دوستۇم؛ كەچكۇزدىكى ئەسلىمە ناھايىتى تەسىرلىك چىقپتۇ، « ئانا يۇرت » نى ئوقۇغان چاغدىكى ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ئەسلەتتىڭ !
مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر پۈتكۈل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان مۇھىم ئەسىرى «ئانا يۇرت»تېرىلوگىيەسىنى يېزىش جەريانىدا زىيادە چارچاپ كەتكەنلىگى سەۋەبىدىن، ئۇنى تاماملاپ ئىككى ھەپتىدىن كىيىن، يەنى 1998–يىلى 13–ئاۋغۇست كۈنى ۋاقتسىز ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ چاغدا ئۇ 61 ياشتا ئىدى.
زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى ئېلان قىلىنغان 1956–يىلىدىن باشلاپ ھېساپلىغاندا جەمئىي 40 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىي ھاياتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن مول ۋە قىممەتلىك مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.
ئۇ ھاياتىدا جەمئى تۆت پارچە رومان، 15پارچە پوۋېست، 60پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، 20 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 5پارچە دىرامما ۋە سىنارىيە، 3پارچە ئەدەبىي ئاخبارات، 6پارچە ماقالە، بىر پارچە ئەسلىمە ئېلان قىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xiho تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-9 02:19 PM