UYGRAF يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 12:16 PM
4. قاسىم 14 ياش ۋاقىتىدا دادىسنىڭ توققۇز ئاتار مىلتىقىنى ...
1.توققۇز ئاتار مىلتىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە مەنمۇ كۆرۇپ باققىنىم يوق ، ئەمما پەرەڭ مىلتىقلىرى ياقۇپبەگ زامانىسىدىلا بار ئىدى ، شۇڭا بۇ توققۇز ئاتار مىلتىقنىڭ قانداق قۇرال ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ قاچان بارلىققا كەلگەنلىكىنى قانداق بولۇپ قومۇلدىكى سىېيىت ھاجىنىڭ قولىغا چۇشۇپ قالغانلىقنى ئالدىرماي كەىسپ ئەھىللىرىگە قالدۇرايلى . شۇ يىللاردا بۇنداق ئوۋچىلىققا ئىشلىتىدىغان بۆرە ئاتىدىغان قۇراللار تولا ئىدى دەپ ئاڭلىدۇق ،
2. شۇنداق رۇمانغا كىرگۇزۇلمىگەن ئىشلار بەك جىق بەك جىق ، خۇددى بىر قوينىڭ گۆشىنى بىر مانتىنىڭ ئىچىگە تۇگكىلى بولمىغاندەك ، بۇزىمىندا يۇز بەرگەن ئىشلارنى قانداقمۇ بىر نەچچە پارچە رۇمان بىلەن تەلتۆكۇس بايان قىلىپ بولغىكى بولسۇن ، ئۇنىڭىدىن باشقا دەۋىر چەكلىمىسى قەلەم چەكلىمىسى دىگەندەك ئىشلارمۇ بار .
3. تەسلىم بولغان دۇشمەننى ئاتقىنى قول ئاسىتىدىكى پاراكەندە قوشۇن ، سىز ئۇ دەۋىرلەرنى قوماندان ھەممىنى تىزگىنلەيدىغان ئىلىكتىرۇن دەۋرى دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ .
شۇنداقمۇ ئۇرۇشلار بولۇدۇ ئەىسر ئېلىنمايدىغان . ئۇرۇش دىگەن ئاقكۆڭۇللۇك بىلەن بولمايدۇ ، ئۇرۇش رەڭ بىلەن ھىلە بىلەن ئەپ بىلەن چىدامچانلىق بىلەن بولۇدۇ .