مانا بۇ شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدىكى نۆل كىلومېتىرلىق باشلىنىش نۇقتقسى، كۆپچىلىك بىلىدىغان ھېلىقى ‹‹سېسىق نۆل كىلومېتىر›› شۇ. بۇ يول بىلەن كۆكيار ئارقىلىق پولوڭغا بارغىلى بولىدۇ، 1500 كىلومېتىردىن كۆپرەك ماڭسا (تەخمىنەن ئۈرۈچى-قەشقەر مۇساپىسى) ئالى ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. ئەمما ئاقاز داۋان، جەسەت داۋان دەيدىغان ئوكسىگنسىز خەتەرلىك بۆلەكلەردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئالى ۋىلايىتىنىڭ %80 تۇرمۇش بويۇملىرى مۇشۇ يولدىن توشۇلىدۇ، قالغان %20ى لاسادىن ئايروپىلان بىلەن توشۇلىدۇ، ئالى تىبەتلىرى سىرتقى دۇنيا بىلەن ئۇچراشماقچى بولسا چوقۇم مۇشۇ يول بىلەن مېڭىشى كېرەك، چۈنكى ئالىدىن شىمالىي شىزاڭغا بارىدىغان تاشيول يوق، ئەمما قوتاز يولى بار.