nazaratqi يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 05:48 PM
دىگىنىڭىز ئورۇنلۇق... مەسلەن؟.....
مەسىلەن :
ئىزدەپ يۈرۈپ مۆكۈنگەننى تاپمىسا،
يا ئويلىنىپ بىر تېپىشماق تاپمىسا،
نادانغا نە مەنا بەرسۇن ھاياتلىق،
ياشاپ ئۇزاق،ھەق يولىنى تاپمىسا؟
بۇنىڭدا «تاپمىسا » دېگەن سۆز « تېپىش » تىن ئىبارەت بىرلا مەنا ئىپادىلەيدۇ .ئەسلى شەكىلداش سۆز دېگەن شەكلى بىر خىل بولسىمۇ ئىپادىلىگەن مەنىسى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . ، مەسىلەن : «چۈش» دېگەن سۆز ئۈچ خىل مەنا ئىپادىلەيدۇ ، گەرچە شەكلى «چۈش» تىن ئىبارەت بىرلا خىل شەكىلدە يېزىلىپ ۋە ئوقۇلسىمۇ ، ئۈچى ئايرىم - ئايرىم ئۈچ سۆز دەپ قارىلىدۇ . يەنى : « پەسكە چۈش » تىكى «چۈش» ، « ئۇخلاپ چۈش كۆرمەك » تىكى «چۈش» ۋە « ئەتىگەن ، چۈش ، كەچ » تىكى « چۈش » . مەن 1-، 2-، 4-مىسرالىرى مۇشۇنداق سۆزلەردىن تەشكىل تاپسا ، ئاندىن تۇيۇق بولىدۇ دېمەكچىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 0999uyghurkizi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-4 04:04 PM