ئەمدى ماۋۇ بەش مۇڭگۇزلىك قوينى كۆرۇپ بىقىڭ، قويلارمۇ ئىنسانلار قۇرال-ياراقلىرى بىلەن بىر-بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىۋاتقاندەك مۇڭگۇز نىڭ ئاز-كۆپلىكى بىلەن بەسلىشىۋاتقان چىراي.
ئۈرۈمچىدە بەش مۈڭگۈزى بار بىر قوچقار 2800 يۈەنگە سېتىلدى
ئاسىيا كىندىكى تورى ئۇچۇرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بەش مۈڭگۈزى بار قوينى كۆرۈپ باققانمۇ سىز؟ يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ما سۈنيۈ سېتىۋالغان بەش مۈڭگۈزى بار قوي چولپانغا ئايلىنىپ قالدى.
5- ئاۋغۇست، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن- كۆكتاغ رايونىدىكى ماسۈنيۈنىڭ ھويلىسىدا 10 نەچچە كىشىنىڭ ئولىشىۋالغانلىقىنى كۆردى. بەش مۈڭگۈزلۈك قوي قوڭۇررەڭ قوچقار بولۇپ، ئېگىزلىكى 60 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 80 نەچچە سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 30 نەچچە كىلوگرام كېلىدۇ، ئۇنىڭ بېشىدا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئىككى دانە ئۈستىگە ئىگىلگەن مۈڭگۈز بار، باشقا ئۈچ مۈڭگۈزى پەسكە ئىگىلگەن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بۇ بەش دانى مۈڭگۈز ئەگمەچ پىچاققا ئوخشاپ كېتىدۇ. مۇخبىر سۈرەتكە تارتماقچى بولغاندا، بۇ بەش مۈڭگۈزلۈك قوچقار شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ ئۈسمەكچى بولۇۋېدى، ئىككى بەستلىك يىگىت ئۇنى تۇتۇۋالدى.
ماسۈنيۈنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ قوي بېدىكچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 10 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم بەش مۈڭگۈزلۈك قوينى كۆرۈشى ئىكەن. ئۇ 4- ئاۋغۇست چۈشلەردە مىچۈەن- كۆكتاغ رايونىدىكى ئۇلاغ بازىرىدا بۇ قوشقارنى كۆرگەن. ئۇ بۇ قوينى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەسكىن «جەڭ» نى باشتىن كەچۈرگەن.
بۇ قوي ئۆزگىچە بولغاچقا، كۆپچىلىك بەس- بەستە ئۇنىڭغا باھا قويغان، ئاخىرىدا ما سۈنيۈ 2800 يۈەن باھا بىلەن بۇ قوينى سېتىۋالغان. شۇ كۈنى ما سۈنيۈ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى قوينى چۆرىدەپ سۈرەتكە تارتىشقان، كەچتە ئۇ ھاياجانلانغىنىدىن بىر كېچە ئۇخلىماي چىققان.
كېيىن، ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغان بىرەيلەننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قوي كۆپ بولغاندىمۇ 1800 يۈەنگە يارايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچ مۇڭگۈزى ئۇنىڭ باھاسىنى 1000 يۈەن ئۆرلىتىۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئانچە ئەرزىمەيدىكەن. ئەمما ماسۈنيۈ بۇنى «ئەرزىيدۇ» دېدى.
« بەش مۈڭگۈزلۈك قوينى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم.» دېدى 72 ياشلىق ما فامىلىلىك موماي خۇشال ھالدا.
مۇخبىرنىڭ توردىن ئىزدەپ ئىگىلىشىچە، بورتالا شەھەرلىك ھايۋانات باغچىسى ۋە ئەنخۈي ئۆلكىسى فۇجۇ شەھىرىدىكى ساۋ جەمەسى ھايۋانات باغچىسىدىمۇ مۇشۇنداق بەش مۈڭگۈزلۈك قويدىن بىردىن بار بولۇپ، بۇلار نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلغان.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ھايۋانات ئىلمى فاكۇلتېتى خادىمىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ بەش مۈڭگۈزلۈك قوي ھامىلە مەزگىلىدە گېن ئۆزگىرىش ئەھۋالى يۈز بېرىپ، بەش مۈڭگۈز ئۆسۈپ قالغان. بۇ ھادىسە قويلار ئىچىدىكى «غەلىتە ھامىلە» ھادىسىسى بولۇپ، ئاز ئۇچرايدىكەن، ئەمما قوينىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salman888 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-6 01:57 PM