قانۇندىن مەسلىھەت سورايمەن
بۇلبۇلگويا
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىم ياخشمۇ سىلەر ؟ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا ئىشلىرىڭلار ئۇڭۇشلۇق تىنىڭلار سالامەتمۇ ؟
مەن مۇنداق بىر قانچە مەسىلە توغرۇلۇق سىلەردىن مەسلىھەت سورىماقچى ، بىلىدىغانلار بولسا مەسلەھەت بەرسەڭلەر
1. يەر ئىشلىتىش توغرۇلۇق :
قانداق ئەھۋال ئاستىدا ھۈكۈمەت خادىملىرىنىڭ دىھقانلار تېرىۋاتقان يەرنى تارتىۋېلىپ باشقىلارغا بىرىش ھۇقۇقى بۇلىدۇ ؟ چىۋەي ھۆججىتى بار يەرنى قانداق ئەھۋال ئاستىدا تارتىۋالسا بۇلىدۇ ؟يەر ئىگىسى شى يەر جايلاشقان ئۇرۇننىڭ نۇپۇسى بولمىسا قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ ،چىۋەي بار -يوق بۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا نىسپەتەن ئايرىم -ئايرىم چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار ؟
2. ئورمان ئىگدارچىلىقى توغرۇلۇق:
قانداق سېلىنغان ئورمان قانۇنسىز ئورمان بۇلىدۇ ؟ چىۋەيلىك يەرگە سېلىنغان ئورماننى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كەستۈرۋېتىش ھۇقۇقى بولامدۇ ؟ كەستۈرۋەتسە ئۇنىڭغا تۈلەم بىرىلەمدۇ ؟ تۈلەم بىرىلسە ئۆلچىمى قانداق بۇلىدۇ ؟
قۇشۇمچە قىلىپ :
ماۋۇ مۇنبەردە پات-پات ئىنكاس يازىدىغان كۆزنەك يوقاپ كىتىدۇ ، كومپىيوتېر قايتا قوزغالغاندىن كىيىن نۇرمال ئېچىلىدىيۇ يەنە بىردەمدىن كىيىن يوقاپ كىتىدۇ ، بۇ نىمە ئۈچۈن ؟
يۈز بىرىۋاتقان ئىشلار مەن بىلىدىغان قانۇن -تۈزۈملەرگە ئۇيغۇن كەلمەي ئادەمنى گاڭگىرتىپ قۇيۇۋاتىدۇ ، شۇڭا ئىنىق بىلىۋالاي دەپ مۇنۇ تىمىنى يازدىم ، بىلىدىغانلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملەردىن مەسلىھەت بىرىشىنى سورايمەن ؟