مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: uyghuray~25

خوتەن قاشتېشىنىڭ سالامەتلىككە بولغان شىپالىق رولى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

anatil002 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 02:28:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5304
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7936
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 02:35:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil002 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-7 02:28 PM
ۋاي-ۋۇي ئاداش تىمىغا مۇناسىۋەتلىك گەپ قىلماي نەدەكى م ...

ئەمدى  شۇ   گەپتىن  گەپ  چىقىپ   ،  قاشتېشى  بىلەيزۈكنىڭ  گېپى  چىقىپ  شۇنىڭغا
مۇناسىۋەتلىك  گەپ  چىقىپ   قالدى  .   ئايىمىڭلارنى  قۇتلۇقلايمەن  .  سىلەرگە  شادلىق
بەخىت  يار  بولسۇن  .   يەنە   كۆڭلۈم  يېرىم   دەپ   ئىچىپ  يۈرمەڭلار   جۇما ...

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82322
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1278
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 02:37:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چەرچەننىڭ    قاشتېشى   قېزىش  تارىخى  7000 يىلدىن   ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4000 يىللار ئىلگىرى  چەرچەندە  قېزىلغان  قاشتېشى ئاللىقاچان  ئوتتۇرا  تۈزلەڭلىككە  ۋە  شەرىقى  جەنۇبىي دېڭىز بويلىرىغا توشۇلغان ھەمدە ئالاھىدە شۆھرەت قازىنىپ« شەرقنىڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرى» گە ئايلانغان. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى يادىكارلىقلىرىدا غەربىي خان ئانا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى پادىشاھلارغا قاشتېشىدىن ئىشلەنگەن بويۇملارنى ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدە رىۋايەتلەر بار. ئېلىمىزنىڭ يېغىلىق  دەۋرلىرىدە  يېزىلغان «گۈەنزى» ناملىق كىتابىنىڭ بەزى بابلىرىدا قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ« ياۋچى قاشتېشى» ۋە قۇرۇم تاغلىرىدىن چىقىدىغان «كۆركەم قاشتېشى» نى قەدىرلەپ ئىشلىتىدىغانلىقى ئۈستىدە توختۇلۇپ، مۇنداق تاشلارنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكى، يوللارنىڭ تولىمۇ يىراق بولۇش بىلەنلا قالماي، بەلكى يەنە خەتەرلىك ئىكەنلىكى بايان  قىلىنغان. بۇ   يەردە ئېيتىلغان ياۋچىلار ئۇ چاغلاردا  دۇنخۇاڭ ئەتراپلىرىدا ياشىغان. بۇ  جايلار ئوتتۇرا جۇڭگو تۈزلەڭلىكتىكى خەلقلەر دىيارىمىزنىڭ  قاشتېشىنى« ياۋچى  قاشتېشى» دېيىشكەن.
ئۇ چاغلاردا يەنە «قارا قۇرۇم قاشتېشى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قاشتېشىمۇ بولغان. بۇ ئۇنىڭ قاراقۇرۇم  تاغلىرىدىن چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. « شەرقنىڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرى»- قاشتېشى ئاساسەن چەرچەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئالتۇنباغ تىزمىلىرى ھەم قارا قۇرۇم تاغ  تىزمىلىرىغا، يەنى شەرقتە چەرچەن ناھىيەسىدىن  باشلىنىپ، غەرپتە تاشقۇرغان ناھىيىسىگىچە بولغان ئارىلىققا تارقالغان. شەرقتىن غەرپكىچە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1500 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان  تاغ   تىزمىلىرىغا  سوزۇلغان.
