mercury يوللىغان ۋاقتى 2013-8-24 09:20 PM
تىرىشچانلىقىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىكەن . لىك ...
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم، مېنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشۇم ھەقىقەتەن بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى، مېنى مۇشۇنداق تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشتۈرگەن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىمەن، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش مېنىڭ قىممەت قارىشىم. بۇنىڭغا قانداق قارىسىڭىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.
مەمۇرلۇققا كەلسەك بۇ مېنىڭ نىشانىم ئەمەس، بەك چوڭ بىلىپمۇ كەتمىدىم. مېنىڭ ئاخىرقى نىشانىم يەنىلا ئىلىم ئۆگىنىش، تا ئۆلگەنگە قەدەر داۋاملىق ئۆگىنىش.
مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بەرگەن باھايىمغا كەلسەك ئوقۇتقۇچىلار ئادەم تەربىيىلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن يالغۇز ئوقۇغۇچىلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جەمىئىيەتكە ئەخلاق پەزىلەت جەھەتتىن ئۈلگە بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىللە ئىشلىگەن، مەن ئۇچراتقان ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە پەزىلەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بەكمۇ ئاز، ئەخلاقسىز، مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچىلار نىسبەتەن كۆپ، بۇنىڭغا تولۇق ئاساسىم بار، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى ماختىغىلى ھەقىقەتەن تىلىم بارمايدۇ.
دۇنيانى باھالاش، چۈشىنىش ئۆلچىمىگە كەلسەك ھەركىمنىڭ ئۆلچىمى ھەرخىل، بەلكىم سىزنىڭ ئۆلچىمىڭىزگە چۈشمەي قالغان بولسام كېرەك. بۇنىڭغا ئارتۇقچە باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولمىغايسىز. دېگەن گەپلىرىم سىزگە تېگىپ كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلارسىز. ئاللاغا ئامانەت.