1.مېنى پاكا كۆرەۋاتامسەن دەپ زاغرا چىقتى مانا ئىگىزگە، ئەمدى ھىچكىم بوش كۆرمەيدۇ ...
پاكا دىمەڭ پاكانى،
ئېپى باردۇر ھەر ئىشقا.
مانا بويى يەتتىغۇ،
سىزدىن ئىگىز تۇرۇشقا.
2. 太阳 (قۇياش قىز) بۇ بېلىق بەك يامانكەن-ھە...
بېلىق تۇتۇپ قۇياش قىز، چۆرگىلدى ئالامەت. بېلىق قوغلاپ كەتكەچكە، ھەجەپ قاچتى كارامەت.
3. ھازىر كاككۇك دىگەن ئۇستا ئىگىزگە سەكرەش ماھىرى بوپ كەتتى...
كاككۇك ئۇستا سەكرەشكە، سەكرەپ قالسا چۈشمەيدۇ.
مىنىۋالماي چۈشمەمسەن،
تېرنېر كۈندە سۆزلەيدۇ.
4. نازىلە998 توكسىكىلىت مىنىشكە بەك ئۇستا، ئۇچۇپ تۇرۇپ يەرگە چۈشەلەيدۇ...
موتو مىنىپ نازىلە،
ئۇچار قىزدەك بولماقچى.
مانا راستلا ئۇچتىغۇ،
يەنە قايتا ئۇچماقچى.
5. ئەلشاھ بىلەن غاز بەك چىقىشىپ قويىدۇ...
ئەلشاھ ۋە غاز يېقىن دوست،
سىردىشىدۇ ھەركۈنى.
غازمۇ ئامراق ئەلشاھقا،
تارتىپ قويار بۇرنىنى.
6. ئۇيغۇنجان ئوت ئۆچۈرۈشكە بەك ئۇستا-بەك ئۇستا...
بۇمۇ ھۈنەر ئوت كەتسە، تۈكۈرگىدە ئۆچۈرۈش. ئۇنى ئىزدەڭ ئوت كەتسە، قىلمايسىز ئۆي كۆچۈرۈش.
7. كەترەن بىلەن يولدىشى بىر-بىرىگە بەك ئامراق-بەك ئامراق...
شېرىن ۋەدە بەرگەنتى، ئارمان ۋىسال يەتكۈچە. "سېنى گۈلدەك باقىمەن، سەن يامانلاپ كەتكۈچە" مانا ئامراق بولدىغۇ، قوللار يېتىپ چاچقىچە.
8. خەندانجان ھەيران قالماڭ، دادىڭىز ئۆزى چۈشۈشكە ئامراقكەن، شۇڭا ئالدىراپ كەتكەن گەپ...
ئۆزۈڭ چۈشەي دىگەنمۇ، مېنى چۈشكىن دىگەنمۇ. مەن قېپ قېلىپ بۇ يەردە، ئۆزۈڭ چۈشۈپ كەتتىڭغۇ... 9. ساھىپجامال بەك چىرايلىق مېڭىپ قويىدۇ...
ساھىپجامال بىر قىز بار،
مېڭىشلىرى ئۆزگىچە.
كەتمەس يەردە مېڭىپلا،
مېڭىپ قويار كۆلگىچە.
10. ئۇيغۇرجان تاختىدا سۇ ئۈزۈشكە بەك ئۇستا جۇمۇڭلار...
ئۇيغۇرجاننىڭ ئېپى بار، ئۈزەلەيدۇ سۇدىمۇ. دېڭىز سۈيى ئاز كېلىپ، ئۈزۈپ باقار قۇمدىمۇ.
11. ئىشچان ئىختىيارى مۇخبىرىمىز رىناتسن مۆكۈنۈپ تۇرۇپ خەۋەر توپلىماقتا...
خەۋەر توپلاپ رىناتسن،
ۋودى بولدى ھەر يەردە.
ئەجىر سىڭگەن جاپالىق،
ئۇ توپلىغان خەۋەرگە.
12. ئاق يوپۇرماق ھەم تىرىشچان ھەم ئەقىللىق قىز...
زاپاس تۇرار چېچىدا، بىلىم قورال ئەمەسمۇ. بىر چالمىدا ئىككىنى، مودا چاچ قىپ سوقۇشمۇ.
