raysima يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 02:55 PM
مېنىڭ بالامنىڭ تەكشۈرۈش قەغىزى
تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆردۈم. بۇ نەتىجە خەنزۇچە، مەن ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرگەچكە مېنىڭ دىگەنلىرىمنى ئېنىق چۈشنىەلمەي قالغان ئوخشايسىز. قارىسام مەن سورىغان ھورمۇنلارنىڭ ھەممىنى تەكشۈرتۈپ بوپسىز، دوختۇر سىزگە قانداق داۋالاش توغۇرلۇق ھىچنىمە دىمىدىمۇ؟ مەن ئاخرىدىكى قىسقارتما ئېنگىلىزچە ھەرپلەر بويىچىلا سىزگە چۈشەندۈرۈپ قوياي، لىكىن داۋالاش ئىلىپ بىرىشتا مېنىڭ دىگىنىم ئەمەس يەنىلا دوختۇرنىڭ دىگىنى ھېساب، شۇڭا دىگەنلىرىمنى پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دەپ چۈشەنسىڭىز. مەن كېسەللەرنىڭ قانداق كىلىپ چىقىدىغانلىقى ۋە نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنىڭ ئارقىسىدىكى بىئولوگىيىلىك، فىزىئولوگىيلىك مىخانىزىملىرىنى چۈشىنىمەن، ئەمما مەن دوختۇر ئەمەس، شۇڭا كېسەل داۋالاش تەجىرىبەم يوق. شۇڭا چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دوختۇر بىلەن قانداق داۋالاش توغرىسىدا تەپسىلىي پاراڭلىشىپ مەسلىنى ھەل قىلسىڭىز.
ئاۋۋال، توغۇت چەكلەش دورىسىدا ئادەتتە كۆپ مىقداردىكى ئاياللىق جىنسىي ھورمۇن E2 بولىدۇ. بەزىلىرىدە پەقەت E2 يەنە بەزىلىرىدە E2 بىلەن Prog نىڭ بىرلەشمىسى ياكى پەقەت Prog بولىدۇ. بالىڭىز تۇغۇت چەكلەش دورىسىنى يەۋالغاندىن كىين كۆكرەك بېزى يوغىناپ قالغان بولسا بۇ ئېنىقكى ئۇ تۇغۇت چەكلەش دورىسىدا زور مىقداردا E2 بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ چۈنكى E2 نىڭ كۆكرەكتىكى رولى ھۆجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كۆكرەكنى يوغانتىشتىن ئىبارەت. بۇنداق زور مىقداردىكى E2 يەنە PRL نىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىكى ئېشىپ كەتكەن PRL بىلەن بىردەك. ئەمدى PRL نىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتسە ئۇ بارلىق جىنسىي ھورمۇنلار ۋە ئۇلارنى غىدىقلىغۇچى ھورمۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى كونتىرول قىلىدىغان باشقۇرغۇچى ھورمۇن GnRH نىڭ مىقدارىنى جىددى تۆۋەنلىتىدۇ. GnRH بولسا پەقەت مېڭىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ ئۇنىڭ مىقدارىنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ چۈنكى ئۇ ھورمۇن قانغا بىۋاستە قويۇپ بىرىلمەيدۇ. لىكىن GnRH نىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە بەدەندە تەبئىي ئىشلەپچىقىرىلىدىغان LH, FSH, E2, TES قاتارلىق ھورمۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى توسۇپ قويىدۇ دە، نەتىجىدە يۇقىرىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىكىدەك يۇقىرىدىكى تۆت ھورمۇننىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. تكەشۈرۈش نەتىجىىسدە گەرچە TES نىڭ مىقدارى نورمال دىيىلگەن بولسىمۇ قىممىتىگە قاراپ باقسىڭىز نورمالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چىكى بىلەن ئوخشاش. قالغانلىرى تېخىمۇ تۆۋەن چىققان. دىمەك يۈز بەرگەن فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر مانا مۇشۇنداق باسقۇچلار ۋە تەسىرلەر ئارقىلىق ئوغلىڭىزنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن مىقدرىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن.
ئەگەر PRL نىڭ مىقدارى چۈشسە بۇ ھورمۇنلارنىڭ مىقدارى ئەسلىگە كىلىشى مۇمكىن. لىكىن بالىڭىزنىڭ كۆكسىدىكى بەزنىڭ يوقايدىغان-يوقىمايدىغانلىقىنى بىر نىمە دىيەلمەيمەن.
PRL نىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن دوپامېننى قوزغاتقۇچى دورىلار بىرىلىدۇ. لىكىن بۇ دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ بالىلارغا ماس كىلىدىغانلىرى بارمۇ-يوق تازا ئېنىق بىلمەيمەن. شۇڭا، يەنىلا دوختۇر بىلەن ئوبدانراق سۆزلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. مەن بۇنىڭدىن بۆلەك سىزگە ياردەم قىلالمايمەن. يىمەكلىكلەرنىڭ بۇ ھورمۇنلارنىڭ مىقدارىغا بولغان تەسىرى كۆرۈنەرلىك ئەمەس. لىكىن PRL ئادەتتە سېمىز كىشىلەردە يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا بالىڭىز ھازىر سېمىز ئەمەس بولسا بۇنىڭدىن كىيىنمۇ سەمىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەر ھالدا ماي ۋە شېكەر مىقدارى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى ئازراق يىسە ياخشىراق.