چەرچەن ناھىيەسى  ئالتۇنتاغ  ھەم  قاراقۇرۇم  تاغلىرى  ئۆزئارا تۇتىشىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايدا ئالتۇنتاغ ھەم قاراقۇرۇم تاغلىرى ئۆزئارا تۇتىشىدۇ. جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ئالغاندا خوتەن بىلەن قاراقۇرۇم  تاغلىرى ئارقىلىق تۇتىشىدىغانلىقى، چەرچەندىن چىقىدىغان يۇمشاق قاشتېشى بىلەن سۈپەت جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ،  ئۆزئارا پەرقلەنمەسلىكى، چەرچەننىڭ جايلىشىشى، يەر ناملىرى ۋە تارىخنامىلەردە چەرچەن نامىنىڭ ئاز كۆرۈلگەنلىكى، تارىختا چەرچەندىن چىقىدىغان قاشتېشىنىڭ خوتەن، كېرىيە، يەكەن قاتارلىق جايلاردىكى قاشتېشى ئويمىچىلىق زاۋۇتلىرىغا يۆتكىلىپ خوتەن قاشتېشى بىلەن بىرلىكتە باشقا جايلارغا توشۇلغانلىقى، چەرچەننىڭ تارىختا خېلى بىر مەزگىل جۇغراپىيىۋى تەۋەلىك جەھەتتە خوتەنگە تەۋە بولغانلىق سەۋەبلىك، چەرچەن قاشتېشى ئومۇمەن« خوتەن قاشتېشى» نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن ۋە شۇنداق ئاتاش ئادەتكە ئايلانغان. شۇڭا چەرچەن قاشتېشىنىڭ مۇستەقىل نامى چىقمىغان.
13 - ئەسىرنىڭ   70- يىللىرى ئىتالىيەلىك مەشھۇر سەيياھ ماركوپولۇنىڭ « ساياھەت خاتىرىلىرى» دە«    چەرچەن ناھىيەسى  ......دائىرىسىدە بىر نەچچە دەريا بار بولۇپ، بۇلاردىن قاشتېشى ۋە  ياشما چىقىدۇ. بۇ  مەزكۇر ئۆلكىنىڭ كۆپلەپ  ئېكىسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىدىندۇر» دېيىلگەن.
تارىختىكى « يىپەك  يولى»دىن  ئىلگىرىكى « قاشتېشى يولى» جەنۇبىي يول ھەم شىمالىي يول دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. جەنۇبىي يول خوتەن، چەرچەن، چاقىلىق،  كىرورەن   ئارقىلىق   يۈمېنگۈەندىن  ئۆتۈپ، دۇنخۇاڭ ئارقىلىق  ئىچكىرى  ئۆلكىلەرگە تۇتاشقان. شىمالىي يول خوتەن، يەكەن، قەشقەر، كۇچا، تۇرپان، قۇمۇل ئارقىلىق يۈمېنگۈەندىن ئۆتۈپ، ئاندىن دۇنخۇاڭغا، كېيىن ئىچكىرىگە تاتاشقان. چەرچەن قەدىمكى« قاشتېشى  يولى»نىڭ  جەنۇبىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇشتەك ئورنى بىلەن خوتەن قاشتېشىنى ئىچكىرى جوڭگوغا يۆتكەشتە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرغان ھەمدە ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىارغان قاشتېشىنى خوتەن قاشتېشى نامى بىلەن ئىچكىرىگە ئاپارغان .
چەرچەن  قاشتېشى  قەدىمدىن  تارتىپ تاغدىن كەلكۈن ئېقىتىپ كەلگەن قاشتېشىنى ئېقىندىن كولاش  ئاساسىدا قېزىپ كېلىنگەن. بۇ خىل قاشتېشىنى چەرچەنلىكلەر« سۇ  تېشى» دەپ  ئاتىغان. كېيىنكى  ۋاقىتلاردا كاندىن ئېلىنغان تاش«  تاغدىن ئالغان تاش»   دەپمۇ   ئاتىلىدۇ. چەرچەن قاشتېشىنىڭ سۈپىتى ۋە  مىقتارى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ،« خوتەننىڭ  گۈزەل قاشتېشى ئىچىدە چەرچەننىڭ ئەڭ ئېسىل» دەپ تەرىپلىنىدۇ. چەرچەننىڭ قاشتېشى ئاق قاشتېشى، كۆكقاقتېشى، كۆك سۈزۈك قاشتېشى، ناۋات  رەڭ قاشتېشىدىن ئىبارەت  4 تۈرگە بۆلىنىدۇ. كۆك سۈزۈك  قاشتېشى ھەممىدىن داڭلىق. تارىختا بۇ خىل قاشتېشى  كېرىيە، خوتەنلەرگە ئۈزۈلمەي توشۇلۇپ، خوتەن، كېرىيەدىكى ئويمىچىلىق زاۋۇتلىرىدا نەپىس سەنئەت بويۇملار  ئويۇلۇپ،« خوتەن قاشتېشى» نامى بىلەن باشقا جايلارغا  ئاپىرىپ سېتىلغان. تارىخىي  مەلۇماتلارغا  قارىغاندا، چەرچەندىن يۆتكەلگەن قاشتېشى مەھسۇلاتلىرى يۈمىنگۈەندىن ئۆتۈپ، دۇنخۇاڭغا ئېلىپ بېرىلغان قاشتاشلار  ئىچىدە خېلىلا  زور مىقتاردا بولۇپ، سۈپەت جەھەتتىن  ئىچكىرى  ئۆلكىلەردىكى قاشتېشى سودىگەرلىرىنىڭ  ئاللدىن تاللاپ سېتىۋالىدىغان داڭلىق  مەھسۇلاتلىرىغا ئايلانغان.
