنە كىلىپ مۇنداق ئېلىنسا خۇدددى بىز ئەسلى ئۇيغۇر ئەمەسمىدۇق! دېگەن سۇئال تۇغۇلدۇ. شۇڭا نىمە دەپ ئېلىشنى بىلەلمەي قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 941
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2797
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 674 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 02:35:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلبەتتە غەرىپنىڭ قىممەت قارىشى ۋە تەپەككۇر ئەمىلىيتى ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىدىن كەلگەن بولغاچقا دۇنيانىڭ كۆزى ۋە مەركىزى بولالىغان،  ئۈنىمى ياخشى بولغاچقا دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەل مەملىكەت ۋە رايۇنلاردا ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى  ياراتقان،قىسقىسى دۇنيانىڭ بۈگۈنىنىمۇ ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىق روھى بەدىلىگە مۇشۇنداق بولالىغان،شۇڭا يۇمشاق ئەمىلىي مەدىنىيەتنى تەشۋىق قىلىشقا تولىمۇ باب كەلگەن دەپ قارايمەن.ئاسىيادىكى ئىخدىسادى تەرەققىياتى تىز بولىۋاتقان دۆلىتىمىز جۇڭگۇدىمۇ ئىلگىرى سىز ئىيتقاندەك جۇڭخۇا مىنگۇنىڭ قۇرغۇچىسى سۇڭجۇڭشەن ئەپەندىنىڭ چاقىرقىدا نۇرغۇن جۇڭگۇلۇقلار چەتئەل ماللىرىغا تايىنىشنى كۈنسىرى ئازلىتىپ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ماس كىلىدۇ دەپ قارىغان ماللىرىنى دوراپ ياساپ چىقىشقا باشلىغان،بۇنىڭغا ھازىرقى شىنجىن شەھرى مىسال بولالايدۇ.شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆز ئۆزىنى قۇدىرەت تاپقۇزۇشتا يەنىلا ئۆزىنىڭ كارخانىللىرىنى قوللاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەنگەن جۇڭگۇلۇقلارنىڭ سانى تىخىمۇ ئىشىپ بارغان،ماۋزىدڭ پەن ئارقىلىق گۈللىنىشنى چاقىرغاندا چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە دىڭىز بويى رايۇنلىرىدىن چەتئەللەرگە تىخنىكا ۋە باشقا تۈرلەرنى ئۆگىنىشكە نۇرغۇن ئىخدىساد ۋە ئدەم كۈچى ئاجىراتتى،بىراق بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ تىخنىكىسىنى ئوغۇرلاپ كىتىش،دوراپ ياساش قاترلىق ياسىمىچىلىقلار ھازىرغىچە دىڭىز بويى رايۇنلىرىنىڭ ئىخدىسادى تۈۋرىكى بولىۋاتىدۇ،قىسقىسى دۆلىتىمىز تا ھازىرغىچە چەتئەلنىڭ تىخنىكىللىرىغا مۇھتاج دىسەك ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز،مەسلەن ماشىنسازلىق،ئىلىكتىرۇن مەھسۇلاتلاردىن تارتىپ يىمەك ئىچمەكلەرگىچە ئىمپورىتقا تايىنىدىغان شىركەتلەر نۇرغۇن،ئالايلۇق،بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان تىلىپۇن،كومپىيۇتىردىن تارتىپ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىچە ئاساسەن چەتنىڭ،ئۆزىمىزنىڭكىنى ئىشلەتسەك بولمامدۇ دىگەندە تىلپۇننى مىسالغا .السا دۆلىتىمىزدە ياسالغان باھاسى نۇرمالراق تىلپۇننى ئۇزاق ئىشلەتسەك ئىككى يىل بولمىسا بىرەر يىلدا رىمىنۇتقا ئاپىرمىز،ماشىنىنى مىسالغا ئالساق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماشىنىلارنىڭ سۈپىتى بىلەن ياسىلىش ماتىرياللىرىغا بىر نىمە دەپ بولمايدۇ،بۇنىڭغا ئۆتكەن يىلدىكى ياپۇن ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ۋەقەللىرى بىلەن سىلىشتۇرۇش مۇمكىن،گەرچە ياپۇنننىڭ ماللىرىغا قارشى تۇرمىز دىگەن بىلەن ئىشىك ئالدىدىكى كوچىدا يىرىم سائەت تۇرۇپ ماشىنىنىڭ ماركىسىغا قارىساق 95%چەتنىڭ ماشىنىسى.بۇ نىمىنى بىلدۈردۇ دىگەندە شۇ ئۆز ئۆزىنى قۇدىرەت تاپقۇزۇش دەپ قارىغان دۆلىتىمىز پۇخرالىرىنىڭ ھازىرمۇ ئۆز مەھسۇلاتىغا بىر تەرەپلىمە قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ،ئەمىلىيەتتىمۇ بۇ بىر ئەركىن تاللاش بولۇپ قالغان خالاس.
