apndim يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 11:52 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلشاھ ،،، نىمە ئۇچۇن ‹‹ kuktulpar ...
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۇ تېمىنىڭ ئۈچۈرىلىش سەۋەبىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن، يېقىندىن بېرى خىزمەت دائىرەم كېڭىيىپ كېتىپ تورغا چىقىدىغان ۋاقتىممۇ قىسقىراپ كەتتى، شۇنداق بىر تېما بارلىقىنىمۇ سىزدىن ئاڭلىدىم. ئۈچۈرىلىش سەەۋبىگە كەلسەك باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدا دىغان ئىشەنمەيدىغان ياكى يات دىندىكى كىشىلەر يوق، بولۇپمۇ كەترەن، مارشال، خۇشچىراي، ئەزىزىم... قاتارلىق باشقۇرغۇچىلار دىنى تېمىلارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ ۋاقتىدا چىقىرىپ مېڭىۋاتىمىز. مىسرانىم مۇنبىرىدە باشقا ئوخشاش تۈردىكى مۇنبەرلەرگە قارىغاندا دىنغا ئائىت تېمىلار كۆپ يوللىنىدىغان بولغاچقا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ دىققىتى تارتىلىپ تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. شۇڭا تېما ئۈچۈرگۈچىلەر ئامالسىز قالغان بۇلىشى مۇمكىن. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ھېچقانداق تېما شەخسى ئاداۋەت تۈپەيلى ئۈچۈرۈلمەيدۇ، ھەم بۇنداق ئىش كۆرۈلۈپ باقمدى. ھېچقانداق ئەزا سەۋەبسىز چەكلەنمەيدۇ. ھازىرغىچە بۇنداق ئىشلارمۇ كۆرۈلۈپ باقمىدى. سىزنىڭمۇ توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومېتىتىنىڭ تور ئۇچۇرلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى›› ئېلان قىلىنىپ بولدى. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىڭىز ئىزدەش تور بەتلىرىگە
全国人民代表大会常务委员会关于加强网络信息保护的决定دەپ كىرگۈزۈپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ.
——————
يۇقارقى بەلگىلىمىدە گەرچە دىنغا ئائىت ئالاھىدە ماددىلار بولمىسىمۇ ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھازىرقى مۇقۇملۇق مەسىلىسى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىۋاتقان خىزمەت. ھازىر دىنى پائالىيەتلەرگە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ قانداق پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىمۇ ھەممە تورداشلارغا ئايان. شۇڭا قانون يول قويغان دائىرىدە نورمال دىنى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆزۈڭلارنى ۋە مىسرانىم مۇنبىرى ئاياپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-29 01:22 PM