رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
مۇئەللىملەرگە بېغىشلايمەن بايرىمىڭلار مۇباەرك
مۇئەللىملەر بايرىمىڭلار مۇباەرك،
قۇتلۇق كۈندۈر بۇ كۈنىڭلار مۇبارەك.
سىلەر ئۈچۈن ئالەم كۈلسە ئەرزىيدۇ،
دەستىلەردىن زوق ئېلىڭلار مۇبارەك.
يەر-جاھاننى قۇياش نۇرى يۇرىتسا،
يۇرۇتتىڭلار سىلەر ئىنسان قەلبىنى.
شائىر -ئەدىب كاتتا ئالىم ئنجىنىر،
ئەجرىڭلارسىز يار قىلالماس غەلبىنى.
قولۇڭلاردا تالاي شاگىرت يىتىشتى،
ئاز ئەمەستۇر ئەلگە قوشقان تۆھپەڭلەر.
سىلەرگە خاس بۈگۈن ھۆرمەت تۆرىمۇ،
پەخىرلىنىپ بايرىمىمىز بۇ دەڭلار.
ئىنسانىيەت قەرىزداردۇر سىلەرگە،
شۇنداق تۇرۇپ مىننىتىڭلار يوق يەنە.
ھاردۇقۇڭلار چىقسۇن كۈيگە جۆر بولۇپ،.
مۇئەللىملەر قىلغايسىلەر تەنتەنە.
رۇستەم قاراسۇ...ئاتۇش ..ئالاتاۋچىگرا ئىغزىدا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-10 11:55 AM