ھۆرلۈك يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 09:00 PM
سىزنىڭ دىسەم ئىنكاس يېزىشقا رايىم يوق،لىكىن ئىنكاسىڭ ...
قىزىق گەپ
قەتئىي ئۈزۈمنى ماختاپ ئەمەس (بۇنداق قىلىش بىلەن ئەسلا خوشۇم يوق) مەن خېلى بۇرۇنلا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ خېلى يۇقىرى قاتلىمىدا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، تارىخ، جۇغراپىئەدىن، جەمئىيەت بىلىمىلىرىدىن خېلىلا خەۋىرىم بار، گەرچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بولمىسىمۇ ئاق قارىنى پەرق ئەتكىچىلىكىم بار.
مەن ناخشا- مۇزىكىغا ھېرىسمەنمۇ ئەمەس، بايراق كۈتۈرۈپ قارشى تۇرۇپمۇ كەتمەيمەن.
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىمنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىز، مەن بەزى بوش ۋاقىتلىرىمدا تورغا چىقىپ بەزى ئاخباراتلارنى، بىلىملەرنى ۋە ئىنكاسلارنى كۈرىمەن، بەلكىم سىزمۇ شۇنداق قىلىدىغانسىز. سىز تور دۇنياسىدىكى تېما ۋە ئىنكاسلارغا ئوبدان قاراپ بېقىڭ، كۆپلىگەن ئىنكاسلار تىللاش، غاجاش، ئاغرىنىش...تىنلا ئىبارەت، ئىلمى ئاساسى يوق، ئىنكاس يازغۇچىنىڭ قانچىلىك سەۋىيىسى بارلىقىنى ئىنكاسىدىنلا كۈرىۋالغىلى بۇلىدۇ، تېخى بەزىلىرى يوق، تۇترۇقسىز مەزمۇنلار ئۈستىدە تالىشىپ، تىللىشىپ كەتكەن. بۇنداق قىلىپلا ئىشنى پۈتۈنلەي ھەل قىلغىلى بۇلامدۇ.
ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللى ئالاھىدىلىكى، ئىقتىسادى، مەدىنىيىتى بار، مەن ناخشا- ئۇسۇلچىلارنى، سەنئەتنى چوڭ بىلىپ كەتمەيمەن، لېكىن 10 مىليۇن نۇپۇسى بار بىر مىللەتنىڭ بىر- ئىككى سەنئەت پىروگىراممىسى بولغىنىنى خاتا دەپمۇ كەتمەيمەن.
بەزى گەپلەرنى ھەقىقەتەن ئارتۇق يېزىپسىز، بۇ گەپلەرنى «ئۆزىنى سىگانلارغا سېلىشتۇرىۋاتقان، يوق يەردىن ئۆزىگە سەنئەتخۇمار مىللەت دىگەن ناملارنى قۇيىۋاتقان، تورغا كىرىۋېلىپلا كىم ئۇچرىسا شۇلارنى غاجايدىغان»لارغا دىسىڭىز بۇلىدۇ.
سىزنىڭچە مۇشۇ تورغا كىرىۋېلىپلا قارىسىغىلا دىن، مىللەت دەپ توۋلايدىغانلار ئەڭ مۆمىن، ئەڭ مىللەتسۈيەر ھىساپلىنامدۇ،
مىنى تېخى «ئاخبارات قۇربانى» دەپسىز بەك كۈلگۈم كەلدى، نىمىگە ئاساسەن شۇنداق دىگەنسىز ھە؟ سىزنىڭ بىرەر نەرسىنى قانچىلىك ئويلىيالايدىغانلىقىڭىزنى بىر قەدەر ھىس قىلدىم، مەن بۇرۇنقى ئىنكاسمىدا ئۈچ بۈلەك خەت يازدىم، ھەممىنى ئوبدان ئوقۇپ، ئوبدان ئانالىز قىلىپ بېقىڭ، مەن ئەمەلىي ئەھۋالنى سۆزلىدىم دەپ قارايمەن.
======
ئەزىز قېرىنداشلار، تىللاشمىساقمۇ، غاجاشمىساقمۇ ئىنكاس يازغىلى بۇلىدۇ، توردىلا ئاتالمىش مىللەتسۈيەر بولماي، بىلىم- ئىتىقادنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيراق بۇلايلى.
تار مەنىدىن ئېيتقاندا ئۆزىنى سۆيگەنلىك مىللەتنى سۆيگەنلىك، ئائىلىنى سۆيگەنلىك ۋەتەننى سۆيگەنلىك بۇلىدۇ، شۇڭا ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى.
رەھمەت