tikan915 يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 10:35 AM
مەن ھازىرقى ئۇزۇن قۇلاق قويلارمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە دې ...
ئىختىسادتا مۇشۇنداق ماركا قوغلىشىدىغان ئىشلار بۇلۇپ تۇرىدىكەن. قەدىمدە ئوسمان ئىمپىريىسى دەۋرىدە كەپتەرۋازلىق ئەۋىج ئالغان. ھەتتا نىياز ھىكىم بەگنىڭمۇ نۇرغۇن بىساتقا كەپتەر ئىلىپ باققانلىق تۇغرىسىدا مەلۇماتلاربار.ئۇنىڭدىن بۇرۇن چۆرە دىدەك ئىلىش ، ئۇلارنى ئەدىبىيات سەنئەتتە تەربىيلەپ بازارلىق قىلىش مودا بولغان ئىكەن. سانائەت ئىنقىلاۋىدىن كىيىن ، بىر خىل ئەتىرگۇل مودا بولغان.يىراق قەدىمدە ئۇيغۇرلاردا ئاتچىلىق پۇتۇن دۇنيائىختىسادىغا نايىل بولغان. يىقىندىن بىرى دولان قۇيى قىززىدى. دولان قۇيى بىزە بوشىغان ئىدى. ئەمدى خوتەندە يەنە كەپتەر ئوت ئالدى. بىرجۇپ گور كۇماك ‹ گور خەت كەپتىرى بىلەن بەجىن كۇماك چاڭلاشمىسى›بىر مىلىيۇن ئىككى يۇزمىڭغا سودا بولغانلىق خەۋرى ئىقىپ يۇرۇيدۇ.ئىختىساد نوختىسىدىن قارغاندا بۇ بىر تۇيۇق يول، ئايىقى يوق ھۇنەر. جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىرگۇزەل ياريوق دەپ.تىخنىكا ھۇنەر كەسىپكە مەبلەغ سىلىش، ھىچ بولمىغاندا پايپاق زاۋۇتىچىلىك بىرەر كەسىپ ماڭدۇرۇش. خۇددى مۇسا بايىفلاردەك تىخنىكا ئىلغارلىقنى سىتىۋىلىش ماۋۇلار ئۆلمەيدىغان كەسىپلەر. ھازىرقىدەك كەپتەرۋازلىق قۇشقاچ بىقىش ئاسان چىرايلىق جىلۋە قىلىدۇ. بىراق جەمىيەتكە نىپى ئاز، ئاسان بازاردىن قالىدۇ.