مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bagzada098

سىرلىق سەپەر (2-بۆلۈم)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىد جاسارەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86221
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-10-18
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى داۋامى ، ئەجەپ جىلە بولدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21242
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9245
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 1620 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bagzada098 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-4 10:35 PM
كەچۇرۇڭلار دوسلار ،ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى تۇنۇگۇن كېچە يېز ...

بىزدەك تىلفۇندىن ھىكايىڭىزنى قىزىقىپ ئوقۇۋاتقانلار ئۈچۈن بولسىمۇ خەت شەكلىنى چوڭ قىلمىغان بولسىڭىز ، ئەسەرنىڭ بشىنىڭ خەت شەكلى شۇنداق نورمال ، ئاخىرقى بۆلۈكىنىڭ خەت شەكلى چوڭ تىلفۇندا نورمال كۆرەلمىدۇق !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93273
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-3-14
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسا لامۇ ئەلايىكۇم  دوسىتلا     ئاخىرى قىنى دەيمەن  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19191
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6320
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈچۈن بولسىمۇ خەت شەكلىنى چوڭ قىلمىغان بولسىڭىز ، ئەسەرنىڭ بشىنىڭ خەت شەكلى شۇنداق نورمال ، ئاخىرقى بۆلۈكىنىڭ خەت شەكلى چوڭ تىلفۇندا نورمال كۆرەلمىدۇق !!

http://bbs.basbas.cn/read.php?tid=39669

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97260
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 885
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2013-8-25
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3-قىسىم
مۇرات چاچلىرىنى چىڭ قاماللاپ بىر نوقتىغا تىكىلىپ چوڭقۇر خىياللارغا چۆككەن ئىدى.ئۇنىڭ كاللىسىدا بۇرۇنقى بەخىتلىك تۇرمۇشلىرى مەدىنە بىلەن يۇرۋاتقان چاغدىكى گۈزەل ئەسلىمىللىرى،ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرىغاندىن كىيىنكى كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۇردىغان تۇرمۇشى ،خۇددى تۇيۇقسىز قارا باسقاندەك شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېقىن دوسلىرىدىن ،ئۇنىڭ بارلىقى بولغان مەدىنە ۋە بۇ دۇنيا بىلەن تېخى دىدارلاشماي تۇرۇپ كىتىپ قالغان بالىسىدىن ،قەدىردان ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى بىر بىرلەپ ئەكىس ئىتىپ ئۇنىڭ يۇرىكىنى پارە – پارە قىلىۋەتكەن ئىدى.
مۇراتنىڭ سىڭلىسى قازا قىلغان كۇنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇراتنىڭ ئۇيىگە كىلىش جەريانىدا رەھىمسىز تەغدىر ئېچىنىشلىق ماشىنا ۋەقەسى بىلەن ئۇلارنى مۇراتتىن ۋە بۇ دۇنيادىن مەڭگۇلۇككە ئېلىپ كەتتى ،كەينى –كەينىدىن كەلگەن بۇ كىلىشمەسلىكلەر مۇراتنى شۇنچىلىك ھالسىزلەندۇرۋەتتى .
ئەنە شۇندىن باشلاپ مۇرات كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بىر غەلىتە مەخلۇققا ئايلىنىپ قالدى،ئۇ يولدا ماڭسا كىشىلەر خۇددى بىر قورقۇنۇشلۇق مەخلۇقنى كۆرگەندەك ئۇنىڭدىن يىراق قاچاتتى،ھەتتە بەزىلەر –مۇراتنىڭ سەۋەبىدىن ئۇنىڭ پۇتۇن ئائىلىسى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى،مۇرات تازىمۇ نەس باسقۇر بىرنىمىكەن-دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئۇچۇقتىن ئۇچۇق زەربە بىرەتتى ،يەنە تېخى بۇ ئىشلارنى ھېكايە قىلىپ مۇراتنى ئەشەددى قاتىلنىڭ رولىنى ئالغۇزۇپ ئۇنىڭ سىڭلىسىنى ۋە ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۇردى دەپ ھەرخىل ۋەقەلىكنى ئويدۇرۇپ چىققانلارمۇ بولدى ئەلۋەتتە.
ھازىر مۇرات شۇنچىلىك يالغۇز ئدى،ئۇنىڭ ھازىر نە بىر يېقىن ئادىمى نە بىر دوستى يوق ئىدى ،ھەتتا ئاشۇ پاجەدىن كىيىن مۇراتنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۇنى ئۆز سىڭلىسىنى ئۆلتۇرۇپ ئاتا –ئانىسىنىڭ بېشىغا چىققان قاتىل دەپ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۇزدى.
ئەنە شۇ كۇنلەردە مۇرات شۇنچىلىك جمغۇرلىشىپ كەتتى ،بىراق ئۇنىڭ تۇيۇقسىز تاپشۇرۇپ ئالغان بىر قىسقا ئۇچۇرى ئۇنىڭ پۇتۇن ھاياتىنى كىشىنڭ ئەقلى يەتمىگۇدەك دەرىجىدە ئۆزگەتىۋەتتى .
