زۇلئاي يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 02:07 PM
ھە راس ! بۇ يەتتە قىزلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى كىم تۇلۇق بىلىد ...
يەتتە قىزنىڭ ئىسمى : مايسىخان ، غۇنچە قىز ، دىلبەر قىز ، زۆھرە گۈل ، قەمبەرنىسا ، گۈلئايىم ، ئەختەرنىسا .
يەتتە قىزنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن نوچىسى يەنە مايسىخان . قەلەمىي ۋە ئەلەمىي ئىشلارغا ماھىرلىقتا ئۇنىڭ ئالدىغا ھېچكىم ئۆتةلمةيدۇ . قايماقتەك سۆزلەپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىچ - باغرىنى مۇمىيادەك يۇمشىتىۋېتىدۇ ؛
غۇنچە قىز ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ زۇۋاندازلىرىدىن ، چىچەنلىك ۋە ھازىر جاۋاپلىقتا ئۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ ؛
كۆپ ۋاقتىنى گۈزەل خىياللارنى سۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئويچان قىز دىلبەرنىڭ شائىرلىق ماھارىتىگە ھەممەيلەن تاڭ قالىدۇ . ئۇ ئويغا پاتقان چاغلىرىدا يىگىتلەرنىڭ كۆزىگە باشقىچە ئوماق كورۈنۈپ كېتىدۇ ؛ چىرايىدىن تاڭدىكى چولپاندەك نۇر تۆكۆلۆپ تۇردىغان زۆھرەگۈل ؛
تەققى - تۇرقى تۈپتۈز ئۆسكەن شەمشادنى ئەسلىتىدىغان زىلۋا بويلۇق قەمبەرنىسا ؛
بۇلاقتەك كۆزلىرى يىگىتلەرنى چۆكتۈرۈۋېتىشكە ئاران تۇرىدىغان شەھلا كۆزلۈك گۈلئايىم ؛
دىللارنى چاڭ كەلتۈرۈپ ناخشا تۇۋلاپ تايچاقتەك قىيغىتىپ ئويناشقا ئادەتلەنگەن بويى ئۆسسىمۇ بالىلىق مىجەزى ئۆسمىگەن ئەركە قىز ئەختەرنىسالارنىڭمۇ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرى بار .