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك،ئۇيغۇر كارخانىلار بۇرۇنقىدىن كۆپەيدى،مەھسۇلات تۈرلىرىمۇ كۆپەيدى،ئۈلگىلىك كارخانىللىرىمىزدىن ئارمان،سادا،ئىخلاس ،ئامىنە يەنە باشقا نۇرغۇن شىركەتلەر مەيدانغا كىلىپ ئۆز دىيارىمىزنىڭ تۇرمۇش تەلىپىنى قاندۇرۇپ يەنە چەتئەللەرگە يۈزلىنىپ ياخشى نەتىنجە ياراتتى ۋە يارتىۋاتىدۇ.بىراق بىر قىسىم كارخانىلار ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ۋە ئىشلەش ئەھۋللىرى خىرىدارلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىدى ياكى شۈبىھلىك تەسىرنى پەيدا قىلىپ  باشقا شۇ خىلدىكى كارىانىلارنىڭمۇ ئوبىرازىغا تەسىر كۆرسەتتى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.
جەمىيىتىمىزدە مىللىي كىملىك ۋە مىللىي ئوبىراز كۈچىيۋاتىدۇ،بۇ ھەقىقەت.بىراق يىمەك ئىچمەكلەردە كىشىلەر بارغانچە شۈبىھلىنىدىغان ئەھۋاللار يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.يەنى ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتى دەپ تەكىتلىنىۋاتقان بەزى مەھسۇلاتلار يەنىلا كىشىنى ئويغا سالىدۇ.
سىز دىمەكچى بولغان مەسىلە ئۆزىمىزنىڭكىنى قوللاپ مىللىي كارخانىلارنى يۈكسەلدۈرۈش چاقىرقى ئىكەن،بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش.دىيارىمىز شىنجاڭدا مىللىي مەدىنىيەت ۋە دىنى كەيپىيات ىنتايىن قۇيۇق.بۇنداق بولغانكەن،چۇقۇم خىرىدارلارنىڭ تاللىشىنى ئاساس قىلسا،بازار كويلاردىكى سىتىقچى تىجارەتچى كىشىلەرمۇ ھالال سودا قىلسا ئەلۋەتتە كىشىلەرمۇ تەبىيلا ئۆزلىشىدۇ،كىشىلەرمۇ ئۆزىمىزنىڭكىنى قوللىساق بولمامدۇ دىيىشىدۇ.ئەملىيەتتىمۇ بىز يەنىلا ئۆزىمىز ئىشەنگەن كارخانىللىرمىزنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىستىمال قىلىۋاتىمىز.شۇڭا يۇقارقى ئىنكاسىمدا دىگىنىمدەك،قاچان بىز غۇرۇرىمىزنى مەنپىئەتىمىزدىن ئۈستۈن ئۇرۇنغا قۇيالىغاندا،جەمىيەتتىكى شۇ ساختا ناچار ئاتالمىش مىللىي ئوبىراز بىلەن كوچىغا چىقىۋالغان مەھسۇلاتلار يوقىلىدۇ،ساختىپەزلەرگىمۇ ئورۇن قالمايدۇ،ئەلۋەتتە بۇنىڭغا جەريان كىتىدۇ.بولمىسا بىز يەنە شۇ چەتئەلنىڭكىنى ئىستىمال قىلغىنىمىز قىلغان بولۇپ قالىدۇ،بۇنداق بولىۋەرسە يەرلىك مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ زىيانغا ئۇچىرشى تۇرغانلا گەپ بولۇپ قالىدۇ.