مۇرات بۇگۇنمۇ بۇرۇنقىدەك ھاراق ئىچىپ تازا مەس بۇلۇپ ئۇيىگە قايتپ كەلدى،يېقىندىن بۇيان ئۇ مانا مۇشۇنداق ھەركۇنى ھاراق ئىچىپ ئۆز ئۇزىدىن ئۆچ ئالاتتى ،ئۇ ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا ئۇزىنى كارۋاتقا تاشلىدى،تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يانفۇنىغا بىر دانە قىسقا ئۇچۇر كەلدى.مۇرات مىڭ تەستە كۈزىنى ئېچىپ قىسقا ئۇچۇرنى كۆردى،ئۇچۇر مەزمۇنى تولىمۇ ئاددى بۇلۇپ –بىزنى قۇتقۇزىۋال –دىگەن سۆزلەر بىلەنلا چەكلەنگەن ئىدى.مۇرات بۇ ئۇچۇرغا ئانچە پىسەنىت قىلىپ كەتمىدى،ئۇ تېلفۇننى تاشلىۋېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى .
مانا بۇ كېچىمۇ قاباھەتلىك چۇشلەر بىلەن ئاياقلاشتى ،ئەمما بۇگۈنكى چۇش مۇرات نەچچە ئاي ئۇدا كۆرگەن ھېلىقى چۇشكە بىر ئاز مۇ ئوخشىمايتى ،ئۇ چۇشىدە ئەسقەر،ئايقىز،مەدىنە قاتارلىقلارنىڭ مۇراتقا شۇنچىلىك تەلمۇرۇش بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى ،ئىككى قارا سايىنىڭ ئۇلارنى ھە دەپ قىيناۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدى.
مۇرات چۇشلىرىدىن ئويغاندى،ئەمما ئۇ مەسلىكتىن تېخى تۇلۇق يىشىلمىگەن ئىدى،مۇرات يۇز كۆزلىرىنى يۇيۇپ بۇلۇپ ئەينەككە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتى ،تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئىسىگە تۇنۇگۈن كەلگەن قىسقا ئۇچۇر كەلدى،ئۇ ئاستا ياتاق ئۆيگە كىرىپ تېلفۇنىنى قۇلىغا ئالدى دە ئۇچۇر تىزىملىكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى،ئاھ خۇدا بۇ نىمە ئىش ،بۇ قانداقسىگە مۇمكىن بولىدۇ،مۇرات كۆزلىرىگە ئىشەنمىدى،تۇنۇگۈن كېچە كەلگەن ئۇچۇر دەل ئەسقەردىن كەلگەن ئىدى،مۇرات ئۇزىنىڭ كۆزلىرىگە پەقەت ئىشەنمىدى،بۇ قانداق سىگە مۇمكىن بولىدۇ،ئەسقەر ئۇچۇرنى قايتا قايتا كۇرۇپ چىقتى خاتاسى يوق بۇ دەل ئەسقەردىن كەلگەن ئۇچۇر ئىدى،ۋاقىت سائىتىمۇ دەل تۇنۇگۈن كېچىنىڭ ئىدى،مۇرات ئىككىلىنىش ئىچىدە قەيسەرنىڭ تېلفۇنىغا تېلفۇن قىلدى ئەمما ئۇنىڭ ئىرىشكىنى بولسا –كەچۇرۇڭ سىز چاقىرغان ئابۇنىت مۇلازىمەت رايۇنىدا ئەمەس-دىگەن جاۋاپ بولدى ،مۇرات بۇگۇن ئىشقىمۇ بارمىدى ئۆيدىنمۇ سىرىتقا چىقمىدى،ئۇ بۇرۇندىن بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىر باشتىن تەپسىلى ئويلاپ چىقتى ،توغىرا ساقچىلار ھەم مۇراتنىڭ ئانىسى شۇ ۋاقىتتا ئورماندىن بىر جەسەتنى بايقىغانلىقىنى ئەمما ئۇ جەسەت پۇتۇن بولمىغاچقا كىملىكىنى پەرىق ئىتەلمىگەنلىكىنى ئېيىتقانلىقى ئىسىگە كەلدى.
-ياق مەن بۇ ئىشلارنى چۇقۇم ئاخىرلاشتۇرىمەن ،بۇ قاباھەتلىك چۇشنى چۇقۇم ئاياقلاشتۇرىمەن –مۇرات شۇنداق دەپ ئۆز-ئۇزىگە پىچىرلىدى.مۇرات ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بۇ ئىشلارنى جەسەت تەكشۇرۇش ئۇيىدىن باشلاش نىيتىگە كەلدى،چۇنكى ئۇ ھېلىقى جەسەتنىڭ ئەسقەر شۇ ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىش قارارىغا كەلگەن ئىدى.
مۇرات مىڭ بىر مۇشاققەتتە جەسەتنى كۆرۇش تەستىقىغا ئىرىشتى ،مانا ئۇ جەسەت ساقلاش ئۇيىنىڭ ئالدىدا ئىدى،گەرچە ئۇ بۇ جەسەتلەرنىڭ ئۇلۇك ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ يەنىلا قورقۇنۇش ئۇنىڭ پۇتۇن ھۇجۇدىنى قاپلىۋالغان ئىدى.
