ۋىجدانى بار ئوغلان قەيەردە
ئەخلاق نەدە، ۋىجدان قەيەردە؟
ئىنسان نەدە، ھايۋان قەيەردە؟
شاراپ بىلەن روزا تۇتىسىەن،
ئېيتە، سەندە ئىمان قەيەردە؟
ئىلغىمايسەن، يەيسەن ھەممىنى،
ھالال نەدە؟ ھارام قەيەردە؟
ئۇيغۇر دىسە، مۇسۇلمان دەيسەن،
مۇسۇلمانلىق مەيدان قەيەردە.
يۈتۈپ كەتسە ئەگەر بىر كالاڭ،
سوراپ كىتسەن كالام قەيەردە؟
سەندە ئىمان يۈتكىنى نەۋاخ،
سورىمايسەن ئىسلام قەيەردە؟
ياخشى نەدە، يامان قەيەردە؟
يامانلارغا زىندان قەيەردە؟
سەندەكلەرنى ئىسلاھ قىلىشقا،
ۋىجدانى بار ئوغلان قەيەردە؟؟؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hayringul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-5 10:19 AM