alenur يوللىغان ۋاقتى 2013-8-13 10:57 PM
چۈشىنەلمىگىدەك گەپ يوققۇ ئۇ جەينەمازنىڭ كەشىپ قىلنغا ...
«...ناماز ئوقۇيدىغان ئادەم ھەر قانچە بولسىمۇ قىبلىنى بىلمەي قالماس دەپ ئويلايمەن...» ئەگەر سىز پەقەتلا بېرىپ باقمىغان جايلارغا بارسىڭىز، ھاۋا ئوچۇق ئەمەس ياكى كېچىلەردە چوقۇم قىبلىنى بەلگىلىشىڭىز تەسكە چۈشىدۇ.
ئۈرۈمچىنىلا مىسالغا ئالساق، ئۈرۈمچىدىكى قۇرۇلۇشلار ئاساسەن قىپاچ سېلىنغان (ياكى غەربى جەنۇبقا ياكى غەربى شىمالغا). شۇڭا بۇنداق ئىشلار ئۈرۈمچىدە ناھايىتى كۆپ ئۈچۈرايدۇ. ھەتتا بىر ئۆيدە بىرنەچچە ئادەم ھەر تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇغۇننى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. بۇ ئۇلاردىكى دىنغا قارشى چىققانلىق ياكى بىدئەتلىك ئەمەس، بەلكى قىبلىنى پەرقلەندۈرەلمەسلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئىشلارغا ساياھەتكە كۆپ چىقىدىغانلار، سىرتتا كۆرۈپ تىجارەت قىلدىغانلار... ئىشقىلىپ يۆتكۈلۈپ يۈرۈپ ئىش بىجىرىدىغانلارغا نىسبەتەن قىبلىنى تېپىش مۇھىم بىر مەسىلە. شۇڭا مەسىلىگە ئاددىيلا نۇقتىدىن قارىساق بولمايدۇ.