مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئەرتۇرا

پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 11:57:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ehrami يوللىغان ۋاقتى  2013-9-5 11:30 PM
مۇشۇ ئەردوغان زادى قانداق ئادەم؟ مېنىڭغۇ خەۋەر كۆرگىد ...

ئەردۇغان ھەقىقەتەن بولىدىغان رەھبەر!  ئۇ، دەھرى مۇستاپا كامالدىن باشلاپ دەھرىلىككە قاراپ ماڭغان تۈركىيەنى ئىسلام يولىغا قايتۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ! .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 12:02:42 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ehrami يوللىغان ۋاقتى  2013-9-5 11:30 PM
مۇشۇ ئەردوغان زادى قانداق ئادەم؟ مېنىڭغۇ خەۋەر كۆرگىد ...

 تۈركيە باش منستىرى ئەردوغاننىڭ تەرجىمھالى



ئۇيغۇرچىغا :تاھىر ئىمىن ئاغدۇردى.



رەجەپ تاييىپ  ئەردوغاننىڭ  ئەسلى يۇرتى ئاناتولىيەنىڭ ئەڭ شەرقى شىمالىدىكى رىزە ئۆلكىسى بولۇپ،1954-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئستانبۇلدا تۇغۇلغان.1965-يىلى قاسىم پاشا پىيالە باشلانغۇچ مەكتىۋىنى،1973-يىلى ئستانبۇل ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەن. ئىمتىھان بىرىۋاتقان مەزگىلىدە يەنە ئەييۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىدىنمۇ دىپلوم  ئالغان.ئۇنىۋېرستىتنى مەرمەرە ئۇنىۋىېرستىتى ئېقتىسادى ۋە تىجارى بىلىملەر فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان ئەردوغان بۇ فاكۇلتىتنى 1981-يىلى تاماملىغان.

ياش چاغلىرىدىن باشلاپ  ئىجتىمائى ھايات ۋە سياسەتكە چوڭقۇرلاشنى تاللىغان ئەردوغان، مۇنتىزىم ھەمكارلىق خىزمىتى  ۋە ھەمكارلىق روھىنى ئۆزىگە ئنتايىن كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپ  ئۆگەتكەن پۇتبول بىلەن (1969-1982) ئشتىن سرت شۇغۇللىنىش ئارقىلىق  ئىپادىلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە،بۇ يىللاردا بىر ياش ئىدىئالىست بولۇش سۇپىتى بىلەن  دۆلەت ۋە دۇنيا مەسللىرى ۋە كوللىكتىپ مەسللەرگە  كۆڭۈل بۆلگەن ئەردوغاننىڭ ئاكتىپ سياسىيغا قەدەم ئىلىش دەۋرى باشلاندى.

تولۇق ئوتتۇرا ۋە  ئۇنىۋرستېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مىللى تۈرك  ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى  ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپسىدا ئاكتىپ ۋەزىپە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 1976-يىلىدا (MSP)بايئوغلۇ ياشلا تارمىقى باشلىقلىق ۋەزىپىسى ۋە شۇ يىلى (MSP)ئستانبۇل ياشلار گۇرۇپپىسى باشلىقلىق ۋەزىپىسگە سايلاندى. 1980-يىلىغا قەدەر، بۇ ۋەزىپىلەرنى داۋاملاشتۇرغان ئەردوغان سياسي پارتىيلەرنىڭ ئەسكىرى زەربىسى بىلەن تاقىۋېىتىلگەن 1980-يىلى 12-سىنتەبىر مەزگىلىدە ئالاھىدە بۆلۈمدە بىر مەزگىل مەسلىھەتچى، يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىدى.