ئەلبەتتە شۇ ساختىپەز ھىلىگەر تىجارەتچىنى قانداق يۇقىتىمىز دىگەندە ھەممە ئادەمدە ساختا ناچار تاۋارلارغا قارشى تۇرىدىغان كەيپىيات بولىشى كىرەك،كۆڭۈلكۆتۈرمەيدىغان نەرسە ئۇچىراتساق تىجارەتچىدىن شۇ نەرسىنىڭ كىلىش مەنبىيىنى سۇراش كىرەك،تىجارەتچى زوۋاندازلىق قىلسا ئالارمەنمۇ يۈز ئاياپ تۇرماي سودا سانائەت ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىش كىرەك،ەلۋەتتە شۇ سىتىقچىمۇ ئەقىل ۋىجدانى بىلەن سودا قىلىشى كىرەك،سودا قىلىپ پۇللا تاپسام دەيدىغان ھارام جان باقتىلىقنى ئويلىماسلىقى كىرەك.شۇنداق مۇستەققىل پىكىرلىك،غۇرۇرىنى مىللەتنىڭ يۈز ئابىرۇيىنى قۇغداش بەدىلى قىلالايدىغانلار ،قانۇننى قۇرال قىلالايدىغانلار كۆپەيسە ئۇنداق ساختىپەز تىجارەتچى ياكى ھىلىگەر خۇجايىننىڭمۇ كۈنى تەسلىشىپ ئۇنداق ھارامخۇرلۇقنى قىلماس بولىدۇ،بازاردىن شاللىنىدۇ.شۇندىلا خەلىقىمىز ئىشەنچىلىك ھالدا ئۆزىمىزنىڭكىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىغان ئاڭ ئوموملىشىپ بارىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-2 03:02 AM  


http://news.bilimkuqi.com/?p=419

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12480
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 525 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 03:30:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئا. سايرامى ئەپەندى دېگەندەك كورىيە فىلىملىرىدە ئىلان ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئۇلار مەھسۇلاتلارنىڭ ئىلان تەشۋىقاتى ئۈچۈن  فىلىم ئىشلەيدۇ.  60 قىسىملىق فىلىمىنىڭ مەزمۇنىنى بىر نەچچە جۈملە بىلەنلا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ. مۇرەككەپ ۋەقەلىك يوق. ئۆي ئىچىدە سۈرەتكە ئالىدۇ، چۈنكى چىقىم ئاز كېتىدۇ. بىر ئككى قىسىم كۆرۈپ بولۇپ باشقىلار نېمە ۋەقە لەر بولدى دېسە دەپ بەرگىدەك گەپ يوق. ئۇلار قەستەن فىلىمنى ئۇزارتىدۇ.
ياز پەسلىدە بازارغا سالماقچى بولغان كىيىمنىڭ ئىلان فىلىمىنى قىشتا ئىشلەپ باھاردا تارقىتىدۇ. كىشىلەر يازدا ئارتىسلار كىيگەن  بۇ كىيىملەرنى بەسبەستە ئالىدۇ. باشقا مەھسۇلاتلارمۇ شۇنداق. ئىلان بېرىدىغانلار كۆپۈيىپ كەتسە ئۇزارتىپ ئىشلەۋىرىدۇ، ھەتتا ئىككىنچى بۆلۈمىنى ئىشلەيدۇ.
مىللىيلىك ئەكس ئەتكەندەك قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە  كورىيە جەمئىيىتى ئۇنداق ئەمەس، كورىيە جەمئىيىتى مۇشۇنداق بولسا بولاتتى دېگەن  بىر غايە ئۇ.  كورىيەلىكلەردىن نەرىمىز كەم دېگەن كىتابنى ئوقۇسا بۇ نۇقتىلار ئايدىڭلىشىدۇ.

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش