خوتەن قاشتېشىنىڭ سىرتى بىلەن ئىچى ئوخشاش بولىدۇ.بىۋاستە ياكى كۈچلۈك نۇرلۇق قول چىراق بىلەن ئىچىنى كۆرگىلى بولىدۇ.پەقەت خوتەن قاشتېشىنىڭ تاش تېرىلىق قاشتېشى (شىباۋيۈ) دىگەن تۈرىدىلا بىرئاز تەۋەكۈلچىلىك مەۋجۈت.قىمار مەۋجۇت ئەمەس.
قېرىنداشلار دەۋاتقان تاش قىمارسى بولسا بېرما دۆلىتىدىن چىقىدىغان فېيسۈي قاشتېشىنىڭ ئەسلى تېشى بولۇپ بۇ تاشلارنىڭ ئىچىدىن قانچىلىك قاشتېشى چىقىدىغانلىقىنى ھازىرقى ھۈنەر-سەنئەت بويىچە ئىلمىي ھالدا تەكشۈرۈپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى يوق.شۇڭا بۇ تەۋەككۈل قىلىدىغان تاش ئۇيۇنى بولۇپ بۇ ئويۇننى ئوينىغۇچى ئۆز رازىلىقى بىلەن بۇ قىمارنى ئوينايدۇ.ئامىتىگە قاشتېشى چىقىپ قالسا بېيىپ كېتىدۇ،بولمىسا بۇ بىر ئويۇن.بۇ خىلدىكى ئۇيۇن جەمىئەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدىغان كىشىلەر ئوينايدىغان بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش خارەكتىرىنى ئالغان ئۇيۇن.ئىچكىرىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان ھەممىلا شەھەردە مەخسۇس مۇشۇ ئۇيۇن مەستانىلىرى بار.ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيۇن قائىدىسىنى بىلمەيلا بۇ ئۇيۇننى ئويناپ قېلىشى بىر پاجىئە خالاس!
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئۇيۇندىن يىراق تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!
قاشتېشى ھەققىدە ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشەي دېسىڭىز ئۇيغۇر قاشتېشى تورىدا كۆرىشەيلى!
مەزكۇر ماقالىنى تەرجىمە قىلغۇچى:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى-ئەقىدە قاشتېشى دۇكىنى
تور بەت ئادرېسىمىز:
WWW.UYHQT.COM