zulayha يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 04:53 PM
تېمىنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزۈمنى تەكرار يوقۇتۇپ،يەنە تاپتىم.پ ...
زۇلھايات ئورنىدىن دەس تۇردى،لېكىن يالماۋۇز يەنىلام شۇ كۈلكىسى بىلەن بىزنى مەسخىرە قىلىپ تۇراتتى،مەنمۇ شۇنداق بىر كۈلدۈم،بۇ كۈلكەمدىن پۈتۈن جاھان زىل-زىلگە كەلدى،قانچىلىك كۈلگۈنۈمنى بىلمەيمەن،مەن قانچە كۈلگەنسىرى ماڭا قول تەڭلەيدىغانلار شۇنچە كۆپىيەتتى،يالماۋۇزنىڭ ئاۋازى بولسا پەسىيىپ بېرنېمىلەردىن قورقۇپ كىچىكلەپ باراتتى،شۇنداق مەن ئۆزەمنى تاپتىم ،ئۆزەمنىڭ كىملىكىنى بىلدىم ،شۇ ئەسنادا يەنە داۋاملىق كۈلدىم،زۇلھايات ماڭا ئەگەشتى تەڭ كۈلۈشتۇق،قول تەڭلىگەنلەر تېخىمۇ كۆپىيەتتى،بىچارە يالماۋۇز تېخىمۇ كېچىكلىدى،يالماۋۇزنىڭ كۈلكىسى بارا-بارا يوقدى،بىزگە ئەگىشىپ كۈلگەنلەر كۆپەيدى،جاھان زىل-زىلگە توشماقتا،ئۆزىنى ئېزدەپ بىز ئۈچۈن قول تەڭلىگەنلەر كۆپەيمەكتە،بىزنىڭ كۈلكە ئاۋازىمىز پۈتۈن ئالەمنى قاپلىدى،بىراق بىراق قول تەڭلەيدىغانلار تېخى تۈگمەيۋاتاتى،ھېلقى يالماۋۇز بىر ياندا قورقۇمسۇراپ ئولتۇراتتى.......