1.ئاتنى قۇملۇق ئوڭشايدۇ،ئايال كىشىنى تۇللۇق.2.باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس،كەمبەغەلنىڭ قوپقۇسى.3.باينىڭ بالىسى كارغاكەلمەس،كەمبەغەلنىڭ كالىسى4.يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقاتەگسەبۇرنى قاناپتۇ5.ھالۋىنى ھېكىم يەيدۇ،تاياقنى يىتىم6.قوپقۇدەك ماغدۇرۇڭ بولسائولتۇر7.ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار8.موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە9.كىم ئاخرغىچەكۈلەلىسەشۇكۈلگەنگەھىساب10.يول ماڭساڭ تۈزدىن ماڭ يىراق بولسىمۇ،خوتۇن ئالساك قىزئال مايماق بولسىمۇ11.قاغاقاغېنىڭ كۆزىنى چوقۇمايدۇ12.ئاتتىن چۈشسىمۇئۈڭگىدىن چۈشمەپتۇ13.كېلىنىڭ يامان بولسائوغلۇڭدىن كۆر،كۇيئوغلۇڭ يامان بولساقىزىڭدىن14.كوسىغادوسىت بولماڭ،يىڭى بايغاقەرىزدار15.ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى16.ئەگرى نوغۇچ تاراقلايدۇ،چالاموللام ۋاراقلايدۇ17.كىشى يۇرتىداسۇلتان بولغىچەئۆزيۇرتۇڭدائۇلتاڭ بول18.دوسىت يىغلىتىپ ئېيتار،دۈشمەن كۈلدۈرۈپ19.ئۆز ۋاقتىدايىغلىغان يىغا،بىمەھەل كۈلگەن كۈلكىدىن ياخشى20.ئېشىكى بەش تەڭگە،توقۇمى ئون تەڭگە21.قوينى كىپەككەئال،باققۇچىسىنى ئالتۇنغا22.كاجنى بازارئوڭشايدۇ،ساراڭنى تاياق
ھازىرچەمۇشۇنچىلىك يادىمغاكەلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا awatbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-11 09:51 PM