iwirghol يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 10:40 AM
بۇ، مەن ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان كونا مەدرس بولۇپ،چوڭ يول ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەسلى مەچىتنى بۇزۇلغان يەرنى رېمىنۇت قىلىپلا ساقلاپ قالغان بولسا ھە...لېكىن قەدىمى يەرلىرىمىز چېقىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە ئېسىل جايلىرى ئىسىملىرى بىل؛ەن تەڭ يوقۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ....بۇ يىلمۇ ئۆتكەن يىلىدىكىدە بىرمۇنچە ئارماننى،ناھەقچىلىكنى،خۇشاللىق ھەم چوڭقۇر مىھىرلىك ئازاپلارنى ئېلىپ يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم . ئاللاھ ئاسانلىقنى بەرسۇن ھەركىمگە.
ۋاڭ ئوردىسىدىكى مەچىتكە كەلسەك: بىر ئادەم 40 سومكەن. ھەقىقەتەن مەدەني يادىكارلىقلار بار بولغان بۇ ئورۇننى باشقا ئۇسۇل بىلەن ساقلاپ قېلىش تامامەن مۈمكىن ئىدى. يەنى ھويلنى ئىككى قىلىپ مەچىتنى يەنە بىر ھويلىغا ئايرىپ ئېلىپ،ناماز ئوقۇشقا بولىدىغان قىلغان بولسا ياخشى ئىدى.
لېكىن:مەن قەشقەر ھېيتگاھنىڭ مىھىرلىك دەرۋازىسىدىن كىرىپلا ككزلىرىم چەكچىيىپ قالغان.بوغۇلۇپ كەتكەن ئىدىم . مەسچىت ئىچىدە ھەممە مىلەتتىن كىشىلەر بولۇپ،بىر بوش يەردە بىرە يۈزچە كىشى يىغىلىپ ناماز ئوقۇلۇۋېتىپتۇ. ناماز ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئالدىدىن كىشىلەر ئۆتۈپ يۈرۈشىدۇ. يېرىم يالىڭاچ ئاياللاردىن ھەر-مىللەت كىشىلىرى بۇ مۇقەددەس ئورۇندا ئەيمەنمەستىن مېڭىپ يۈرەتتى. مەسچىت ھويلىسىدىن ئىچىگە كىرىپ كۆرگىنىم يەنە ئوخشاش. ئەلەملىك تولغۇنۇپ كەتتىم . يۈسۈپ بوۋىلىرىمىز باشلىق نۇرغۇن كىشىلىرىمىز تاھارەت بىلەن پاكىز دەسسەپ كىرىپ،پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى بولغۇدەق ‹قەشقەر ھېتگاھ›سىنى بىزگە كەلگەندە نىمە قىلىۋەتتۇقكىن. باغرىم كۆيۈپ تۇرۇپ تالىپلارنىڭ ياتاق ئۆيلىرىنىڭ قۇلۇپلۇق ھالدا تولىمۇ كونىراپ كەتكەن ھالەتى،مەسچىت ئىچىدىكى ھەممە قەدىمىلىكلەر،دەرۋازىدىن كىرىپ ئوڭ تەرەپتىكى پەشتاق-ياغاچتىن ياسالغان...كۆزلىرىمدىن ياش چىقىرۋەتكەن ئىدى. دىمەك مەن،ئەنە شۇ ئۇلۇغلىرىمىز ئىشلەتكەن ئابىدىلەرنى تۇتۇپ،كۆرۈپ ھەسسىلەپ قايىل بولغان ئىدىم.
ئۆتكەندە بىر گەپ ئاڭلىدىم.يەنى مالايشىيادا مەچىت ئىچىگە چوقۇم ئىسلامى كىيىملەر بىلەن كىرىش شەرتكەن.يوقلىرىغا ئۆزلىرى كىيدۈرۈپ كۆرسىتىدىكەن. ئۆزىمىز قاتتىق ئەمەل قىلمىغاننى كىشىگە دىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا،بىز ھەم قەدىرلەشنى بىلىشمىز،ئەمىلىلەشتۈرۈشىمىز زۆرۈرمۇ قانداق...؟