eltaRix26 يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 09:00 PM
ھە قىقە تەن شۇ ، نېجسـتىن قۇتۇلماق تەسكەن...ھەممە كىشى ش ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،روزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،ھاياتنىڭ ئەگەىر-توقاي يوللىردا ئىنسان بولغان كەنمىز،بەزى ۋاقىتلاردا بىلىپ-بىلمەي ئېزىپ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ چىقىلماي قالىمىز.
بۇ خۇددى پاتقاققا پېتىپ قالغان ئادەم قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانچە تىركەشكەنسىرى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ پېتىپ كەتكىنىگە ئوخشاش بىر ئىش،ئۇشۇنداق ۋاقىتتا ئادەم راسلا بىرنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ،مۇھتاجلىق بارغانسىرى ئاشىدۇ،ئەمما ئۇنداق ۋاقىتتا ئادەم باشقىچە بولۇپ قالىدۇ،بۇنىڭ سەۋەبى سىز بىراۋنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولغىنىڭىزدا ھېچكىممۇ سىز بىلەن كارى بولمايدۇ،بولۇپمۇ بىز ياشاۋاتقان 21-ئەسىردە شۇنداق،ئەمما بۇ دەۋىردە ھېچكىمنىڭ -ھېچكىم بىلەن كارى يوق!
سىزگە دەيدىغنىم ئۈزىڭىز يالغۇز ئولتۇرۇپ بىر ئويلىنىڭ ،ھازىرغىچە ياشاش جەريانىدىكى ھەربىر قىلغان ئىشىڭىزنى ئويلاڭ،ئاندىن توغرا قىلغان،خاتا قىلغان ئىشلىرڭىزنى تۈرگە ئايرىڭ،قەيەردىن كەتكۈزۈپ قويغان بولسىڭىز شۇ يەردىن باشلاپ تۈزتىڭ،سىز ئۈزىڭىزگە ئۈزىڭىز ياردەم قىلمىسڭىز،ئۈزىڭىزگە-ئۈزىڭىز كۈيۈنمىسڭىز ھېچكىممۇ سىزگە ياردەم قىلمايدۇ،ھېچكىممۇ سىزگە كۈيۈنمەيدۇ!
2-باسقۇچتا سىز تاھارەتنى كامىل ئېلىپ ئىككى رەكەت شۈكرى ناماز ئۇقۇڭ،جەينامازدا ئولتۇرۇپ ئاللاھتىن جىمىكى گۇناھلىرڭىزنى تىلەڭ،ئاللاھقا يېلىنىڭ،ئاللاھتىن مىھىر تەلەپ قىلىڭ،ئاللاھتىن سۆيگۈ تەلەپ قىلىڭ ...
3-باسقۇچتا سىز ھەر بىر قەدەملىرڭىزدە،ھەربىر تىنىقلىرڭىزدا،ئاللاھنى يات ئىتىڭ،ھەرقانداق جاي،ھەرقانداق شارائىتتا ئاللاھنىڭ سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرڭىزنى كۈرۈپ تۇردىغىننى ئەستىن چىقارماڭ،ئاللاھتىن ھايا قىلىڭ،ئاللاھقا مۇھتاج بولۇڭ،ئاللاھقا ئاسى بولۇشتىن قورقۇڭ!!!!
ئەنە شۇ چاغدا سىز ھەرقانداق بىر نەرسە،ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ ئىسكەنجىسىدە بولسىڭىزمۇ ئوڭۇشلۇق قۇتۇلۇپ كىتەلەيسىز ئاللاھ خالىسا،ھەرگىزمۇ دەرىتلىرڭىزگە ئىنساندىن شاپائەت كۈتمەڭ،ھەر ۋاخ نامىزڭىزدا ئاللاھتىن شۇنى تىلەڭ،ئى ئاللاھ بەندىنى-بەندىگە مۇھتاج قىلمىغىن،ئامىن!!!!!
ئاللاھ ئىشلىرڭىزنى ئۇڭۇشلۇق ،يولىڭىزنى ئۇچۇق قىلسۇن،جىمىكى مۇسۇلمان ئەر-ئايال،قىز-ئوغۇللارنى مۆئمىنلىك ماقامىغا يەتكۈزگەي،ئامىن!!!!