yan يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 12:48 PM
ھەرقانچە تەرەققى قىپكەتسىمۇ يەنىلا قۇرئان ئىلمىنىڭ ...
بۇ گەپلەر سىزگىلا قارىتىلمىغان....
تەتقىقاتنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق، سىز قۇرئاندىن كۆرۈۋالغان تەقدىردىمۇ ئۇنداق ئەمىلى مەشغۇلات بىلەن تەھلىل قىلىپ ئەمىلى بىلىمگە ئېرىشەلمەيسىز ياكى شۇ بىلگىنىڭىز ئارقىلىق خەلىققە نەپ يەتۆۈزەلمەيسىز، بولمىسا ماشىنا پاراۋۇزلارنى سىز كەشىپ قىلاتتىڭىز. بۇنداق تەبئى-پەن بىلىملېرىگە قۇرئاننى تىرەپ نىمە دىمەكچى؟... قۇرئاندا بار دەيلى، ئەمىليەتتە پايدىلىنىپ نىمە بارلىققا كەلدى. قۇرئان مۇقەددەس بولسىمۇ بىر ئۈمۈر قۇرئان يادلاش، ۋە تەشۋىق قىلىشنىڭ ئورنىغا شۇنىڭدىن ئەمىلى پايدىلىنىپ زامانىۋى يىڭى تېخنىكىلارنى بارلىققا كەلتۈرگەنلەر قانچىلىك.
شۇ ئىسىڭلاردا بولسۇن؛ قۇرئان تەرەققىياتنى يەكلەش ئۈچۈن نازىل قىلىنمىغان. ئەكسىچە قۇرئاندىمۇ بىلىم ئىگىلەش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئۆزەڭلارنىڭ قۇلۇڭلاردىن كەلمەيدىغان بىرەر ئىشقا ئۇچراپ قالغاندا قۇرئاننى تىلغا ئىلىپ ھەسەتلىك كۈڭلۈڭلارغا تەسەللى قىلىشنىلا ئويلىماڭلار...
ناۋادا بىراۋ تۈمۈردىن قازان ياساپ تاماق ئىتىپ يىسە باشقىلار ‹‹بۇنى پالانچى قىلغان ››دەپ تاماقسىز يۈرۈشى كېرەكمۇ؟...
‹‹قۇرئاندا بارلىق تەرەققىيات ئۇتتۇرغا قۇيۇلغان ، نۇرغۇنلېرى تىخىچە ئەمەلگە ئاشمىدى›› دەيلى، ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن شۇنداق دىگۈچىلەر شۇ نەرسىلەردىن مەيدانغا كەلتۈرۈپ مۇسۇلمانلېرىمىزغا ئاسايىشلىق ياراتمايسىلەر؟...چۇنكى قۇلۇڭلاردىن پوق كەلمەيدۇ، قۇرئاندىن ئىبارەت جاھاندىكى مۇتلەق كۆپ ئادەم ئىتراپ قىلىدىغان بۈيۈك ئىلىمنى پەقەت باشقىلارنىڭكىنى كۆرەلمەسلىك، ھەسەتلىك كۈڭۈللەرگە تەسەللى ئىزدەشتىن باشقىغا ئىشلىتىشنى ئۈگەنمەيسىلەر....
تۇرمۇشتىمۇ ماڭدامدا بىر بۇنداق چالا ساۋاتلار، بىرسى سودا قىلىپ پۇل تاپسا ھارامخور. ئەمما ئۆزى سودىدىن پايدا ئىپ تەمىنى تىتىپ قالسا بۇ باشقا گەپ.
تەتۈر كاللاڭلاردا تۇغرا تەپەككۈر قىلماي، مىنى قۇرئانغا قارشى چىقتى دەپ تىللاش باشلىنىپ كىتەر-ھە ئەمدى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-4 08:13 AM