|
|
|
|
ھەر تىنىق ھايات
سەھەر ئۇپۇق قاپلىغان تۇمان.
شۈركەندۈرەر تەنلەرنى ئىزغىرىن شامال،
كەچكۈزنىڭ قەدىمى كەلدىمۇ يىتىپ.
يېشىللىق سۇلتانى بولدىمۇ قامال،
سارغايدى يۇپۇرماق سارغايدى گىيا.
تۈكۈلۈپ بەرگىدىن چۈشمەكتە لەرزان،
ئاڭلانماس مۇڭلۇق قۇشلار ئاۋازى.
جەنۇپقا سەپ تارتىپ يول ئالدى تامام،
دەرىزە تۈۋىدە چۆكتۈم سۈكۈتكە.
يىراققا كۆز تىكىپ باقتىم خىيالچان،
ھەر پەسىل خىسلىتى ئىكەن ئۆزگىچە.
لەھ چىشلەپ قالاركەن يازغا قانمىغان
قەدىرسىز ئۆتۈپ كەتكەن ئاشۇ دەقىقە.
ئاھ ئەمدى قايتالماس داجىپ كەينىگە،
ھەر تىنىق ھاياتنى قەدىرلەپ ئەمدى.
مەنزىلگە يىتىشكە چۈشتۈم بەيگىگە،
مەنبە :سېخى ئىجادى خاتىرسىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-5 02:40 PM
|
|
|
|
|
|