جەسەتكە قارىغۇچىلار مۇراتنى باشلاپ ھېلىقى جەسەتنى كۆرسەتتى ،مۇرات بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن جەسەتكە قارىغۇچىلارغا ۋە مۇرات بىلەن بىللە جەسەتنىڭ ھالاھىيىتىنى بىكىتىشكە كەلگەن ساقچىلارغا كەسكىن تەلەپپۇزدا
-بۇ جەسەت ئەسقەرنىڭ ئەمەسكەن-دىدى
ساقچىلار بۇنىڭدىن بىرئاز ئەجەپلىنىپ قالدى،ئارىدىن بىر ساقچى مۇراتقا سىنچىلاپ قارىغاندىن كىيىن
-مۇرات  سىز بۇنىڭغا جەزىم قىلالامسىز؟بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس –دىدى
-ئەلۋەتتە جەزەملەشتۇرەلەيمەن ،مەن ئەسقەر بىلەن كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئۇنىڭ بەدەنى ماڭا بەش قولدەك تۇنۇش ،ئۇنىڭ بەدەنىدە ئەزەلدىن بۇنداق مەڭ يوق-مۇرات شۇنداق دىگەچ جەسەتنىڭ بۇيۇن تەرىپىدىكى بىر چوڭ قارا مەڭنى كۆرسەتتى .
ساقچىلارمۇ مۇراتقا ئارتۇق گەپ قىلمىدى،شۇ تاپتا مۇراتتا ئۇمۇد ئۇچقۇنى پەيدا بولدى چۇنكى بۇ جەسەتنىڭ ئەسقەر ئەمەسلىكىنى بىلگەن ئىدى.ئۇنداقتا ئەسقەردىن كەلگەن ئۇچۇرنىڭ راس ئىكەنلىكى ئىنىق ئىدى ،ئۇ يازغان ئۇچۇردا بىزنى قۇتقۇزىۋال دىگەن ئىدى دىمەك ئەسقەرلا ئەمەس مەدىنە ۋە ئايقىزمۇ ھايات بۇلىشى مۇمكىن.ئەسقەر بۇلارنى ئويلاپ كۆڭلى بىرخىل يۇرۇپ كەتتى ،ئەسقەر ،ئايقىز ،مەدىنە مەن سىلەرنى چۇقۇم ئىزدەپ تاپىمەن .
مۇرات ئۇ ئورمانغا قايتا بېرىپ ئۇلارنى تېپىش قارارىغا كەلدى.بىراق ئۇ كىم بىلەن بىللە بارىدۇ،كىممۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ئىشقا تەۋەككۇل قىلىشنى خالايدۇ؟ مۇرات ئۇزى يالغۇز بارسىچۇ؟ياق بۇنداق قىلسا ناۋادا بىرەر كىلىشمەسلىك كەلسە بۇ سىرنى كىم باشقىلارغا ئېيتىپ يەنىمۇ جىق كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؟مۇرات ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ساۋاقدىشى ئۆمەردىن  ياردەم سوراش نىيتىگە كەلدى.
مۇرات بولغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىنى بىرمۇ قويماي ئۆمەرگە ئېيىتتى ،ئۆمەر دەسلەپ بىرئاز قورىقتى چۇنكى بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشىنڭ تىنى شۇركەنمەي قالمايتى ،شۇنداقتىمۇ ئۆمەر يەنىلا مۇراتقا ياردەم قىلىش قارارىغا كەلدى،شۇنداق قىلىپ بۇلار يەنە شۇ قورقۇنۇشلۇق سەپەرگە ئاتلاندى.
مانا ئۇلار مەنزىلگىمۇ يىتىپ كەلدى،ئەمما بۇ جاي نەچچە ئاي ئىچىدە شۇنچىلىك ئۆزگۇرۇپ كەتكەن ئىدى،بۇ رايۇننىڭ گۈزەللىكىگە ئاللا قانداق بىرخىل قورقۇنۇشلۇق تۇس بىرىكىپ كەتكەن ئىدى،بىراق بۇيەردىكى ساياھەتچىلەر يەنىلا ئازئەمەس ئىدى.
-مۇرات ئىشىنى قەيەردىن باشلايمىز؟-ئۆمەر شۇنداق دەپ مۇراتقا تىكىلدى.ئۇنىڭ يۇزلىرىدىن بىر خىل قەتئىلىك ۋە جاسارەت ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى،دىمىسىمۇ ئەمەر مۇراتلار بىلەن بىر قارار ئۇقىغان بۇلۇپ كىيىن ھەربىيىللىككە بېرىپ قايتىپ كەلگەن ئىدى،ھازىر شۇ ناھىيىدە خىزمەت قىلاتتى .
-ئەنە ئاۋۇ جايدىن –مۇرات شۇنداق دەپ ئۇدۇلدىكى ئاشخانىنى كۆرسەتتى .
