zanjir36 يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 11:59 PM
ئاياللار غەيۋەتخور كىلۇر ئۇلاردىن تۆتى بىر يەرگە كەل ...
سىز ھەممە ئاياللارنى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ - ھە ، ئاياللارنىڭ غەيۋەتخورلىرىدىن ئەرلەرنىڭ غەيۋەتخورلىرى يامان ، ئاياللارنىڭ يۈزسىزلىرىدىن ئەرلەرنىڭ يۈزسىزلىرى يامان .................
« ئاياللار غەيۋەتخور كىلۇر ئۇلاردىن تۆتى بىر يەرگە كەلسە يىپ بازىرى بولۇر »
ئىنكاسىڭىزدىكى ماۋۇ قۇرنى كۆرۈپ بىر يۇمۇر ئىسىمگە كىلىپ قالدى
تارقىتىش توغۇرسىدا دەرىس ئۆتۈۋاتقاندا بىر ئوقۇغۇچى پروفېسسوردىن سورىدى :
- قانداق قىلغاندا بىر خەۋەرنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە باشقىلارغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ ؟
- تىلىفۇندىن پايدىلانساڭ بولىدۇ ، - جاۋاپ بەردى پروفېسسور
- ئەگەر تىخىمۇ قىسقا ۋاقىتتا تىخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە يەتكۈزمەكچى بولسامچۇ ؟ - سورىدى ئوقۇغۇچى يەنە قايتىلاپ پروفېسسوردىن .
- تىلىۋىزوردىنپايدىلانساڭ بولىدۇ .
- ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەملەرگە ئۇنىڭدىنمۇ تىز يەتكۈزمەكچى بولسامچۇ ؟
- بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىشنى بىر ئايالغا ئىيتىپ قويساڭلا كۈپايە