13. شاتئايغا ئۇيقۇ كەلسە بەك كېلىدۇ دىسە...
شاتئاي دوختۇر كېچىسى، خەلق ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. ئۇيقۇ كەلسە ھەر جايدا، قېنىپ-قېنىپ ئۇخلايدۇ.
14. ھازىر شۇمتەكلەرنىمۇ بوش كۆرمەڭ، ئاقسالىقتا چوڭ باللاردىن قېلىشمايدۇ...
شۇمتەككىمۇ جىياۋتوڭ با،
فاكۇەن تۆلەر چاۋسۇغا.
جىياۋتوڭ كەتسە شۇزامات،
بىر چىقماقچى گاۋسۇغا.
15. ئەپچىلەم قاچانلا قارىسا ماندا ئەپچىللىك قىلىمەن دەيدۇ...
ئەپچىلەم قىز كەلتۈرۈش كويىدا، بولدى يالغان يىقىلىش ئويىدا. ئەمما قىزلار قارىماي كەتكەندە، سەت چۈشتىغۇ يىقىلىپ ئوڭدىغا.
16. رىزۋانگۈل بىلەن سۈمەييە ئامراق دوستلاردىن...
قىزىقچىلىق قىلىشىپ، ئايىمايدۇ كۈلكىنى. يىگىتلەرنى رام قىلىپ، ئا ئۇرغۇزار ھەركۈنى.
17. سەنەمجان چېچىم يەنىمۇ ئۇزۇن ئۆسسۇن دەپ، ھەر كۈنى چېچىنى تارتقۇزىدۇ...
ئۆستۈرۈشكە ئۇزۇن چاچ، ئويلاپ تاپتى بىر ئەقىل. راس ئۆسىدۇ تارتقۇزۇڭ، قىلىپ بېقىڭ بىر نەقىل.
18. گۈلبەرگى0999 غا ھالقا بەك يارىشىپتۇ...
ماندا ھالقا سالسىمۇ،
بولىدىكەن چىرايلىق.
ئەتۋەركىدە سالسىمۇ،
بولىدىكەن قولايلىق.
19. غالىبجان توپقا بەك مەستانە-بەك مەستانە...
توپقا ئامراق غالىبجان، شۇڭا توپتەك بولغاندۇ. ئۆزى بىر توپ، پۇتتىمۇ، توپنى تېپىپ ئۇتتىمۇ.
20. يۇلتۇز دەردىنى تاماقتىن ئالىدۇ مۇندا...
يۇلتۇز دەردى بەك يامان، ئاچچىقىنى ئېپ ئاشتىن. كىم كەلتۈرسە ئاچچىقى، پۈركۈيدىغۇ بىر باشتىن.
21. جېلۋە بىلەن كەچۈرقىز بىز كەينىدە قېپ قالدۇقما دەپ دومسىيىپ كېتىپتۇغۇ...
دومسايسىمۇ كۆيدۈرەر، يىگىتلەرنى رام قىلىپ. لېكىن، ئاش ئەتكەندە دومسىيىپ، قويماڭ ئاشنى خام قىلىپ.
22. مەن يوقكەنمەن دەپ خاپا بوپ كەتمەڭلار جۇمۇ، سىزلەرگىمۇ ئىنكاستا بار...
مەن يوقكەنمەن دىمەڭلار، ھەممە خوشال كۈلەيلى! كىمكى تۈرسە قاپاقنى، قوشاقلاردا دۈملەيلى.
مەنبە: تورداشلارغا ئازراق چاخچاق ئېلىپ كەلدىم، قوشاقلاردىن قورساق ئاغرىمىسۇن، چاخچاقلاردىن كۆڭۈل ئاغرىمىسۇن ! ۋاقتى بارلارنىڭ ئۆزارا بىرگە قوشاق توقۇشۇپ، خاپىلىقلارنى ئۇنتۇشۇپ، ئاز بولسىمۇ يامبۇلاردىن تۇتۇشۇپ، مىسرانىمدا ئانچە-مۇنچە كۈلكە ياڭرىتىپ تۇرۇشى ئۈچۈن يوللاپ قالدىم.
|