توغرا يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 02:38 PM
مېنى ھاجىم دېمىسىلە، مەن تېخى ھاجىم بولۇشقا لايىق ئەم ...
ئەسكەرىتكەنلىرىگە رەھمەت . ئەدەبىياتتىن خەۋىرى بار كىشى << بىز >>
ئاتالغۇسىنىڭ ئۆزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقىنى ھىس قىلالايدۇ .
مېنىڭ ئۇنداق بىر نېمىلەرنى ئوقۇيدىغان بىكار ۋاقتىم يوق .
لىكىن ، بىر ھاراق ئىچكەن ئادەمنى سەت تىللار بىلەن ھاقارەتلىگەن ئادەمنىڭ
ئاشۇ ھاراقكەشتىن پەرقى يوق .
قايسى ھەدىستە كۆرگىنىم ئېنىق ئىسىمدە يوق . ئەمما ، مۆئمىن كىشى ، تىلى
ھەركىتى ئارقىلىق باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك توغرىسىدا كۆرگەن ئىدىم .
ئازغۇن كىشىلەرنى ئۇنداق بۇنداق تىل تەككۈزۈپ دەپ پەتىۋا پىچماي قانداق
قىلىپ ھەقنى تۇنۇتۇش يولىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئاقىلانىلىقتۇر ...
ئاللاھ ھەقىقەتەن مىھرىباندۇر ، تەۋبىنى قۇبۇل قىلغۇچىدۇر .
ناۋادا ئاشۇ ھاراق ئىچكەن كىشى بىر كۈنلەردە ھەقىقەتكە قايتىپ ھاراقنى
تاشلىسا ، ئۆزلىرى قىيامەتتە ئاشۇ كىشىنى ھاقارەتلىگەن ، تىل تەككۈزگەنلىرى
ئۈچۈن ئاللاھ ئالدىدا خېجىل بولمامدىلا ؟
يەنە تەكرارلاپ قوياي : پەيغەمبىرىمىز ، <<ساھابىلار ھاياتى >>دېگەن كىتابتا
<< سەندە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ياقتۇرىدىغان ئىككى خىسلەت بار .
سەۋىرچانلىق ۋە كەڭ قورساقلىق >> دەپ ئېيىتقان . سەۋىرسۆزى ، باشقىلارنىڭ يامان
گۇناھلىق ئىشلىرىغۇ سەۋىرچان بولۇش ، توغرا يولغا كىرىشىگە ھەمدەم بولۇش
دېگەن مەنىدە ئېيتىلغان .
بۇ يەردە باشقىلارنى ، گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىرىنى كەمسىتىپ ھاقارەتلەپ ئۆزۈڭلارنىڭ
مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭلارنى پەش قىلمىساڭلارمۇ ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-7 03:40 PM