مىنگو يىللىرىدىن كېيىن تۈرلۈك تارىخىي سەۋەبلەر بىلەن چەرچەندە قاشتېشى قېزىش ئىشلىرى توختاپ قالغان. پەقەت 1919- يىللىرى ئەتراپىدا سالا مىللىتىىن بولغان يۇنۇس  ۋە  رىجاپ ئىسىملىك ئىككى كىشى گەنسۇ ئۆلكىسدىن چەرچەنگە كېلىپ، 40- 50  ئىشچىنى ياللاپ تاشساي ئەتراپىدا قاشتېشى كولىغان. شۇنىڭ  بىلەن بىر مەزگىل توختاپ قالغان قاشتېشى كولاش ئىشلىرى ئەسلىگە كېلىپ جانلانغان. ئۇلار كولىغان قاشتاشلىرىنى تۆگە، قېچىر، ئات قاتارلىقلارغا ئارتىپ، دۇنخۇاڭ  ئەتراپلىرىغا ئاپىرىپ ئۇ يەردىن ئىچىكىرىگە يۆتكەپ ساتقان ھەمدە ئىچكىرىنىڭ  چاي، رەخت قاتارلىق ماللىرى بىلەن ئالماشتۇرغان. ئازادلىقتىن كېيىن  چەرچەننىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى نۇقۇل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلىرىغا يۈزلەندۈرگەچكە چەرچەننىڭ قاشتېشى قېزىش ئىشلىرى ئاساسەن توختاپ قالغان. 1972- يىللىرى چەرچەن ناھىيەسى چوڭكۆل، يېڭىئۆستەڭ، توغراقلىق يېزىلىرىدىن ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، كان قېزىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. قارائاتى، تاتلىقسۇ، خادىلىق، چىتەي، تاشساي، ئارقا جاڭگالساي قاتارلىق جايلاردىى قاشتېشى قېزىلغان. 1974- يىلى 4- ئايدا چەرچەندە قاشتېشى كېنى قۇرۇلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ چەرچەننىڭ قاشتېشى قېزىش ئىشلىرىىنى ھۆكۈمەت باشقۇرغان. كان نۇقتىلىرى ئاساسەن تاتلىقسۇ، خادىلىق، چېتەي كان، تاشساي بولۇپ،  چىقىۋاتقان مەھسۇلاتلار ئاق ھەم  كۆك رەڭلىك قاشتېشىدىن  ئىبارەت. 1980-يىللارغا كەلگەندە ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، چەرچەننىڭ قاشتېشى  قېزىش  ئىشلىرى  ناھىيە  ئىقتىسادىنىڭ  چوڭ  تۈۋرۈك  كەسپىگە  ئايلاندى.
1989 -يىلى ناھىيەلىك قاشتېشى كېنى بىلەن شاڭخەي قاشتېشى ئويمىچىلىق زاۋۇتى بىرلىكتە باشقۇرغان«  قاراقۇرۇم  قاشتېشى ئويمىچىلىق زاۋۇتى» قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، چەرچەن قاشتېشىنىڭ ماتېرىيال ئورنىدا سىرتقا يۆتكەش تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، چەرچەننىڭ ئۆزىدىمۇ ھۈنەر-سەنئەتلىك ئويۇش يولغا قويۇلدى.
چەرچەن قاشتېشى قۇياشنىڭ ئولتىرا بىنەپشە نۇرىنى تارتىش  رولىغا  ئىگە. ئۇ بەدەننى ئۇۋۇلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.بولۇپمۇ95 19 - يىلى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىلىرىنىڭ تاتلىقسۇ كان نۇقتىسىدىن ئېغىرلىقى 1502 كىلوگىرام كېلىدىغان غايەت زور بىر پۈتۈن قاشتېشىنىڭ تېپىلىشى چەرچەن قاشتېشىنىڭ نامىنى چىقاردى.بۇ تاش1996-يىلى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ، يەرمەنكە ئەھلىنى ھەيران قالدۇردى. ئاخىرىدا مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشى بىلەن دۇنيا جېننىس رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلۈپ،دۇنياغا چەرچەن قاشتېشىنىڭ داڭقىنى نامايەن قىلدى.
مەنبە:http://uygur.chinabroadcast.cn/7466/2013/07/16/1349@468607.htm

