zanjir36 يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 05:49 PM
بىز نىمە ئۈچۈن سۈرىيە بىلەن چاۋشىيەننى سېلىشتۇرۇپ با ...
سۈرىيە بىلەن چاۋشەن ئوتتۇرسىدا باغلىنىشلىق بىرەر ئالاھىدە ئىش يوق دەپ قارايمەنغۇ،بىراق سۈرىيە ھاكىمىيتى بەك چىكىدىن ئىشىپ كەتتى،بۇنداق ھاكىمىيەت ھامان ئۇزاق پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
چاۋشەندە بولسا ئۆكتىچى بولمىغان بىلەن چاۋشەننىڭ كىرزىسى يامان دەرىجىدە ھازىر.ئەڭ يامىنى ئاشلىق كىرزىسى،چاۋشەن رەھبىرى كىم جۇڭئون غەرىپ دۆلەتلىرى تەرىپىدىن مۇستەبىت دەپ قارىلدىكەن.چاۋشەن زىيارىتى تۇغۇرلۇق ئۇيغۇرچە ژورناللاردا بەزى مەلۇماتلار چىقىپ تۇردىغان بىر چاغلاردا،چاۋشەنگە زىيارەتكە بارغان شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ بىرەر يىرىم بەتلىك ماقاللىرىدە :چاۋشەننىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى دۆلىتىمىزنىڭ 80- يىللىرىدىكى تەرەققىياتىغا ئاران ئۇلىشىپتۇ،تىلپۇن دىگەندەك ئالاقە قۇراللىرى بەزى ئەمەلدارلاردا بولىدىكەن،چاۋشەننىڭ يىزا ئىگىلىىكى ئىشلەپ چىقىرىش ئەھۋالى دۆلىتىنى قامدىيالمايدىكەن،تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئاساسەن دۆلىتىمىزدىن كىرگۈزىدىكەن،پىيۇڭياڭدىكى ئالى دەرىجىلىك مىھمانسارايلىرىنىمۇ شۇ جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەر قۇرغان كەن دىگەندەك مەلۇماتلار بار.
ئۇنىڭسىزمۇ چاۋشەن يىرىم ئارىلىدا يادىرۇسىزلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقان پەيىتلەردە چاۋشەن يادىرۇدىن ۋاز كەچمەسلىك دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قۇغدىغانلىق دەپ جەنۇبى كورىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماي بۇمبىىلارنى ئىتىپ سىناۋەردى،تاس قالدى جەنۇبى كۇرىيە ئامرىكا بىلەن بىرلىشىپ چاۋشەننى تۈزلىۋەتكىلى،لىكىن ئۇرۇشتىن كىيىنكى چاۋشەننى قانداق قۇرۇش ئىشى باشنى كۆپ قاتۇرغاچقا ھەم چاۋشەننىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئىغىرنى كۆتۈرۈپ كىلىۋاتقان دۆلىتىمىز چاۋشەننى ئانچە مۇنچە گەپكە كىرگۈزۈپ قۇيغاچقا ئىشلار مۇرەككەپلىشىپ كەتتى.شۇنىڭدىن كىيىن ئامرىكا ھەر يىلى چاۋشەنگە بىرىلدىغان 320مىڭ توننا ئاشلىق ياردىمىنى توڭلىتىۋەتتى،چاۋشەندە ئادەم ئادەمنى يەيدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى.دىمەك چاۋشەنمۇ شۇ ئۆزىنىڭ دەردى بىلەن.سۈرىيە بولسا ئاكىسى روسىيە بولغاچقا تەخىتتىن چۈشكىلى ئۇنىمايۋاتقان بەشىر قاتىل ھىلىھەم مەۋجۇت.