-سىنىزە ،ئىشنى قورساق تويغۇزىشتىن باشلامدۇق؟-ئۆمەر شۇنداق دەپ مۇراتقا قارىدى.
-ھېلى بىلىپ قالىسەن-مۇرات شۇنداق دەپلا ماشىنىدىن چۇشۇپ كەتتى ئۆمەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چۇشۇپ كەلدى.ئۇلار ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇردى ،مۇرات بولسا بىرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك ئەتىراپقا بىرقۇر نەزەر تاشلىدى.ئۆمەر بولسا مۇراتنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن سەل ئەجەپلىنىپ ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇردى.بىرھازادىن كىيىن مۇلازىمەتچى ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى
-خوجايىنىڭلار بارمۇ؟-مۇرات كۇتكۇچىدىن شۇنداق دەپ سورىدى.
-قايسىسىنى دەيسىز تىشىسىمۇ يا ئەركىكىمۇ؟-مۇلازىمەتچى شۇنداق دەپ مۇراتقا بىرخىل نەزەردە قاراپ كۇلۇمسىرەپ قويدى.
-ئەر كىشىنى دەيمەن –مۇرات ھىچبىر ئىپادىسىزلا شۇنداق جاۋاپ قايتۇردى.
-ھە ئۇ ئۆلدى.
-نىمە؟-مۇرات كۇتكۇچىنىڭ سۆزىدىن قاتتىق ھەيران بولدى.
كۇتكۇچى ئەتىراپقا بىرقۇر نەزەر تاشلىۋەتكەندىن كىيىن مۇراتنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى
-نەچچە ئاي بۇرۇن ،ئۇكىشى ئورمانلىقتا قاپاقنى جىق تارتىۋېلىپ تىك ياردىن يېقىلىپ چۇشۇپ ئۇلۇپ كەتتى ،ئەگەر سىلەرگە لازىم بولسا بىزنىڭ لوبەننىڭ ئايالىدا جىق –مۇلازىمەتچى شۇنداق دەپ مۇراتنىڭ مۇرىسىگە يىنىك بىرنى ئۇرۇپ قويدى،
-لوبەننىڭ ئايالى دىگىنىڭىز ئۇلۇپ كەتكەن خوجايىننىڭ ئايالىمۇ؟
-ياق ياق ھازىرقى لوبەننىڭ ئايالى ھە بۇرۇنقىنىڭ دىسەكمۇ بولىدۇ.چۇشەنمىدىڭىزھە ،بىزنىڭ بۇرۇنقى لوبەن قازا قىلىپ 10كۇندىن كىيىن ئايال لوبەن باشقا بىر ئەر بىلەن توي قىلدى –مۇرات قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى ،بۇ ئەمدى نىمىگە ھىساپ ،ئىرىنىڭ كىرپىكىنى قۇم باسماي تۇرۇپ بۇنداق قىلسا قانداق بولىدۇ مۇراتنىڭ بۇ ئايالغا شۇنداق ئاچچىقى كەلدى يۇ ئەمما يەنە ناھايتى تىز بوشاپ كەتتى ،چۇنكى ئۇنىڭسىزمۇ مۇراتنىڭ كاللىسىدا خىيال ئاز ئەمەس ئىدى.
مانا مۇراتنىڭ بىرنىچى ئۇمۇدىمۇ يوق بولدى ،ئۇ ھېلىقى خوجايىندىن يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋاللارنى ئېگىلەپ بېقىش نىيتىگە كەلگەن ئىدى ،ئەمما ھازىر ئۇنىڭغا ئۇزى ۋە ئۆمەردىن باشقا ھىچكىم ياردەم بىرەلمەيتى .مۇرات ۋە ئۆمەر ئورمانلىققا قاراپ سەپەر قىلدى ئۇلار بىرىنچى بۇلۇپ ھېلىقى كەپىگە كەلدى ،ئەمما بۇ كەپىنىڭ ئورنىنى ئاللىقاچان بىر توپىلىق ئېگەنلىۋالغان ئىدى،مۇرات ئۇيان قاراپ بۇيان قاراپ يۇرۇپ ئاخىرى كەپىنىڭ ئۇرۇلۇپ چۇشكەنلىكىنى يامغۇرنىڭ سەۋەبىدىن بۇ لايلارنىڭ ئىرىپ مانا مۇشۇنداق توپىلىقنىڭ شەكىللىنىپ قالغانلىقىنى بايقىدى.
مانا ھەش پەش دىگۇچە ئىككى كۇنمۇ تىنىچ ئامان ئۇتۇپ كەتتى ،ئەمما مۇراتلار ھىچبىر يىپ ئۇچى تاپالمىدى،ئەسقەر قاتارلىقلارنىڭ ھىچبىر خەۋىرى يوق ئىدى ،مۇراتلار بىر كۇنلۇك ئىزدەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ نەچچە كۇندىن بۇيان يېتىۋاتقان مىھمانخانىغا قايتىپ كەلدى .
مۇرات بىلەن ئۆمەر ياتاقتا ئولتۇرۇپ ئەتە نىمىش قىلىشنى مەسلىھەتلىشىۋايتقاندا سىرىتتىن بىر ماشىنىنىڭ قاتتىق تۇرمۇزلانغان كىيىن قاتتىق ئۇرۇلغان ئاۋازى ئاڭلاندى،مۇراتلار يۇگىرەپ سىرىتقا چىقتى ،ئۇلار چۇشكەن مىھمانخانىنڭ ئالدىدىلا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۇز بەرگەن ئىدى.مۇرات يۇگىرەپ كىلىپ يەردە پۇتۇن ئىزايى قانغا بويالغان چاچ-ساقاللىرى ئۇسۇپ چىرايىنى تۇنۇغۇسىز بۇلۇپ كەتكەن ،كىيىملىرى بولسا يىرتىلىپ بەدەنلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئېچىلىپ قالغان بىرىنىڭ يەردە ياتقانلىقىنى كۆردى ،ھېلىقى ۋەقە سادىر قىلغان ماشىنا بولسا ئۇدۇل بىرتۇپ تېرەككە ئۇسكەن بۇلۇپ شوپۇر نەق مەيداندىلا قازا قىلغان ئىدى،ھېلىمۇ نۇرغۇنلىغان ئېچىنىشلىق ئۇلۇملەرنى كۆرگەن مۇراتنىڭ كۆڭلى يەنىمۇ يېرىم بولدى.
-ھەي ئىسىت ،بىچچارە ،ئاخىرى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى –مۇرات تۇيۇقسىز توپلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن بىرىنىڭ شۇنداق دىگىنىنى ئاڭلاپ قالدى ھەمدە قىززىقىپ ئۇ كىشىدىن سورىدى
-سىز بۇكىشىنى تۇنۇمسىز
-ھەئە ،مەنلا ئەمەس بۇ جايدىكى ھەممە كىشى تۇنۇيدۇ،ئۇنىڭ بۇيەرگە پەيدا بۇلۇپ قالغىنىغا نەچچە ئاي بۇلۇپ قالدى ،ھەركۇنى كۇندىزى يول بۇيىدا تۇرۇپ ساياھەتچىلەرگە بۇ يەردە جىن بار قايتىپ كىتڭلار دەپلا يۇرەتتى ،نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ھەركۇنى كېچىسى ئورمانلىقنىڭ ئاۋۇ بېشىدىكى بىر يەدە بىر قەبرىنى قۇچاقلاپ يېغلاۋاتقانلىقىنى ،ھازىرغىچە شۇ يەردىن ئايرىلىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
مۇراتنىڭ كۆڭلىگە بىر ئىش كەچكەندەك بۇلۇپ يۇرىكى ئەنسىز سۇقۇشقا باشلىدى.ئۇ ھېلىقى ساراڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان كىشىنڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ بىر دانە ئۇزۇك ۋە بىردانە يانفۇننى تاپتى .ئاھ خۇدا جېنىم ئاداش ئەسقەر،مىنى كەچۇر ،مەن كىچىكىپ قاپتىمەن .مۇرات شۇنداقدەپ ئۇزىنى ئەسقەرنىڭ ئۇستىگە تاشلىدى ،ئەتىراپتىكى كىشىلەر مۇراتقا ھەيرانلىق نەزىرىدە قاراپ تۇراتتى ،ھېلىقى كىشىلەر ئاغىزىدا ساراڭ دەپ ئاتالغان كىشى دەل ئەسقەر ئىدى ،ھېلىقى ئۇزۇك بولسا ئەڭ دەسلەپ مۇرات قاتارلىقلار سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئەسقەر بىلەن مۇرات بىللە بېرىپ ئايقىزغا ئاتاپ سېتىۋالغان ئۇزۇك ئىدى.