anatil002 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 02:51:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 712
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 03:11:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا پايدىلىق تەرپى باركەن . ئويلاپمۇ باقمىغناكەنمە

دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96393
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 03:59:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73216
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3179
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-1-15
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 04:15:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك تورداشلار ،قاش تېشىنىڭ زىنەت بۇيۇمىدىن باشقا تىبابەتتىمۇ ئىشلىتىلدىغانىلىقنى تۇنقى قېتىم ئاڭلىشىم، بۇ ئىشەنچىلىك خەۋەرمۇ؟ يەنە قانداق تۈرلەرگە ئىشلىتىلدۇ؟بىلدىغانلار بولسا ئۇچۇ ربىرڭلار،ئالام قاتنىشى،بىئو-خېمىيەدىمۇ ئىشلىتىلەمدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86415
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 736
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 04:35:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاشتېشىنىڭ  رولى  راستىنلا  چوڭكەن.

شۇنداق  بىر مۇھەببەت  بار،  بىر كۆرۋېلىشنى  ئارزۇ  قىلىپ  تۇرۇپمۇ،  ئۇچىرشىپ قېلىشتىن ئىھتىيات  قىلىدىغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93035
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 04:44:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسى تاش يىغىش ھەۋەسكارى ئوخشايسىز ھە ، مەندىمۇ ئاز -تولا تاش ۋە قەدىمي ئاسارە ئەتىقە بار ، مەنمۇ قىزىمىقىمەن بۇ ساھەگە .
مەقسەتكە كەلسەك قاشتېشى قىممەت بولغاچقا شىپالىق رۇلى كۆپتۇرىلۋېتىپتۇ .
قەدىمقى خەنچە يازمىلاردا دىييىلىشىچە ھەقىقى ساپ قاشتېشى ئاي چىققان كېچىدە ئاياللارنى دەرياغا يالىڭاچ چۈشۈرۈش ئارقىلىق سۈزىلەتتىكەن ، ئاندىن ئۇ تاشلاردىن خەنلەر چۇقۇندىغان ھەرخىل بۇيۇملار ياسىلىپ ياندا ساقلىنىكەن ، ئۇ تاشلار ئۇلارنى بالا - قازادىن ساقلايدىكەن ،خۇراپىيلىق ،
7000 يىللىق قاشتېىشى قېزىش تارىخىمىز باركەن ، بۇ گەپلەرگە كۈلۈپ سالدىم ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93035
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 04:50:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil002 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-7 02:51 PM
ھەممىمىز مۇھەببەتنىڭ كويىدا ھەي،،ياشلىق،،،مەنمۇ بۈگ ...

رامىزاندىن كېينمۇ ئىچمەڭ ، ھاراق ئىچىپ ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالسىڭىز كاپىر بۇلۇپ قوپىسىز .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش