ئەلشاھ يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 11:49 PM
ياخشى تېما ئىكەن، لوپ كۆلى، لوپنۇرلۇقلار ھەققىدە خېلى ...
ئۆردەكنىڭ ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىنىڭ نامىدا ئاشلىق ئالغانلىقى ھەمدە بۇنى ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىگە بەرمەستىن ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى بۇ ۋەقەلىكنى مەن دەسلەپ بىر خەنزۇ تەتقىقاتچى يازغان «يوقالغان مەدەنىيەتنى ئىزدەش» ناملىق ماقالىدىن كۆرگەن ھەمدە پەقەت ئىشەنگۈم كەلمىگەن ئىدى. ئىككىنچى قېتىم ئەسئەت سۇلايماننىڭ بۇ ماقالىسىدە كۆرۈشۈم، ئۇ خەنزۇ يازغان ماقالىسىدە ئۆردەكنىڭ ئۇ ئىشنى راستىنلا قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوقلىقى بېرىلىپتىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى يەرلىك بەگنىڭ ئۇنى جازالايمەن، دەپ داۋراڭ سېلىپ يۈرگەنلىكى، ئەمما ئۆردەكنى تاپالمىغانلىقى، ئۆردەكنىڭ شۇ ئىشتىن كېيىن كىشىلەرگە قەتئىي كۆرۈنمىگەنلىكى سۆزلەنگەن ئىكەن. بۇ ماقالىدە ئېنىق قىلىپ سېۋىن ھېدىننىڭ خاتىرىسىگە شۇنداق يازغانلىقى ھەم بەگ تەرپىدىن جازالانغانلىقى ئېنىق بېرىلىپتۇ. مېنىڭمۇ مۇشۇ مەسىلىدە بەزى گۇمانىي قاراشلىرىم بار. چۈنكى، ماقالىدە تەسۋىرلەنگەن لوپنۇرلۇقلارنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىكى نوقتىسىدىن قارىغاندا، يەنى سەمىمىيلىكى، ئېشىكلىرىگە قۇلۇپ سالماسلىقى، پىرژىۋالىسكىنىڭ زەنجىرىنى ئوغلىماقچى بولغان يىگىتكە دەسلەپتە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى... قاتارلىق پاكىتلىق مەسىللەر بىلەن مۇلاھىزە قىلساق، ئۆردەكنىڭ ئالدامچىلىق قىلىشى تازا ئەقىلغە سىغمايدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئۆردەكنىڭ كېيىنكى ھايات سەرگۈزەشتلىرىگە باغلاپ تەسەۋۇر قىلغاندا، ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۆمىرىنىڭ ناھايتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەنلىكى ھەققىدە ئەسلىمىلەر بار. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ئۆردەك ئائىلىسىدىكىلەرنى قامداش ئۈچۈن شۇ خىل ئالدامچىلىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ سالغانلىقىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، مۇھتاجلىق ئادەمنى بەزىدە ئاشۇنداق كويلارغا سېلىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە يەنىلا ئىشەنچلىك پاكىتلارنى ئىزدەپ تېپىشقا توغرا كېلىدۇ.