uqkun5 يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 02:30 PM
ئاز قالدى ۋاپات بولساق كىملىگى قېنى دىيىشكە.
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ. قوشۇمچە قىلىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ: مەنمۇ بۇيىل 2 ئاي پايتەختتە ئۇگۇنۇش ۋە زىيارەتتە بولدۇم. ئوزۇم ۋاقىت چىقىرىپ كۇزۇتۇشلەردە بولدۇم. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەندە نۇرغۇن خىياللار ،ئويلىنىشلار،سېلىشتۇرۇشلار، جاۋاپ ئىزدەشلەر بولدى. مېنىڭچە ئادەم توختىماي ئۇگۇنۇش قىلىشى،تەپەككۇر قىلىشى،ئۆزىنى ھەرجەھەتتىن مۇكەممەللەشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئالى مەكتەپ دېپلومىم بار،خىزمىتىم بار بولدى دەپ شۇكرى - قانائەت قىلىپ ئولتۇرۇش ھەممىدىن قورقۇنۇشلۇق ئىكەن. بىز بىزدىن ئوزۇپ كېتىۋاتقان مىللەتلەرگە قاراپ يېتىشىۋېلىش ئۇچۇن ئىلگىرلىشىمىز،تىرىشىشىمىز،ئۆز- ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك ئىكەن. مەيلى بىز قانچە ياش بولايلى،پېنسىگە چىقايلى يەنىلا ئۇگۇنۇشتىن توختاپ قالساق بۇ بەكمۇ قورقۇنۇشلۇق ئىكەن.