مۇرات بىر كېچە ئەسقەرنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي ئۇنسىز ياش تۇكۇپ چىقتى .ئەتىسى ئەتىگەن شۇ يەردىكى موللاملارنى چاقارتىپ قائىدىللىرىنى تۇگەتكەندىن كىيىن ئەسقەرنى يۇيۇپ ،كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ،ساقال بۇرۇتلىرىنى ئالدۇردى ،مانا شۇ چاغدىلا ئەسقەرنىڭ قىياپىتى مۇراتنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى،بىچچارە قەيسەر ئۇرۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ ئەسقەرنىڭ ئاخىرەتلك ئىشلىرىمۇ ئاخىرلاشتى ،مۇرات ۋە ئۆمەر ھېلىقى كىشىنىڭ دىگىنى بۇيىچە بېرىپ ئەسقەر ئايرىلمايدىغان ھلىقى قەبرىنى تاپتى ،بۇ قەبرە ئايقىزنىڭ قەبرىسى ئىدى ،مۇراتلار ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا دۇئا قىلغاندىن كىيىن قەبرىنى بىرقۇر ئوڭشاپ قۇيۇپ قايتىپ كەلدى،ئەمدىلىكتە مۇراتنىڭ پۇتۇن ئەس يادى مەدىنەدە ئىدى،مۇرات ئۇيلا ئۇيان ئىزدەپ بۇيان ئىزدەپ ئاخىرى مەدىنەنىڭ ئۇچۇرىنى ئالدى ،بۇئۇچۇرنى ئۇنىڭغا ئاشۇ يېزىدىكى بىر ياشتا چوڭ مۇيىسىپ كىشى ئېيتىپ بەرگەن بۇلۇپ بۇندىن نەچچە ئاي بۇرۇن شۇ مەھەلىدىكى بىر ئۇتۇنچى بوۋاينىڭ دەريانىڭ ئۇ بېشىدىن بىر قىزنى تېپىۋالغانلىقى شۇندىن كىيىن ئۇقىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى ،شۇ تاپتا مۇراتنىڭ يۇرىكى چەكسىز خوشاللىققا چۆمگەن ئدى،ئۇ مىڭ بىر جاپادا ھېلىقى بوۋاينىڭ ئۇيىنى تاپتى ،مانا ئۇ ئۇزىندىن ئىنتىزار بۇلۇپ كەلگەن ۋاقىت ئاخىرى يىتىپ كەلدى ،ھويلىدا بىر بۇدۇرۇققىنە ئۇغۇلنى تۇتۇپ ئوتۇرغان مەدىنە سىرىتتا توختىغان ماشىنىغا قارىدى،شۇ تاپتا مەدىنەنڭ ھۇجۇدىنى ئاجايىپ بىر سىزىم ئېگەنلىگەن ئىدى ،ماشىنىدىن چۇشكەن مۇراتنى كۆرگەن مەدىنە ئۇزىنىڭ ھاياجىنىنى باسالماي ھۇشىدىن كەتتى .
مەدىنە بىر ھازادىن كىيىن ھۇشىغاكەلدى ھەم ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ ياش تۇكىۋاتقان مۇراتنى ،نېرىدا ھېلى مۇراتقا ھېلى مەدىنەگە قىززىقىش ئىچىدە قاراپ تۇرغان بالىسى مۇرادىلنى كۈرۇپ يۇرىكى چىكسىز خوشاللىققا چۆمدى.بۇ ئوماق تېخى يېشىغا تەگمىگەن بولسىمۇ ئەمما خېلىلا چوڭ بۇلۇپ قالغان ئىدى،
-مۇرات بۇ راستىنلا سىزمۇ؟
-ھەئە مەن مەلىكەم   سىزنى تولىمۇ سېغىندىم.
جېنىم مۇرات ئۇلار بىربىرىنى مەھكەم قۇچاقلىدى ،كۆزئالدىدىكى بۇ مەنزىرلەرنى كۆرگەن ئۆمەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياشلار تۇكۇلۇپ كەتتى .
كىيىن مەدىنە مۇراتقا ھەممە ئىشنى سۆزلەپ بەردى
شۇ كۇنى ماشىنا ھادىسىسىدە مەدىنە دەرياغا چۇشۇپ كەتكەن بۇلۇپ ئۇزىنىڭ قانچىلىك ھۇشسىز ياتقانلىقىنى بىلمەيتى ،كىيىن ئۇ كۇزىنى ئېچىپ ئۇزىنى بىر بوۋاينىڭ ئۇيىدە كۆردى ،كىيىن بوۋايدىن ئۇزىنى دەريادىن تېپىۋالغانلىقىنى بىلدى،بوۋاي ئىزچىل مەدىنەنڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدى،بۇ جەرياندا مەدىنە نەچچە قېتىم بۇ يەردىن كىتىشكە ئۇرۇندى ئەمما ھەر قېتىم ھېلىقى ئەرۋاھلارنىڭ توسقۇنلىققا ئۇچىراپ نەچچە قېتىم ھاياتىدىن ئايرىلغىلى قىل قالدى ،بۇ چاغلاردا بوۋاي دائىم دىگۇدەك ئۇنى قۇتقۇزىۋالدى ،بۇ جەرياندا مەدىنە مۇراتنى بىر مىنۇتمۇ ئىسىدىن چىقارمىدى.كىيىن ئۇ بوشانداى بالىغا مۇراتنىڭ ئىسمىغا يېقىن قىلىپ مۇرادىل دەپ ئىسىم قويدى ،بالا نەچچە ئايلىق بولغاندا بوۋاي كېسەل سەۋەبىدىن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى ،كىيىن مەدىنە بالىغا خەۋىپ يىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قايتا قېچىش نىيتدىن ياندى ،ئۇلار تۇرىۋاتقان مەھەلىدە كىشىلەر خېلى كۆپ بۇلۇپ ئەرۋاھلار ئالدىراپ ئۇلارغا چېقىلمايتى ،كىيىن مەدىنە پۇرسەت تېپىپ مۇراتنىڭ ئۇيىگە تېلفۇن قىلدى ،تېلىفۇننى دەل مۇراتنىڭ سىڭلىسى ئالغان بۇلۇپ ئۇ كۇنى چوڭلار بىريەرگە پەتىگە كەتكەن ئىكەن ،كىيىن مۇراتنىڭ سىڭلسى مۇراتقا بۇ خەۋەرنى يەتكۇزۇش ئۇچۇن بېرىپ ھېلىقى قورقۇنۇشلۇق ۋەقەگە ئۇچىراپتۇ ،شۇندىن كىيىن مەدىنە مۇراتنى ئىزچىل ساقلاپتۇ ئەمما ئۇنىڭدىن جاۋاپ كەلمەپتۇ ،ئىككى كۇن بۇرۇن مىدىنە سۇغا چىقىپ سۇ بۇيىدا ئۆز –ئۇزىگە سۆزلەپ ئولتۇرغان بىرىنى كۇرۇپ قاپتۇ ،كىيىن ئۇكىشى كىلىپ مەدىنەگە تۇنۇشلۇق بىرىپتۇ ئۇكىشى دەل ئەسقەر ئىكەن ،ئەسقەر شۇ كۇنى تۇنۇگۇن ساياھەت رايۇنى ئالدىدىكى ئاشخانا ئالدىدىن ئۇتۇپ كىتىۋېتىپ مۇراتنى كۆرگەنلىكى ئەمما ئۇنىڭغا قانداق تۇنۇشلۇق بىرىشنى بىلمىگەنلىكىنى كىيىن ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۇشۇپ ئۇلار چۇشكەن مىھمانخانىنى بىلگەنلىكىنى بۇگۇن كېچى مۇراتنى ئىزدەپ بارىدىغانلىقى ئېيتىپ كىتىپ قاپتۇ . مەدىنە مۇراتنىڭ كەلگەنلىكىدىن تولىمۇ خوشال بۇپتۇ ،ئەمما يا مۇراتنىڭ يا ئەسقەرنىڭ خەۋىرىنى ئالالماي تىتىت بۇلىۋاتقاندا مۇراتنىڭ كەلگەنلىكىنى بىر بىرلەپ سۆزلەپ بەردى.
مۇرات مەدىنەنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا شۇنداق ئىچى ئاغىردىدە ئۇنى باغرىغا چىڭ باستى
-مىنى كەچۇرۇپ مەدىنە ئەمدى مەن سىزدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلمايمەن
مۇرات شۇنداق دەپ مەدىنەنى چىڭ قۇچاقلىدى،دەل شۇ چاغدا قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن پىچاق دەل مۇراتنىڭ ئىككى قېشىنىڭ ئوتتۇرسىغا قادالدى،مۇرات ئۇنتۇنسىز بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى ئۇنىڭ ھەتتا ئاخىرقى قېتىم بالىسى چىن مىھرى بىلەن قۇچاقلاشقىمۇ پۇرسەت بولمىدى،مۇراتنىڭ مەدىنەنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە جىمىپ كەتكىنىنى سەزگەن مەدىنە ھىچنىمىنى خىيال قىلالمىدى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بوينى قاتتىق ئېتىشتى يۇ شۇ زامان توختاپ قالدى ئەمما بۇ چاغدا مەدىنە ئاللىقاچان ئاغىرىقنى سىزەلمەس بۇلۇپ قالدى ئۇنىڭ كۇزىنى يۇمىشى بىلەن تەڭ ئۇزۇلگەن باش يەرگە دومىلىدى،بىر چەتتى قاراپ تۇرغان ئۆمەر بولسا كۆزلىرىگە ئىشەنمىدى ھەمدە كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ يەرگە يېقىلىپ چۇشتى .
خاتىمە:
كىيىن شۇ مەھەلىدىكى كىشىلەر مۇرات ۋە مەدىنەنىڭ جەسىدىنى شۇنداقلا يۇرىكى سۇغۇرۋېلىنغان بىر بوۋاقنڭ جەسىدىنى بايقىدى ،شۇ كۇندىن باشلاپ ئۆمەر ئۇزىنى يوقىتىپ ساراڭ بۇلۇپ قالدى ،ئۇ ھېلى كۇلسە ھېلى يېغلايتى ،ھېلى قانداقتۇر بىر نەرسىدىن قورقۇپ كەتكەندەك بىر نىمىلەرنى دەپ يۇگۇرۇپ ئۆز ئۇزىنى ئۇرۇپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالدى ،كىيىن بۇ ساراڭنىڭ ئۇلۇكى ئورمان ئىچىدىن تېپىلدى.
ساياھەت رايۇنىنىڭ باشقۇرغۇچىللىرى بۇ رايۇننى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ ياساش ئۇچۇن بۇرۇندىن بۇيەرگە دەپنە قىلىنغان بائارلىق كىشىلەرنى شۇ يەردىكى مازارغا يۆتكىدى،ئەنە شۇندىن باشلاپ بۇ يەردە نەچچە ئون قەبرە كۆپىيدى،ئەلۋەتتە مۇرات ،ئەسقەر،ئۆمەر،مۇرادىل،مەدىنە،ئايقىز ۋە پادىچى بوۋاينىڭ قەبرىللىرىمۇ بۇ يەردىن ئۇرۇن ئالدى .بۇ قەبرىلەر بۇيەردە ئۇنتۇنسىز ئۆتمۇشنىڭ قورقۇنۇشلۇق ئەسلىممىللىرىنى ئۆزلىرىگە مۇجەسەملەپ شۇ ئىشلارنڭ گۇۋاھچىسى سۇپىتىدە بۇ دالىدا قەد كۆتۇرۇپ تۇرماقتا ئىدى.
كىيىن كىشىلەر ھېلىقى ئىككى ياشنىڭ جەسىدىنى تېپىپ ئۇلارنىڭ نامىزىنى چۇشۇرگەندىن كىيىن يەرلىككە قويدى،شۇندىن بۇيان بۇ ئىككى ئەرۋاھ ئەمىن تاپتى ،بۇ جايغا كەلگەن كىشىلەر ئۇچىرايدىغان پاجىئەلەر ئەنە شۇندىن باشلاپ تامام بولدى.بۇ ئىشلار ناھايتىمۇ تىز شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۇرلۇپ كەتتى ،ھەممەيلەن يەنە ئۆز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە چۇشۇپ كەتتى.
ھېلىقى ئاشخانىنىڭ ئايال خوجايىىنى بولسا بىر يىلدىن كىيىن ساراڭ بۇلۇپ قالدى،ئۇ كىمنىلا كۆرسە :مىنىڭ بۇرۇنقى يولدىشىم مىنى ئىزدەپ كەلدى .ئۇمىنى ئۆلتۇرۋەتىدۇ ،مىنى قۇتقۇزۇڭلار دەپ يال ئۇرۇپ يۇردى ،مەھەلىدىكى كىشىلەر بۇ ئايالنىڭ ئاخىرى نەشە تەرىپىدىن مۇشۇ ھالغا كىلىپ قالغانلىقىدىن ئېچىندى ،بۇ ئاشخانا ئەمىلىيەتتى بىر ئاشخانا بولىسمۇ ئەمما ساياھەتچىلەرنى نەشە،ھاراقلار بىلەن تەمىن ئىتىدىغان بىر قارا ئۇۋا ئىدى،كىيىن بۇ ئايالنىڭ جەسىدى شۇ ئاشخانىنڭ ئالدىدىن تېپىلدى ،ساقچىلار تەكشۇرگەندىن كىيىن بۇ ئاشخانىنىڭ تىجارىتىنى توختىتىپ بۇ ئاشخانىنى پېچەتلىدى،ھېلىقى ئىككىنچى ئەر لوبەننى بولسا قولغا ئالدى.

ئەسكەرتىش.مەزكۇر ئەسەر پۇتۇنلەي تۇقۇلما بۇلۇپ ،ھىچقانداق ئۇرۇن ۋە شەخىس بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ،تورداشلارنىڭ ۋاقىپ بۇلىشىنى سورايمەن .ئۇقۇرمەنلەرگە رەخمەت!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagzada098 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-5 05:52 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97260
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 885
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2013-8-25
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى ياختۇرۇپ ئۇقىغان تورداشلارغا كۆپ رەخمەت ،سىلەرنىڭ تەلىۋىڭلار بۇيىچە ئەسەرنىڭ خەت شەكلى نورمال ھالەتتى يوللاندى ،بۇ خەت شەكلى مىنىڭچە مەيلى تېلىفۇن ياكى كومپىيوتېرلاردا ئۇقۇشقا پۇتۇنلەي ماس كىلىدۇ.ئەسەر مۇشۇ يەردە تامام بولدى ،قوللىغىنىڭلارغا رەخمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97260
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 885
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2013-8-25
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلاردىن سورىسام ھازىر سىرلىق سەپەر ناملىق بۇ ئەسەر ئىككى تېما(بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بۆلۇم)بۇلۇپ ئايرىم -ئايرىم يوللانغان ئىدى ،ئەمما ئەسەرنى ياختۇرۇپ ئۇقۇۋاتقان مۇنبەرداشلانىڭ ئەسەرنى ساقلىۋېلىشى ،ئەسەرنى ئۆزىنىڭ كومپىيوتىرىغا ۋورىد ھالىتىدە ساقلايدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئەسەرنى كۇچۇرۇشىگە قولايلىق يارىتىش ئۇچۇن بۇ ئەسەرنى بىرلا تېمىغا يېزىپ چۇغلىساق مىكىن دىگەن ئۇمۇتمەن ،بۇنى باشقۇرغۇچىلار ھەل قىلامسىلەر ياكى مەن ئايرىم تېمىغا توپلام شەكىلدە يوللامدىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96039
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت! جاپاتارتتىڭىز! بەك ئىچىنىشلىقكەن.

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1077
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 585
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 833 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قورقۇنۇشلۇق ھېكايىلەرمۇ تۈگەپتۇ دەپ     


ئەمدى كېچىسى تالاغا قورۇقماي چىقىدىغان بوپتۇقتۇقدە...........

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91871
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 146
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف ! ئاران  تۈگدى. نۇرغۇن كىشلەرنىڭ جېنىغا زامىن بوپتۇ دە ئۇ ئالۋاستى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش