sardor يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 09:28 PM
ھە ،بىلىۋالدىم ...رەھمەت
1984-يىلىدىكى ئۇيغۇرچە نەشىرىدىن ئازراق يوللاپ قويدۇم ، تامامەن چۈشەنگىلى بولىدۇ.
ئى ئالىم قاراپ كۆر، بۇگۇنكى زامان-
ئۆزگەردى، ئىش ھالەت پۇتۇنلەي بۇ ئان.
بىلىملىك خار بولدى،چەتلەتتى ئۆزىنى،
ئەقىللىق گاچا بولدى، ئاچماس تىلىنى.
كۆپەيدى ئەل ئىچىرە يامان-پەس كىشى،
ياۋاش بولدى دەپسەندە، چۇشتى بېشى.
يۇزىنى ھاراقتا يۇغان بىناماز -
ئاتالدى يىگىت-ئەر تېپىپ ئىمتىياز.
ھالال يۈتتى ئەمدى، ھارام غولدىدى،
ھارام يىگەن كۆڭۇلنى قارا قاپلىدى.
ھالالنىڭ ئىتىلا قالدى، ئۆزى يوق،
ھارام بولدى قاراقچى،تۇيغۇچى يوق.
قېنى بۇ ھارامنى ھارام دىگۇچى،
ھارامنى قويۇپ بىر ھالال يىگۇچى.
ھارام بىلەن كۆڭلۇم قارا بولدى كىر،
بىلىمگە ئەمەل قىلمىدىم يۇزدە بىر.
جاھان پەيلى پۇتكۇل بۆلەك بولدى، كۆر،
كىشى كۆڭلى تىلدىن بۆلەك بولدى،كۆر.
ۋاپا كەتتى كىشىدىن، جاپا غولدىدى،
ئىشەنچ قىلغۇدەك يا بىر كىشى قالمىدى.
كىچىكتە ئەدەپ يوق،ئۇلۇغدا بىلىك،
قوپاللار كۆپەيدى، يوقالدى سىلىق.
يېقىنلىق بولدى، پۇل-دۇنيا ئۇچۇن،
قېنى ئىش قلغۇچى خالىس، ھەق ئۇچۇن؟
ئامانەت ئېتى بار، قېنى قىلغۇچى،
نەسىھەت سۆزى بار،قېنى تۇتقۇچى.
بىلىملىك قىلالماس دۇرۇس سۆزىنى،
ئۇيات كەتتى، ياپماس ئايال يۇزىنى.
كىشى بارچە يارماق قۇلى بولدىلەر،
كۆمۇش كىمدە بولسا بويۇن ئەگدىلەر.
قېنى بىر دۇرۇسلۇق قىلغۇچى قېنى؟
خۇدالىق ئۇچۇن ئىش قىلغۇچى قېنى؟
جاھان باشتىن- ئاخىر بۇزۇلدى پۇتۇن،
كۆرۇپ تاڭ قالغۇچى ئەر بارمۇ بۇنى؟
مۇسۇلمان ئۆچەكىشىپ، گۆشىنى يىيشۇر،
يېتىپ تىنىچ، كۇپارلار راھەت كۆرىشۇر.
كۆڭۇللەر قېتىشتى، تىللار يۇمشىدى،
دۇرۇسلۇق ئۆزى كەتتى، قالدى ھىدى.
ئېغىرلاشتى تۇرمۇش،كۆپەيدى تەشۋىش،
ئېشىپ كەتتى ھىرىسلىق، ئازلاپ سۆيۇنۇش.
بۇ ھەممە قىيامەت نىشانى ئېرۇر،
نىشانى كۆرۇنسە كېلۇچى كېلۇر.
= = = = =
گۇناكار قۇلۇڭمەن،قىلغىنىم جاپا،
ۋاپالىق ئىگەمسەن، ماڭا قىل ۋاپا.
كەچۇرسەن ئۆزۇڭ بارچە مۆمىننى،
ئۇلار ھۆرمىتى ئۇچۇن ئەپۇ قىل مېنى.
..........