kapitan2 يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 06:29 PM
قاچانكى چوشقا گۆشىنىلا يىمەي، ئاندىن قالغان گۇناھلار ...
تەقۋادار مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ھەقانداق بىر جانلىق ۋە ھەرقانداق بىر مەۋجۇدادنى ياراتقانلىقىغا شەكسىسز ئىشىنىدۇ! ھەم ئىتراپ قىلىدۇ! ئىشەنمەيدىغانلار پەقەت ئاتا-ئانىسىدىن ۋە ياراتقۇچىسىدىن تانغانلار، يەنى ئۆزىنى مايمۇننىڭ ئەۋلادى دەيدىغانلار ئىشەنمەيدۇ! ھەم ئىتراپ قىلمايدۇ!
كاپىرلارنىمۇ ئەلۋەتتە ئاللاھ يارتىدۇ! لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ كاپىر بولۇشىغا سەۋەبچى بولمايدۇ! ئاللاھ ئىنسانغا مۇسۇلمان بولۇش، ياكى كاپىر بولۇش تللاش ھوقۇقۇنى بەرگەن! شۇنىڭ ئۈچۈن بىرسىنىڭ كاپىر بولۇشى شۇ ئىنساننىڭ ئۆزىگە باغلىق! بۇنى ئاللاھقا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ! ئاللاھ ھەرگىزمۇ بىر ھاراقكەش زابويغا ھاراقنى قولىغا ئېلىپ تۇتقۇزۇپ قويمايدۇ! قىمارۋازلارغا شىشىخال ۋە ھوشۇقلارنى تەييارلاپ تاۋكا قۇرۇپ بەرمەيدۇ! زىناخور-پاھىشىلەرگە زىنا قىلىدىغان مەيدان راسلاپ ئورۇن كۆرپە سەپ بەرمەيدۇ! بۇنى پەقەت قەلبى فاجىر كىشىلەر، يەنى قەلبى كور كىشىلە ئۆزى خالاپ قىلىدۇ!
گۈزەللىك دەپ قويغان سوئال دەپ قانداق گۈزەللىك ئۇ؟ ئىنساننىڭ گۈزەللىك قارشى ئوخشاش بولمايدۇ!
كاپىرلار يالىڭاچلىقىنى گۈزەللىك دەپ قارىسا، مۇئمىن مۇسلمانلار مۇسلىمەلەرنىڭ ھىجابلىنىپ يۈرۈشىنى گۈزەللىك دەپ قارايدۇ! چۈنكى ئاللاھنىڭ ھۆكمى شۇنداق!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا intikam2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-4 12:15 AM