nur1510 يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 03:13 PM
شۇنداق قىلشى توغرا مىنىڭچە ئۆي دىگەن ئىككى ئادەم تۇتق ...
دۆلىتىمىزنىڭ نىكاھ قانۇنىدا : ئەر ئاياللار ئاجرىشىپ كەتسە ئۆي - مال بىسات ئورتاق مۈلۈك ھىسابىدا ئىككى تەرەپكە تەڭ بۆلۈپ بىرىلدىكەن . ( ئوتتۇرسىدا بالا بولۇپ قالمىسا ...) ، بىراق چەتئەللەردە قانداقكىن بىلمەيدىكەنمەن .
ئىشلارنىڭ بۇنداق بولىشى شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى تەسىرى .
جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپتە ( شەھەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) كۆپىنچە ئەھۋاللاردا چىقىمنىڭ زور كۆپ قىسمىنى ئوغۇل تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ ، ئۆينىمۇ ئوغۇل تەرەپتىن تەييارلاپ كىرىپلا ئولتۇرغىدەك قىلىپ بىرىدۇ . بەزىلىرى قىزنى چوڭلارنىڭ يېنىغا كۆچىرەپ ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن قىز ئوغۇل بىرلىكتە ئۆي سېتىۋالىدۇ .
ئىشقىلىپ تۇرمۇش تەرەققى قىلىپ ، شەھەرلىشىش قەدىمى تىزلەشكەنچە توي چىقىمى ۋە باشقا چىقىملار ئاۋۇپ كىتىدىكەن .