مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: uyol

ئۇيغۇر ئوغلى : قەشقەر-- مېنىڭ پەخرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 09:31:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر مىنىڭ پەخرىم دىسە قانداقمۇ يۇرتۋازلىق بولسۇن.قەشقەر مىنىڭلا پەخرىم ئەمەس پۈتۈن دۇيانىڭ پەخرى.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12425
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32495
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4487 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 09:36:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2013-8-23 09:24 PM
رەھمەت مۇسلىنە ھەدە......

سىز دەپ بېقىڭا،تېما يۇرۇتۋاز ...

بۇ تېمىڭىزدىن يۇرتۋازلىققا چېتىلىدىغان ھېچبىر مەزمۇنلارنى كۆرمىدىم،ھەرقانداق بىر ئەقلى ئويغاق ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتىنى كۈيلىشى نورمال ئەھۋال...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 09:50:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-8-23 09:36 PM
بۇ تېمىڭىزدىن يۇرتۋازلىققا چېتىلىدىغان ھېچبىر مەزمۇ ...

ئەسلى مەنمۇ شۇ مەخسەتتە يوللىغان ئىدىم،لېكىن يۇقىرىدىكى بىر قىسىم ئىنكاسلار مېنى راسلا ئۈمۈدسىزلەندۈرۈپ قويدى!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12425
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32495
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4487 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 09:52:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2013-8-23 09:50 PM
ئەسلى مەنمۇ شۇ مەخسەتتە يوللىغان ئىدىم،لېكىن يۇقىرىد ...

بەزىبىر ئىنكاسلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن،سۈكۈت قىلىڭ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90350
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 11:37:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەھەرلەر شاھى قەشقەر    ئېسل يۇرىت !

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16661
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6596 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-24 12:15:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ تېمىنى نادىرلاشنى جىددى تەلەپ قىلىمەن .................!!!!!!!!!!!!!

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6787
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1881 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-24 12:19:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-24 11:03:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەشقەر مېنىڭ پەخرىم

مەن بۇ ئەسرىمنى مېنى تەربىيلەپ ئۆستۈرگەن،خسلىتى تولا،ئۇلۇغ ئانا دىيارىمغا بېغىشلايمەن.




ئېھ! نامى ئۇلۇغ،شەپىقىتى چەكسىز ئۇلۇغ كاشغەر، سېنى قانچىلىك تەرىپلىسەم ،ماختىسام ئەرزىيدۇ. چۈنكى سەن شۇ قەدەر خىسلەتلەرگە بايسەنكى، ئۇزاق تارىخدىن بۇيان ئۆز جەلىپكارلىق ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭ ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا مەشھۇر سەن. مەن ساڭا بىر ئۈمۈر رەھمەت ئېيتىمەن ۋە سەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن. چۈنكى سەم مېنىڭ پەخرىم،شانۇ-شەۋكىتىم.



قەشقەر-سەن مېنىڭ پەخرىم . مەن تاكى تۇغۇلغان تارىپ بۈگۈنگە قەدەر سېنىڭ ساپ ھاۋايىڭدىن نەپەس ئالدىم، ئۇلۇغ تۇپرىقىڭ ئۈستىدە ئۆمىلەپ ماڭدىم. سېنىڭ شۇ سېخي ۋە تۈگىمەس،زەم-زەم سۈيۈڭنى ئىچتىم، مېنىڭ گۈزەل ياشلىق باھارىم سېنىڭ تارىخ بەتىلىرىڭ ئارىسىدا قالدى. مەن يەنە ساڭا قىيماي،سەن بىلەن بىللە داۋاملىق ئىلگىرلىمەكتىمەن.

قەشقەر- سەن مېنىڭ پەخرىم. چۈنكى سەن ئۇيغۇرۇمنىڭ مەدەنىيىتى گۈللەنگەن مۇقەددەس بىر شەھەر! تارىختا،ئۈچ قىتئەگە سۇزۇلغان نامى مەشھۇر يىپەڭ يولى دەل سېنىڭ ئۈستىڭدىن كېسىپ ئۆتكەن. شۇڭا سېنىڭ يىپىەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت دەيدىغان مۇقەددەس نامىڭ بار. سودا-سېتىق ئاجايىپ گۈللەنگەن قايناق بازارلىرىڭغا قانچە كىرىپ قانمايمەن. سودا قىلىپ تويمايمەن. چۈنكى سەن تارىختا ئاجايىپ ساخاۋەتچى سودىگەرلەرنى يېتىشدۈرگەنسەن. ئۇلار ئېزىدا مېڭىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمۈدۈم ئەلۋەتتە.

قەشقەر-سەن مېنىڭ پەخرىم. چۈنكى سەن مەن پەخىرلىندىغان ،ھۆرمەتلەيدىغان، تىللاردا داستان قىلدىغان مەشھۇرلىرىمىز، ئۇلۇغلىرىمىز ياشىغان زېمىن. تۈركىي تىللار دىۋاندىن ئىبارەت دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ قالدۇرۇپ،ئاسىيا دىن ئىبارەت بۇ زېمىننىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان ئۇلۇغ ئالىم،تىلشۇناس مەھمۇت كاشغەرى دەل مۇشۇ زېمىندا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئىزلىرى كاشغىرىمنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا،تاغۇ-بوستانلىرىدا، چۆل-جەزىسىدە قالغان. بۇۋام يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇتادغۇبىلىكتىن ئىبارەت مەشھۇر ئەسىرىنى دەل مۇشۇ يەردە يېزىپ تاماملاپ، بۇنىڭدىن 5 ئەسر بۇرۇن ئەقىل،بىلىم،ئەخلاق قاتارلىقلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئاجايىپ تىللار بىلەن تەسۋېرلەپ، دۇنيا خەلقىنى داڭ قالدۇرغان. يەنە ئابدۇقادىر داموللام ..........قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەرلىرمىز ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە بۇ مۇقەددەس زېمىندا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ ئىزى بېسىش بىزنىڭ مەسئۇليىتىمىز ئەلۋەتتە.

قەشقەر-سەن مېنىڭ پەخرىم. چۈنكى سەن ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس ئورنى. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقىتى چۈشكەن ،مۇقەددەس زېمىن. 500 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ھېيىتكاھ جامەسى قەشقەر شەھرىدە قەت كۈتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس قۇرلۇشى، دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ھېيىتكاھ جەمەسىنىڭ ئالدىدىن ھەر قېتىم ئۆتكىنىمدە،ئىچىگە كىرىپ،ئاللاھقا سېغىنىپ سەجدىگە باش قويغان چېغىمدا ئۈزۈمنى تۇلۇمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىمەن. چۈنكى مەن باش قۇيۋاتقىنى ئۇلۇغ بىر مەسچىتنىڭ توپىسى. چۈنكى مەن باش قۇيۋاتقىنى قەشقىرىمنىڭ تۇپىسى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،نۇرغۇن كىشىلەر ئۆمرىدەە قەشقەر ھېيىتكاھ جامەسىدە بىر قېتىم ناماز ئۇقۇپ،سەجدىگە باش قۇيۇپ،ئاللاھقا سېغىنىشنى تۇلىمۇ ئۈمۈد قىلدىكەنۇ،پۇرسەت بولماي ئارمانسىز دۇنيادىن كېتىپ قالىدىكەن. ھېيىتكاھ مەن سېنى كۈرۈپ تۇرالىغانلىقىمدىن ۋە سەجدەڭگە باش قۇيالىغانلىقىمدىن خۇشالمەن!!

قەشقەر-سەن مېنىڭ پەخرىم. چۈنكى سەندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىناكارلىق مەدەنىيتى چاقناپ تۇرىدۇ. ھېيىكاھ جامەسىنىڭ قۇرلۇشى،ئىچكى بىزىلىشلىرى، ئاپئاق خوجا مازىدىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى، شەرىقى كۆل تەرىپتىكى،شۇ دۇنياۋى مۆجىزىلەر بولغان قەدىمىي ئۆيلەر ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تۇنۇتماقتا. ھەر قېتىم يىڭى بازار تەرەپتىكى شۇ ئايىغى چىقمايدىغان كوچىلارغا كىرىپ-كىرىپ قانمايمەن. شۇ چاسا كوچىلار،جانان كوچىلار مېنى ئۈن-تۇنسىز ئەجداتلارنىڭ شۇ باتۇرانە خىسلىتىدىن،باتۇرلۇقى،جاسارەتلىكىدىن پەخىرلىنىشكە ئۈندىمەكتە ئىدى.

.......

قەشقەر سېنى قانچىلىك تەرىپلىسەم،سېنى قانچىلىك تەرىپلسەم قانمايمەن. سەن مېنىڭ پەخرىم.سەن مەڭڭۈ مېنىڭ پەخرىم!



ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن

2013-8-23

دىيارى كاشىغەر


ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-24 12:40:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارايسىز ،قەشقىرىمگە يۈز كىلەلىگۈدەك ئەسەركەن .                
       
قەشقەرلىك بولغىنىمدىن يەنە بىر قىتىم پەخىرلەندىم ، شۇنداق ياخشى يىزىپسىز،،،رەھمەت تىمىڭىزغا.....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش