biruyghur يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 06:07 PM
ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككى تەرەىپى بولىدۇ، بەلكىم ياخشى ...
ئۈندىدارغا چىقارغان سۆزلىرىڭدىن ئايلىناي ،
چولپانلاردەك ياسانغان سۈرىتىڭدىن ئايلىناي،
يىگەنلىرىڭ ، ئىچكىنىڭ،ئوبىرنىدا چىچقىنىڭ
مۇخبىرلاردەك خەۋەر قىپ كۈلگىنىڭدىن ئايلىناي
*************************************************
بىرسى دەيدۇ زۇكام بوپ ئۇكۇل ئۇردى بىلەككە،
بىرسى دەيدۇ سۇ ئالدىم،تۈۋى يوق بىر چېلەككە
بىرسمۇ يوق خەۋەردىن،بىزگە كېلەر كېرەككە،
قۇرۇق گەپنى رومان قىپ،سۆزلىشىڭدىن ئايلىناي .
*************************************************
بۇلۇپ قاپتۇ ئۈندىدار ، ئەيىپ ئېچىش سورۇنى،
تازا ئەپلىك ئۆزئارا،كولاشقا ھەم ئورىنى ،
بۇ كېسەلگە نەدىنمۇ تاپايلى بىز دورىنى ،
بىر - بىرىڭنى تىللىشىپ ، تالاشساڭ مەن ئايلىناي .
*************************************************
ئۇيۇنلىرىڭ بار ئىكەن ، تېخى بىزنى ئالداشقا ،
ئەرگە تەگدىم،توي قىلدىم،دەپ ئالىسەن قىلتاققا
بولسا يەنە چىقارغىن،چۈشۈپ قالساڭ سەكراتقا
ئۆز - ئۆزۈڭنى ماز قىلىپ،يايرىشىڭدىن ئايلىناي
*************************************************
بەزىلەرھەم يوللايدۇ ، بىزگە نەپ بار خەۋەرنى،
بەزىلەر ھەم يوللايدۇ،يېزىپ مەندەك شېئىرنى ،
خاپا بولما رەنجىتكەن بولغان بولسام دىلىڭنى،
دوست يىغلىتىپ ئېيتىدۇ،چۈشەنسەڭ مەن ئايلىناي.