ساياھەتتە
ئوننەچچە يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى ئايروپىلان بىلەن ساياھەتكە چىقىپتۇ.
ئارىدىن بىر ئۆلكە باشلىقى :- مەن يۈز يۈەن تاشلىسام كىم تېپىۋالسا ئېنىقلا خۇش بولىدۇ دەپتۇ.
بىر شەھەر باشلىقى:- يەنىلام 10 يۈەنلىكتىن ئوننى تاشلاپ ئون ئادەم خۇش بولغانغا يەتمەيدۇ دەپتۇ.
ۋىلەيەت باشلىقى:-بىراقلا 100يۈەننى تاشلىغانغا يەتمەيدۇ ،يۈز ئادەم تەڭلا خۇش بولىدۇ ئەمەسمۇ دەپتۇ.
ئۇچقۇچى چىداپ تۇرالماي:- بولمىسا ھەممىڭلارنى تاشلىۋېتىپ ،پۈتۈن خەلىقنى خۇش قىلىۋىتەي؟-دەپتۇ.
ئەمەل
مەلۇم ئۆلكە باشلىقى پارخورلىقى تۈپەيلى تۈرمىگە كىرىپ كېتىپتۇ.ئوغلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالماي تۈرمىدىكى دادىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ دەرت تۆكۈپتىكەن، دادىسى بىر پارچە باغاقچە يېزىپ، ئوغلىنى بۇرۇنقى قول ئاستىدىكىلەرنى ئىزدەشنى ئېيتىپتۇ .
ئوغلى:-سەن بولمىساڭ يازغان بىلەن پايدىسى بارمۇ؟دىگەنىكەن .
دادىسى دەپتۇ:- ھوقۇقۇم بار چاغادا كىمنى باشلىق قىلغۇم كەلسە شۇنى قىلاتتىم،ھازىر مەن تۈرمىدە ،كىمنى تۈرمىگە كىرگۈزۈگۈم كەلسە شۇنى كىرگۈزەلەيمەن،خاتىرجەم بول ئوغلۇم،باغاقچەمنىڭ بۇرۇنقىدەكلام ئۈنىمى بار.
مۇھاببەت
سۇ:-مەڭگۈ سېنى قۇچاقلاپ ياتىمەن،سەندىن مىنۇتمۇ ئايرىلمايمەن.
بېلىق:-مەنمۇ ئىللىق قوينىڭدا بەرگەن ھارارىتىڭدىن مەڭگۈ ھۇزۇرلىنىمەن.
قازان:-قارا ماۋۇ ئىككى ھاماقەتنى،پىشاي دەپ قالغاندىمۇ دىيىشىۋاتقان گېپىنى.
مەنتىقە
ئا:-سەن بىر كالا بىلەن يۈگۈرسەڭ، دەپ باقە، سەن تېز يۈگۈرەمسەن كالىمۇ؟
ب:-ئەلۋەتتە مەن تېز يۈگۈرەيمەن.
ئا:-سەن ھايۋاندىنمۇ بەتەركەنسەن.
ب:-ۋاي ئاللا! كالىدىن ئاستا يۈگۈرسمچۇ ؟
ئا:-ھايۋانچىلىكمۇ بولالمايدىكەنسەن.
ب:-ۋاي خەپ! خەپ! كالا بىلەن تەڭ يۈگۈرسەمچۇ؟
ئا:-ئۇف!!!! ھايۋاندىن نىمە پەرقىڭ!
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا
بىركىشى ئايالى بىلەن ماشىنىدا سەپەرگە چىقىپتۇ.ئۇلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولد كېتىۋاتقاندا ئايالى ئېرىغا:-
ھەي،ماشىنىنى ئېھتىيات قىلىپ ھەيدەڭ جۇمۇ. رادىئودا ئاڭلىتىشىچە بىز كېتىۋاتقان بۇ يولدا بىر ماشىنا قارشى يۆلىنىشتە كېتىۋېتىپتۇ،دەپ تۇرىشىغا . يولدىشى:- نىمە؟بىر ماشىنا قارشى يۆلىنىشتە كېتىۋېتىپتۇ؟ مەن ھەجەپ نەچچە يۈزلىگەن ماشىنىنىڭ قارشى يۆلىنىشتە مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمەنغۇ ،-دېگۈدەك.
سىناق
ئالىملار قەيەرنىڭ ھارىقى ئەڭ كۈچلۈك بۇلىدىغىنى ھەققىە ئىزدىنىپ ، بىرچاشقانغا روسسىيەنىڭ ۋوتكسىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرسا،چاشقاندا ھېچقانداق ئىنكاس يوق........... گېرمانىيەنىڭ بىراندىسىنى ئۇرۇپتۇ،يەنىلام ئىنكاس يوق...........
ئاخىرى شىنجاڭ غۇلجىنىڭ(قەھىرىماننىڭ جاسارىتى)نى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپتىكەن، چاشقان ھاۋاغا ئىككى مۇش تۆت پەشۋا ئېتىپ:- قېنى ما مۈشۈك دېگەن ھارمزادە!..............
ھەممىدىن قىززىقى مۇشۇ ئىكەن جۇمۇ