boran120 يوللىغان ۋاقتى 2013-8-24 09:35 PM
ياخشى گەپلەركەن. مىنىڭ سورايدىغىنىم ، مۇشۇ تىلېۋېزو ...
ئۇنداق قىلىدىغانلار ئۆزلىرى ئۇيغۇرچە ماركىنى ئەنگە ئالدۇرۇۋىلىپ ئاندىن ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەرگە مەھسۇلات ئىشلەپ بىرىشنى ھاۋالە قىلىدۇ ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان مالنى بىزگە ساتىدۇ. شۇڭا ئىشلەپچىقىرىلغان ئورۇن دىگەن يەردە ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارنىڭ ئىسمى، شىركەت ئادرىسى دىگەن يەردە شۇ ماركىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ ئادرىسى خاتىرىلەنگەن بولىدۇ.
ئەمىلىيەتتە ئىشلەپچىقىرىۋاتقان، بازارغا سىلىۋاتقان تاۋارنى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىشلەپچىقىرىشقا ھاۋالە قىلىش يامان ئىش ئەمەس، يامان بولۇۋاتقىنى ئاشۇ ھاۋالىگە بىرىلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ تەقلىدى ۋە ئوبرازنى ئوغرىلاش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقىنى. مەسىلەن: ماشىنىسازلىق ساھەسىدە بىزدە ئەمدى تېخى ئازىراق ئويغىنىش بولۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ساھەسى دەيمىز، ئىلىكتىرون ئۇپراش ماتىرىياللىرى ساھەسى دەيمىز. بەش خىل مىتال ساھەسى دەيمىز. بىزەكچىلىك ساھەسى دەيمىز ................... تېخى نۇرغۇن ساھەلەر بىزنىڭ يىڭى ماركا، يىڭى ئوبراز بىلەن مىللى خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرگەن ھالدا ئۆزلەشتۈرۈشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. لىكىن ئۇلارغا مەبلەغ سالىدىغان سودىگەر يوق، يەنىلا شۇ پۇل خەجلەپ، ئۇيغۇرنى يىقىتىدىغانغا ئامراق بايلار كۆپ.