    1983-يىلى قۇرۇلغان رەفاھ پارتىيسى بىلەن ئاكتىپ سياسى ھەرىكەتكە قايتىپ كەلگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 1984-يىلىدا رەفاھ پارتىيسى بەيئوغلۇ رايون باشلىقى،1985-يىلىدا بولسا،رەفاھ پارتىيسى ئستانبۇل رايون باشلىقى ۋە رەفاھ پارتىيسى بەيئوغلۇ ناھىيە باشلىقى (MKYK) ئەزاسى بولدى. ئستانبۇل رايون باشلىقى ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن ئەسناسىدا، باشقا سياسى پارتىيلەر ئۈچۈن مودىل بولغان يېڭى بىر تەشكىلى قۇرۇلمىسى بەرپا قىلغان ئەردوغان ،بۇ مەزگىلىدە مەخسۇس ھالدا  ئاياللار ۋە  ياشلارنىڭ سياسىيغا قاتنىششنى ئىلگىرى سۇرىدىغان يىتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئشلىدى.سياسەتنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ ئېتىبارغا ئېىلىنىشى يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى.بۇ خىزمەتلەر ئەردوغان مەنسۇپ بولغان رەفاھ پارتىسيگە 1989-يىلى بەيئوغلۇ يەرلىك سايلىمىدا چوڭ غەلبە ئەكىلىپ،يۇرتقا پارتىيە خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك تىكلەپ بەردى.

1994-يىلى 27-مارت يەرلىك سايلىمىدا ئستانبۇل بۇيۇك شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سياسى ئېقتىدارى، ھەمكارلىشپ ئىشلەشكە ئەھمىيەت بىرىشى،ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئېقتسادى ساھەلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىكى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم مەركىزى شەھەرلەردىن بىرى بولغان ئستانبۇلنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەسللىرىگە توغرا دىئاگنوز قويدى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى يۈز كىلومترلىق يىڭى تۇرۇبا يوللىرى ياتقۇزۇش بىلەن، كىرەكسز ماتىريال ۋە ئەخلەت مەسىلىسى دەۋرنىڭ ئەڭ ئىلغار بولغان قايتا پايدىلىنىش مۇئەسسەلىرىنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن ھەل قىلىندى.

ھاۋانىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ئەردوغان دەۋرىدە تەرەققى قىلدۇرۇغان تەبئى گازغا كۆچۈش پىلانلىرى بىلەن ھەل قىلىنغان بولسا، شەھەرنىڭ قاتناش ۋە تىرانسپورت مەسىسلىسگە قارىتا 50دىن ئارتۇق كۆۋرۈك ،ئۆتۈشمە يول ۋە يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يوللىرى ئنشا قىلىندى.مەنپەئىتى كىينكى مەزگىللەرگە قەدەر سوزۇلىدىغان نۇرغۇن چوڭ پىلانلار ئشقا كىرىشتۇرۇلدى.شەھەر بايلىق مەنبەسىنىڭ توغرا ئشلىتىلىشى ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەقستى بىلەن  ئالاھىدە تەدبىر قوللانغان ئەردوغان 2 مىلىيارد دوللار قەرز بىلەن ئۆتكۇزۇۋالغان ئستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسنىڭ قەرزلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تۆلىدى ۋە بۇ ئارىدا 4 مىلىيارد دوللارلىق مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈردى.بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە شەھەرچىلىك تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر ئاچقان ئەردوغان بىر تەرەپتىن باشقا شەھەرلەرگە ئۆربەك بولۇش بىلەن بىرگە، بىر ياندىن خەلق نەزىرىدە بۇيۇك بىر ئشەنچكە ئېرىشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1997-يىلى 12-دىكابىردا خەلقكە ختاب قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقى جەريانىدا، مىللى مائارىپ مىنستىرلىكى تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا تەۋسيە قىلىنغان ۋە بىر دۆلەت ئاپپاراتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتابتىكى بىر شئېرنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ھەپىس جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ۋە ئستانبۇل بۇيۇك شەھەر بەلەدىيە باشلىقى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتۇرۇلغان.

   رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 4 ئاي تۇرغان جازا ئۆيىدىن چىققاندىن كىين جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تەلىۋى ۋە دىموكراتىك جەريانلارنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە 2001-يىلى 14-ئاۋغۇستتا دوسىتلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى» (Adalet ve Kalkınma Partisi'ni (AK Parti))نى قۇردى ۋە پارتىيە قۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنىڭ قۇرغۇچى ئاساسى باشلىقى بولۇپ سايلاندى.

   مىللەتنىڭ تاللىشى ۋە ئشەنچىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنى تىخى قۇرۇلۇپ بىرىنچى يىلىلا  تۈركىيەدىكى ئەڭ كۆپ خەلق قوللىشىغا ئېرىشكەن سياسىي ھەرىكەت ھالىتىگە ئىلىپ كەلدى ۋە 2002-يىلىدىكى ئاساسى سايلامدا ئۈچتە ئىككى پارلامنىت كۆپ سانلىق ئورنى بىلەن يالغۇز ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان پارتىيە بولدى.

ئۆزى ھەققىدىكى سوت قارارى سەۋەبىدىن 2002-يىلى 3-نويابىر سايلىمىدا مىللەت ۋەكىلى نامزات بولۇشى چەكلەنگەن ئەردوغان، قانۇنى يول ئارقىلىق نامزاتلىق سالاھىيتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 2003-يىلى 9-مارتتا سىېرت ئۆلكىسىنىڭ مىللەت ۋەكىلى يېڭىلىنىش سايلىمىغا قاتناشتى. بۇ سايلامدا 85%ئاۋازغا ئېرىشكەن ئەردوغان 22-نۆۋەتلىك سېرت ۋىلايىتى مىللەت ۋەكىلى سالاھىيتى بىلەن پارلامېنىتقا كىردى.

    2003-يىلى 15-مارتتا باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسنى ئۇستىگە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارلاق ۋە سىجىل تەرەققى قىلىدىغان بىر تۈركىيە ئارزۇسى بىلەن ھاياتىنى مۇھىملىققا ئىگە قىلىدىغان بىر قاتار ئسلاھات تەدبىرلىرىنى قسقا مۇددەت ئىچىدە يولغا قويدى.

دىموكراتىيلىشش، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يولىدا نۇرغۇن مۇساپىلەرنى باستى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەت ئېقتىسادى ۋە خەلق پسخىسكىنى بولۇمسز تەرەپكە بۇراپ كىلىۋاتقان ۋە ئون نەچچە يىلدىن بىرى ھەل بولمىغان پۇل پاخاللىقى كونتىرول قىلىندى. تۈرك لىراسى بۈيۈك ئېتىبار قازاندى. دۆلەتتىن قەرز ئىلىش ئۆسۈم نسبىتى تۆۋەنلىتىلدى. كېشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان مىللى كىرىم تارىخى بىر يۈكسىلىش بىلەن ئۆرلىدى. دۆلەت تارىخىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تىزلىك ۋە زور ساندىكى سۇ توسمىلىرى، تۇرالغۇلار، مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە ئېنىرگىيە توك تارقېتىش زاۋۇتلىرى ئىشقا كىرىشتۇرۇلدى. ماددى پاراۋانلىق ۋە تەرەققىيات ھامىيسدىكى بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتلەر يېڭى تۈركىيەدە دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ساھەلىرىنىڭ كىڭەيتىلىشنى دۇنيانىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆزەتكۇچىلىرى ئەردوغاننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان «ئاۋازسز ئنقىلاپلىرى»سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشتى.

   رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئېتتپاقىغا كىرىش مۇساپىسدە، دۆلەت تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشەببۇسلىرىغا قوشۇمچە قىلىپ، دانا تاشقى سياسەت ۋە جىددى زىيارەت-ئالاقە يولى بىلەن سىپرۇس مەسىلىسنى مەڭگۇلۇك بىر تەرەپ قىلىش ۋە دۇنيادىكى تۈرلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئۇنۇملۇك ئالاقىلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ساھەلىرىدە مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى. بەرپا قىلغان ئومۇمى مۇقىم ۋەزىيەت ۋە ئىچكى دىنامىكىلىق ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى تۈركىيەنى ئۆز رايونىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر مەركەز دۆلەت سۈپىتىگە كەلتۈردى. تۈركىيەنىڭ تىجارەت ھەجىمى ۋە سياسىى كۈچى،پەقەت ئۇنى ئۆز ئىچىگە جۇغراپىيلىك رايوندىلا ئەمەس،خەلقئارادا ھىس قىلىنغۇدەك سەۋىيەدە ئۆستى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2007-يىلى 22-ئيۇلدىكى ئاساسى سايلامدا 46.6% ئاۋاز بىلەن بۇيۇك بىر غەلبە قازانغان ئادالەت پارتىيەسنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ 60-ھۆكۈمىتىنى قۇردى ۋە تەكرار ئشەنچلىك ئاۋازغا ئېرشتى. ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپسنڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا يىقىن 2010-يىلى  12-سىنتەبىردە ئۆتكۇزۇلگەن ئاساسى قانۇن ئۆزگەرتىشكە مۇناسۋەتلىك چوڭ رىفراندۇمدا 58%«قوللايمىز» ئاۋازىغا ئېرىشپ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېتەكچلىك قىلغان ھەرىكەت تارىخى بىر مۇۋەپپەقيەت قازاندى.

2011-يىلى 12-ئيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسى سايلاملاردىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى سايلام بېلىتىنىڭ 49.8%گە ئېرىشپ قايتا بۇيۇك بىر زەپەر قازاندى. 3-نۆۋەت باش مىنىستىرلىك كۇرسىغا ئولتۇرغان ئەردوغان پارتىيسنىڭ سايلام بىلىتىنى ئارقىمۇ-ئارقا 3 قىتىم ئۆستۈرۈپ تۈرك سياسى تارىخىدىكى بىر يېىڭىلىققا ئىمزا قويغۇچى بولۇپ قالدى. تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جامائەت ئارىسدا ھۆرمەتلىنىدىغان يۇقىرى ئورۇنغا چىققان بۇ جەرياندا، باش مىنىستىر ئەردوغان بىر دۇنيا رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن نامايان بولدى. ھازىرمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيتى باش مىنستىرلىك ۋەزىپىسنى ئۆتەۋاتقان باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1978-يىلى ئەمىنە خانىمغا ئۆيلەنگەن ۋە ئىككى ئوغۇل ئىككى قىز 4 بالىنىڭ دادىسى.

مەنبەسى:تۈركىيە ئادالەت تەرەققىيات. تورى.

ۋاقىت ـــ رەھىمس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1458
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10328
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 1390 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 01:33:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىغا بېغىشلايمەن





جاھان ئۇ سىرلارنىڭ كانى ، تىلسىمى ،


ئالىم ئۇ ئەقىلدە سىرلار ئاچقۇچى ،


ئالىملىق شەنىدە باردۇر سەرۋەرى ،


ئۇ شۇنداق چىن ئىنسان ، مەھمۇد كاشغەرىي ،


« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،


ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .



ئۇ يۇلتۇز چاقنىغان جاھان چولپانى ،


ئۇيغۇرنىڭ ئوغلانى ئۆچمەس گۈلخانى ،


قالدۇردى تۈرۈك تىل لوغەت دىۋانى،


ئۇ گۆھەر ، بىباھا ھېكىمەت كانى ،


« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،


ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .



كۆر جاھان ! بۈگۈن ئۇ مىڭ ياشقا تولدى ،


ئىڭڭەلەپ – ئىڭڭەلەپ ئالىم تۇغۇلدى ،


جاھاننىڭ ھۆكەرى ئوپالغا قوندى ،


مەغرىپتىن – مەشرىققە گۈللەر تىزىلدى ،


« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،


ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .



تەڭرىتاغ باشلىدى مەشىرەبنى لىۋەن


بۇلبۇللار چاڭ سالدى ئاراسى چىمەن ،


ھەممە خۇش ھەتتاكى كۆردۈڭمۇ تۈمەن


ھاياجان ئىلكىدە سالماقتا سۈرەن ،


« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،


ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .



ئىسىمداش، قەلىبداش، جىسىمداش قەشقەر


مەھمۇدنىڭ سۆيگۈسى ئاتالغان شەھەر ،


ئەي، قەشقەر! شاھ شەھەر، كېچەيۇ - سەھەر


پەخىرلەن سېنىڭدە تۇغۇلغاچ گۆھەر ،


« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،


ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .



گاھ ئىنسان ئۆتىدۇ بىر بۇردا نان دەپ ،


گاھ ئېنسان ئۆتىدۇ بىر ئۆمۈر جان دەپ ،


گاھلىرى ئۆتىدۇ نەپ ۋە جاھان دەپ ،


مەھمۇد ئۇ ئۆتكەنكەن ۋەتەن ۋەتەن دەپ ،


« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،


ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .



ھاياتلىق بىر سىناق كېلىدۇ تەستە .


كېلىدۇ – كېتىدۇ قانچىسى ئەستە ؟


ياشىغىن مەھمۇدتەك قېلىپ ھەۋەستە


ئىسمىڭنى ياد ئەتسۇن ھەممە بەس – بەستە ،


« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،


ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .



ئۇنۇتماق نۇمۇستۇر ئۇل ئەجداد ئىزى ،


يۇرۇتماق بۇرۇچتۇر ئۇل ئەجداد يۈزى ،


ئىزلەبان مەھمۇدتىن قېزىپ شان نۇرى ،


چىققۇسى تۈمەنلەپ ئوغۇل ۋە قىزى ،


« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،


ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .




ئەسكەرتىش:
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » دىگەن بۇ مىسرا شائېر نۇرمۇھەممەت ئېركىنىڭ شۇ ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.


2008- يىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atabore تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-6 01:34 AM  


جاھالەت ئادەمنى نادان قىلىدۇ، نادانلىق ئادەمنى خار ۋە قۇل قىلىدۇ. خارلىقتا، قۇللۇقتا ياشىغان ئادەمنىڭ ۋەتىنى ۋە تارىخى بولمايدۇ.

*ئاللاھ گۇناھلىر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 1448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8973
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 1943 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 09:04:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىرلاشقا تېگىشلىك

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 09:52:53 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
atabore يوللىغان ۋاقتى  2013-9-6 01:33 AM
مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىغا بېغىشل ...

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ئاتابۆرە قېرىندىشىم، ھەقىقەتەن ھەرجەھەتتىن ۋايىغا يەتكەن نادىر شىئېر بوپتۇ!  بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىنى كۈيلىگەن، ئۇنى تەتقىق قىلغانلار مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىزدىنمۇ ئۇلۇغ شۆھرەتلەرگە ئىگە بولغۇسى! ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 09:53:50 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
atabore يوللىغان ۋاقتى  2013-9-6 01:33 AM
مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىغا بېغىشل ...

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ئاتابۆرە قېرىندىشىم، ھەقىقەتەن ھەرجەھەتتىن ۋايىغا يەتكەن نادىر شىئېر بوپتۇ!  بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىنى كۈيلىگەن، ئۇنى تەتقىق قىلغانلار مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىزدىنمۇ ئۇلۇغ شۆھرەتلەرگە ئىگە بولغۇسى! ......

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7505
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 12:00:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-9-5 02:04 PM
2008- يىلى دۇنيا مەھمۇد قەشقرى يىلى  دېگەننى ئاڭلىغىنىم ...

ماۋۇ ناناخشىنى ئاجايىپ ۋاختىدا ئەپچىللا يوللاپسىز .ئەپچىلەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4489
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 12:06:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىر قىپسىز    رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 01:46:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5uyghur يوللىغان ۋاقتى  2013-9-5 02:01 PM
ئۇلۇغ ئاللا تۇركىيە جۇمھۇرىيتى ۋە تۇرۇك قىرىنداشلىرمى ...

ئاللاھ دىگىنىڭىزدەك بولۇشقا نىسىپ قىلغاي!  ئامىن! .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 01:47:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5uyghur يوللىغان ۋاقتى  2013-9-5 02:01 PM
ئۇلۇغ ئاللا تۇركىيە جۇمھۇرىيتى ۋە تۇرۇك قىرىنداشلىرمى ...

ئاللاھ دىگىنىڭىزدەك بولۇشقا نىسىپ قىلغاي!  ئامىن! .....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش